تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان: زېلىنىسكىغا بولغان قارىشىم

ئۇكرائىنا پىرېزدىنتى زېلىنىسكى بۈگۈن شەرق ۋە غەربتە ھەققانىيەت ۋە جاسارەتنىڭ سموۋالى.
ئۇ – ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىرادىسگە ۋەكىللىك قىلدى ۋە ئۇنى چىڭىتتى. ئۇ بىر ھەققانىيەت ئىدى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2022- يىلى 22- دېكابىر

 

ئۇكرائىنا پىرېزدىنتى زېلىنىسكى بۈگۈن شەرق ۋە غەربتە ھەققانىيەت ۋە جاسارەتنىڭ سموۋالى.

ئۇ – ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق  ئىرادىسگە ۋەكىللىك قىلدى ۋە ئۇنى چىڭىتتى. ئۇ بىر ھەققانىيەت ئىدى.

ئۇ – دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تاجاۋۋزچى ئارمىيەگە يۈزلەنگەندە، غەرب، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ 2 ھەپتىدە تولۇق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭغا قېچىپ كېتىش ۋە پاناھلىق تەكلىبىنى بەرگەندە، ئۇ «مەن ئۆلۈمگە رازىمەنكى، قاچمايمەن!» دېگەن نۇتۇقى بىلەن ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئارمىيىسنى رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش سپىگە ئۈندىدى.

زېلىنىسكى يەر شارىدىكى مەۋجۇت ھەر قانداق سياسى لېدىردىن يۈكسەك ئىقتىدار ۋە كۈچلۈك ئىنسانىي پەزىلەتنى

نامايان قىلدى، ئۇ بۇرۇن خاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، كەلگۈسدە خاتا قىلىشى ھەم مۇمكىن. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا قارشى ئەڭ ھەققانىي ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قورقۇنچاقلىققا كۆنگەن ياۋروپالىقلار، ئادالەتسزلىككە كۆنگەن شەرقلىقلەرگە جاسارەت ۋە ھەققانىيەت نۇرىنى چاچماقتا.

ئۇ پەقەت ئۇكرائىنا خەلقىنىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۇنياسنى رۇسىيە تاجاۋزۇچىلىرىغا قارشى بىرلەشتۈردى.

بۈگۈنكىدەك كىشلەرنىڭ ھەر قانداق شەخسكە بولغان ئامراقلىقى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان سوتسىيال مېدىيا دەۋرىدە دىپلوماتىك ۋە سەنئەتلىك نۇتۇقلىرى، ئاممىۋى ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇرۇش باشلانغان بىر يىلدىن ئارتۇق مەزگىلدە چارچىماي، تېرىكمەي، ھەر زامان  ئۆلۈم ۋە ھالاكەت خەۋپىدىكى بىر مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئىرادىسى ۋە ئېھتياجىنى دۇنياغا يەتكۈزۈپ، ھەم لېدىر، ھەم باياناتچى، ھەم تەشۋىقاتچى بولدى.

زېلنىسكى – ۋەتەن سۆيۈشنىڭ تىپىك سمۋولى، زېلنىسكى – جاسارەتنىڭ سىمۋولى، لېدىرلارنىڭ سىمۋولى، زېلىنىسكى-قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولى.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇكرائىنا پرېزدىنتى زېلىنسكى 21- دېكابىر كەچتە ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرى دۆلەت مەجلىسدە نۇتۇق سۆزلىدى.

پە دېكابىر 22 , 2022
زېلنىسكى ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرشتى. زىلىنىسكىنىڭ نۇتۇقىدىن پارچىلار:

You May Like