يېقىنقى تەيۋەن ۋەزىيىتى ئەھۋالى

يېقىنقى تەيۋەن ۋەزىيىتى ئەھۋالى

سەي يىڭۋىن : «ئەگەر شى جىنپىڭ خالىسا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى خالايمەن.»

ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 28- ئۆكتەبىر

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن 27-ئۆكتەبىر ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي بۇ يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا زور كۆلەمدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ تەيۋەن خەلقىگە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ۋەھىمە ئىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا يىللاردىن بىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ساقلاپ قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، خىتاي بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشىنى توسۇپ كەلمەكتە. بايدىن ئۆتكەن ھەپتە گەرچە : «خىتاي ھەربىي ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا تەيۋەننى قوغدايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەتىسى ئاق ساراي باياناتچىسى جان ساكى: «بىزنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى، بىز تەيۋەنگە »تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز »دېدى.

«تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» -تەيۋەننىڭ خىتايغا قوشۇلۇش كەتمەسلىكى ياكى مۇستەقىل بولۇشنى قوللىماسلىقنىڭ ئاساسى قانۇن كاپالىتى دەپ قارىلىدۇ.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بەك ئېغىر خەۋپ ئىچىدە، ھەر كۈنى دېگۈدەك خەۋپ مەۋجۇت، بىراق بىز قورقمايمىز، گەرچە ئامېرىكا ئېنىق ۋەدە بەرمىسىمۇ، بىز يەنىلا ئامېرىكا ياردەمگە كېلىدۇ -دەپ قارايمىز.تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى تەيۋەن خەلقى بەلگىلەيدۇ. بىز بار كۈچىمىز بىلەن ھەربىي ئىسلاھاتنى تېزلىتىمىز،ئۆزىمىزنى قوغداش كۈچىمىزنى ئاشۇرىمىز.»

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى يېقىندا: «خىتاي 2025-يىلى پۈتۈن قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىدۇ » دېگەنىدى، ئەمما بىر قىسىم ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئويلاشقاندا، خىتاي ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو FOX خەۋەرلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى زىيارىتىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئوچۇق قىلىپ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك، تەيۋەنگە زور كۆلەمدە قوشۇن ۋە ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك .ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئافغانىستاننى تالىبانغا تاشلاپ بېرىشى خىتاينىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتتى ». يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئېنىق تەيۋەننى قوغداش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيمەكتە.

خىتاينىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا، ئاۋازدىن تىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئىككى ئايدىن كىيىن ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە گېزىتى ئارقىلىق  ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ھەربىي ساھەسىدە خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىدىكى ھەددىدىن ئاشقان تىز تەرەققىياتى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىدى.

ئامېرىكا باش شتاب باشلىقى گېنېرال مىللي تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: « ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ خىتاينىڭ ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن ھەقىقەتەن قاتتىق ئەندىشە قىلدى.چۈنكى بۇ خىل بومبىنى ھازىر توسۇش ئىقتىدارىمىز يوق.»

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكىدا خىتاينى 10 قېتىم ۋەيران قىلغۇدەك قورال بار، خىتايدا ئامېرىكىنى بىر قېتىم ۋەيران قىلغۇدەك قورال بار»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي تاجىكىستان ساقچى تەرەپ ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى

جۈ ئۆكتەبىر 29 , 2021
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇن» تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسى يېنىغا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى بولغان.

You May Like