2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:ختتاي توققۇزىنچى ئورۇندا

2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:جۇڭگو توققۇزىنچى ئورۇندا

8-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە بايراقدار دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاخبارات مەركىزى چايكا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. «ئاسىيا رىقابەت كۈچى دوكلاتى»، «ئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دوكلاتى» ۋە «يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر دوكلاتى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دوكلات رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلات مۇنبەردىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ چوڭ ئىلمىي دوكلات بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتى، E11 ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئەھۋالى، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى رەت-تەرتىپى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئېلان قىلىدۇ. «ئاسىيا رىقابەت كۈچى دوكلاتى»نىڭ ئاسىيا قىتئەسى ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ 2017-يىللىق ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى باھا كۆرسەتكۈچى تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ئورۇندا سىنگاپور، ئىككىنچى ئورۇندا جۇڭگو شىياڭگاڭ، كېيىنكىلىرى تەرتىپ بويىچە كورېيە،  تەيۋەن، ئاۋستىرالىيە،ئىسرائىلىيە، ياپونىيە، يېڭى زىللاندىيە، جۇڭگو، بەھرەين قاتارلىقلار ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇغراپىيىلىك رايوندىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاسىيادا جەمئىي 48 دۆلەت بار،  تەيۋەن، شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننى قوشقاندا جەمئىي 51 ئىقتىسادى گەۋدە بولىدىكەن.   2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىللىق ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى تەرتىپىدە ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاسىيا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ مۇقىمچانلىقى ۋە ئۈزۈكسىزلىكىنىڭ توختىماستىن ئاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. سىنگاپور، جۇڭگو شىياڭگاڭ، كورىيە ۋە  تەيۋەننىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى تەرتىپى 2016-يىلى بىلەن ئوخشاش بولغان بولۇپ، يەنىلا بىرىنچىدىن تۆتىنچىگىچە ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئاۋستىرالىيە،ئىسرائىلىيە، ياپونىيە،يېڭى زېلاندىيە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، بەھرەيىن تەرتىپ بويىچە كەينىگە تىزىلغان بولۇپ، 2017-يىللىق ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى تەرتىپىدە بەشىنچىدىن ئونىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى زىللاندىيە 2016-يىلىغا قارىغاندا ئىككى دەرىجە تۆۋەنلىگەن. ئىسرائىلىيە،ياپونىيە ۋە بەھرەيىن 2016-يىلىغا قارىغاندا بىر دەرىجە ئۆرلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

2030-يىلىغا بارغاندا %1 باي دۇنيانىڭ %66 بايلىقىنى مونوپول قىلىشى مۇمكىن

پە ئاپرېل 26 , 2018
2030-يىلىغا بارغاندا %1 باي دۇنيانىڭ %66 بايلىقىنى مونوپول قىلىشى مۇمكىن

You May Like