ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4- يانۋار

يۈسۈپجان تەييارلىغان

2022-يىلى 4-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامىدىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يۈرۈشلۈك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، يەرلىك تۈرك تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» فەيسبۇك بېتىدە چۈشەندۈرۈشىچە، نامايىش «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان « ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى»، «گېرمانىيە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى»، «ئىلھام توختى ئىنىسياتىفى» شۇنداقلا تۈرك، تىبەت، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ماسلىشىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. نامايىش بېرلىن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان Brandebourg دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن باشلىنىپ  2كىلومېتىرلىق يۈرۈش ئارقىلىق گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغىچە داۋاملاشقان. نامايىشچىلار يول بويى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلارنى توۋلاشقان. نامايىش ئالدىنقى سېپىدىكى لوزۇنكىغا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىAnnalena Baerbock خانىمنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى شەخسى نامىدا بايقۇت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىلغان سۆزلەر يېزىلغان.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىشقا دەل بىر ئاي قالغان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە 11دۆلەتنىڭ رەسمىي يوسۇندا بايانات بېرىپ ئولىمپىكنى ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما ياۋروپانىڭ ماتورى بولغان گېرمانىيەنىڭ ھازىرغىچە تېخى رەسمىي شەكىلدە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى. شۇڭا بۈگۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى رەسمىي بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئوخشاش تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

 

شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىمۇ ئوخشاش تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا جەنۋە، زۇرىخ شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت يەرلىك تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 11 دە «ب د ت» نىڭ ئىش بېجىرىش بىناسى ئالدىدا باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن 2 گە قەدەر داۋاملاشقان. ئىگىلىشىمىزچە نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا ئاۋازى، رويتىرس ئاگېنتلىقى، ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلىپ خەۋەر تارقاتقان. 

 

بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان «فىرانسىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك ۋە تەنتەربىيە كومىتېتى» نىڭ ئىش بېجىرىش بىناسى ئالدىدىمۇ ئوخشاش تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاگېنتلىقىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ھەيئەت ئەزاسى سۈبھى يارمۇھەممەد ئەپەندى نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « بۈگۈنكى نامايىش ئاساسلىقى فىرانسىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان «مۇستەقىل تىبەت ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا پارىژدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. نامايىشىمىز «فىرانسىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك ۋە تەنتەربىيە كومىتېتى» نىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش جەريانىدىكى شوئارلىرىمىزدا فىرانسىيە ئولىمپىك كومىتېتىغا شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خىتاب قىلىپ بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى». 

 

ئىجتىمائىي تور بەتلەردىن تارالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش تېمىسىدىكى نامايىش شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولم شەھىرى، بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرپىن شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستاندىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت توغرىسىدا

چا يانۋار 5 , 2022
3-يانۋار قازاقىستاننىڭ جاناۋزېن (Janauzen) شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلىغان نامايىشى قىسقىغىنە 2كۈن ئىچىدە پۈتۈن قازاقىستاندىكى سەككىز چوڭ رايونغا كېڭەيگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى شۇنداقلا قازاقىستان مىللىي رەھبىرى نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇتلەق ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

You May Like