يۈز يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 10 ئايال ئارتىس

10. جوئان كراۋفورد (Joan Crawford)

1904.3.23-1977.5.10 غىچە ياشىغان. جوئان ئاددىي بىر ئارتىسلا ئەمەس، توغرىراقىنى ئېيتقاندا، ئۇ گىگانىت كىنو چولپىنى. ئۇ تۇغما سېھرىي كۈچكە ئىگە، چولپانلىق سالاپىتى ناھايىتى ئۆزگىچە.

 

يۈز يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 10 ئايال ئارتىس

 

10. جوئان كراۋفورد (Joan Crawford)

1904.3.23-1977.5.10 غىچە ياشىغان. جوئان ئاددىي بىر ئارتىسلا ئەمەس، توغرىراقىنى ئېيتقاندا، ئۇ گىگانىت كىنو چولپىنى. ئۇ تۇغما سېھرىي كۈچكە ئىگە، چولپانلىق سالاپىتى ناھايىتى ئۆزگىچە.

ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوقلۇقتىن كاتتا شەرەپكە ئېرىشكۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ھوللىۋودتا ھەقىقىي مەرتىۋىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ قىزى يازغان تەرجىمھال خاراكتېرلىك كىتابىدا ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ئارقىسىدىكى چىرىگەن شەخسىي تۇرمۇشى ئېچىپ بېرىلگەن.

9. مارىلىن دىيترىچ (Marlene Dietrich)

1901.12.27-1992.5.6 يىلىغىچە ياشىغان. ئۇنىڭ لەۋلىرى نېپىز بولسىمۇ لېكىن يەنىلا تەنناز بولۇپ، سوغۇق ئوبرازى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ نېمىلا كىيسە شۇنچىلىك يارىشاتتى.

ئۇ بەك بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، 19 يېشىدىلا كېچىلىك بەزمىخانىدا ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ئۇ كىنو ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان، شۇنداقلا 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق، كۆزنى چاقناتقان چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

8. جۇدى گارلەند (Judy Garland)

1922.6.10-1969.6.22

ئامېرىكىلىق ئارتىس ھەم ناخشىچى. 45 يىللىق ناخشىچىلىق ھاياتىدا ئۇ مۇزىكىلىق دىراممىدا، ئوپېرادا رول ئالغان.

ئۇ بەك تالانتلىق بولغاچقا ئوسكار ئەڭ ياخشى ياش ئارتىس مۇكاپاتى، ئالتۇن شار مۇكاپاتى، گىرەممىي مۇكاپاتى، تونىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاياللار تۆۋەن ئاۋازىغا تەۋە.

7. ئېلزابېت تايلو ر(Elizabeth Taylor)

1932.2.27-2011.3.23

مىسىر خانىشىنىڭ رولىغا چىققان ئېلزابېت تايلور دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى گۆھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكا كىنو تارىخىدىكى ھوللىۋود داڭلىقلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال» دېگەن ناملىرى بار. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ زەڭگەر كۆزلىرى دۇنياغا مەشھۇر.

ئۇ دۇنيادىكى مائاشى تۇنجى بولۇپ مىليونغا چىققان ئارتىس، ئىككى قېتىم ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىر قېتىم ئوسكار ئىنسانىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن داڭلىقلار يېتىشكەن بولسىمۇ لېكىن تېزلا غايىب بولغان، ئەمما تايلورنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان.

6. مارىلىن مونرو (Marilyn Monroe)

1926.6.1-1962.8.5

تەنناز ئايال چولپان مارىلىن مونرو ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرىدىكى ئەڭ داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا مارىلىن مونرونىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى «تەنناز ئايال چولپان».

مارىلىن مونرو 50~60-يىللاردا دارىلئېتامدىن چىقىپ ھوللىۋودتا داڭق چىقارغان. 36 يېشىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈۋېلىپ، مەستانىلىرىنى ھەسرەتتە قويغان. ئۇنىڭ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان رول ئېلىش ماھارىتى مەستانىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان بولۇپ، ئۇ تەننازلىق ۋە مودا مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىك ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

5. گىرىتا گاربو (Greta Garbo)

1905.9.18-1990.4.15

سىرلىق ئايال چولپان گىرىتا گاربو كىنو ئارتىسى، شىۋېتسىيەدە تۇغۇلۇپ، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئاق تېرىسى، سوغۇققان تەبىئىتى ئۇنى كىنو تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ كىنو تارىخىدىكى ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ. ئۇ تۇنجى بولۇپ «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان چولپان.

ئۇنىڭ تەننازلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېچكىم ئوخشىتالمايدۇ، ئۇ ئىلگىرى ئوسكار ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

4. ئىنگىرىد بېرگمەن (Ingrid Bergman)

1915.8.29-1982.8.29

شىمالىي ياۋروپالىق ئىنگىرىد بېرىگمەن شىۋېتسىيەدە تۇغۇلغان، ئەنگلىيە لوندوندا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ داڭلىق شىۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى ئايال كىنو ئارتىسى. شۇنداقلا گىرىتا گاربودىن كېيىن ھوللىۋودتا چاقنىغان يەنە بىر شىۋېتسىيەلىك ئارتىس.

ئۇ ھاياتىدا ئۈچ قېتىم ئوسكارغا ئېرىشكەن، ئىككى قېتىم ئېممىي مۇكاپاتى ۋە بىر قېتىم تونىي مۇكاپاتى ئالغان. ئىنگىرىد بېرگمەن «كاسابلانكا» فىلىمى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

3. ئاۋدىرىي ھېپبۇرن (Audrey Hepburn)

1929.5.4-1993.1.20

كىشىلەر ئارىسىغا چۈشكەن پەرىشتە ئاۋدىرىي ھېپبۇرن داڭلىق كىنو ئارتىسى، ئوسكار خانىشى. ياشانغان ۋاقتىدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولغان. ھوللىۋود ئايال چولپانلىرى ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئېسىلزادە خاراكتىرى ۋە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوقى بار.

ئۇ دۇنيا كىنو ساھەسىدىكى كەم تېپىلىدىغان گۆھەر. ئۇنىڭ پاكىز چىرايى، ئورۇق بەدىنى، سالاپىتى مەڭگۈ شۇنداق ئېسىلزادە تۈستە. كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئۇ كامېرا ئالدىدا قىلىق چىقارمىسىمۇ، بىرەر يەرلىرىنى ئېچىۋالمىسىمۇ، تەنناز قىياپىتى بىلەن باشقىلارنى جەلپ قىلمىسىمۇ يەنىلا ئەڭ گۈزەل ھالدا نامايەن بولالايدۇ.

2. بېت دېيۋىس (Bette Davis)

1908.4.5-1989.10.6

بېت دېيۋىس ھوللىۋود تاماقخانىلىرىنى شېرىكلىشىپ قۇرغۇچى. ئۇ ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى ئايال رەھبىرى. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى تۈرىدە 10 قېتىم ئىسمى ئاتالغان ئارتىس، شۇنداقلا تۇنجى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى تارقاتقان ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال چولپان.

ئۇ ھاياتىدا 100 دىن ئارتۇق كىنو، تىياتىر، دىراممىغا چىققان. تۆت قېتىم نىكاھلانغان. ئۈچ قېتىم ئاجراشقان، بىر قېتىم يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆزى يالغۇز بالىسىنى قاتارغا قوشقان. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا كېسەل چىرماپ، سۈت بېزى راكى قايتا قوزغىلىپ ۋاپات بولغۇچە رول ئېلىشتا چىڭ تۇرغان.

1. كەسرىن ھېپبۇرن (Katharine Hepburn)

1907.5.12-2003.6.29

ئۇ ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، ئۇ ئامېرىكا كىنو ۋە دىرامما ساھەسىدىكى ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە، ھوللىۋودتىكى رىۋايەتلىك شەخىس. ئۇ تۆت قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە ئۇ ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ساقلاپ قالغان. 12 قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان. ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ رېكورتنى ساقلاپ كەلگەن.

ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى كەسرىننى ئامېرىكا كىنو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىس دەپ باھالىغان. كەسرىن زېرەك، ئېسىلزادە، كەمتەر ئوبرازى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئانا تىلنىڭ كارامىتى

دۈ ئاپرېل 30 , 2018
چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان) ماخمۇتجان ئىسلام تـﻪرجىمىسى شائىر رەسۇل ھـﻪمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگـﻪ خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلـﻪن مۇنداق ئىزاھات بـﻪرگـﻪنىدى:

You May Like