يېڭى دوكلات: قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقى تۈركستاندىكى خەلقئارا ساياھەت شركەتلىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 3-سىنتەبىر 

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا « قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقى تۈركستاندىكى خەلقئارا ساياھەت شركەتلىرى» ناملىق دوكلات ئىلان قىلىپ، خەلقئارادىكى بىر قسم  داڭلىق ساياھەت شركەتلىرىنىڭ ختاي بىلەن ھەمكارلىشپ،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى نورماللاشتۇرىدىغان خاراكتىردىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا، ساياھەت شركەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئىلىپ بارىدىغان ئۈرۈمچى، تۇرپان،قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى، دىنى ئېتىقادى، تىلى خاراپ قىلىنغان جايلار ئىكەن.

ساياھەت شركەتلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات سۆزلىرىنى تەكرارلاپ،ئۇيغۇرلارنى تەرەققى قىلمىغان ياكى قالاق دەپ تەسۋىرلەشكە تېرشقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ رۇخستى بولمىغان ئەھۋالدا ياكى رەت قىلىش شارائىتى يوق ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى زىيارەت قىلغان.

ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ساياھەت شركەتلىرىنى ئاپىرىپ پۇل تېپىش ، ئۇيغۇرلارنى نورمال ۋە ياخشى ياشاۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇش-ناھايتى ئىغىر غەيرى ئ‍نسانى قىلمىش ھسابلىنىدۇ.

بۇ ساياھەت شركەتلىرىمنىڭ ئ‍سملىرى:

Abercrombie & Kent،، Geographic Expeditions،Bamboo Travel, Goway Travel,Intrepid Travel,Laurus Travel,Martin Randall Travel,On the Go Tours,The Cultural Experience,Wild Frontiers (Myths and Mountains)

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سياسى ئانالىز: نىمە ئۈچۈن زىلىنسكى تۇيۇقسز  ئ‍ۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە منسترلىقىغا بىر مۇسۇلمان تاتارنى تەيىنلەيدۇ؟ رۇستەم ئۆمەروۋ كىم؟

دۈ سېنتەبىر 4 , 2023
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان نىمە ئ‍ش يۈز بەردى؟ بۈگۈن روسيەنىڭ تاجاۋزۇچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ يۇقىرى قاتلامدا زور ئۆزگىرىش بولدى: پىرەزدىنت زىلنىسكى نۇتۇق سۆزلەپ،2021-يىلى نويابىردىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئۇرۇش باشلانغاندىن بىرى ئىزچىل ۋەزىپسدە چىڭ تۇرىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ئولەكسى رەزنىكوۋ ( Oleksii Reznikov)نى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا قېرىم تاتارلىرىدىن بولغان 41 ياشلىق مۇسۇلمان  […]
رۇستەم ئۇمەروۋ

You May Like