يېڭى قەدەم: ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ جان تومۇرىغا ئۇردى – يەتتە چوڭ كومپىيۇتېر شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

بايدىن ھۆكۈمىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتتى. 8- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك يەتتە كومپىيۇتىر شىركىتىنى خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى توڭلىتىش مەزمۇن قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنېتلىقى 2021- يىلى 8- ئاپرېل

 

بايدىن ھۆكۈمىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتتى. 8- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك يەتتە كومپىيۇتىر شىركىتىنى خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى توڭلىتىش مەزمۇن قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈردى.

 

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ شىركەتلەر يىللاردىن بېرى ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشپ، تۈرلۈك تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ، خىتاي ئارمىيىسىگە تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بۇلارغا جازا يولغا قويمىغان ئىكەن.

 

بۇ شركەتلەر خىتاينىڭ مۇھىم جان تومۇلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپكە ئەڭ ئىلغار ھېسابلاش تېخنىكىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتىكى يادرولۇق ۋاستە بولغان ئىكەن. ئەگەر بۇ شىركەتلەر جازالانسا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ھەربىي تېخنىكا ئوغرىلاش قەدىمى ئاستىلاپ، تېخنىكا ئاجىزلىقى پەرقى كۈچىيىدىكەن.

 

بۇ شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

 

Tianjin Phytium Information Technology, Shanghai High-Performance Integrated Circuit Design Center, Sunway Microelectronics, the National Supercomputing Center Jinan, the National Supercomputing Center Shenzhen, the National Supercomputing Center Wuxi and the National Supercomputing Center Zhengzhou

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلدى

شە ئاپرېل 10 , 2021
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنيا مىقياسىدا تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپىلىرى توپلانغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تۆھمەت قىلدى. ختتاي تاشقى ئىشلار مىنسترلىكى 9- ئاپرىل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ […]
خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلدى

You May Like