ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئورۇنلاشتۇرغان « ئۇيغۇرلاردا ھىسداشلىق كىچىلىكى» پارىژدا زەپەر دەرۋازىسىنى ئاچتى

15- دىكابىر كەچقۇرۇن، فىرانسىيە پارىژ شەھرىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى قۇرغۇچىسى غافائىل گىلۈكىسمەن بىر ئايدىن بىرى تەييارلىق كۆرۈپ، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق كىچىسى» ئۆتكۈزۈلگەن. بىز بۇھەقتە كىچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن دىلنۇرنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئەردەم 

 

2019-12-15 

 

15- دىكابىر كەچقۇرۇن، فىرانسىيە پارىژ شەھرىدە  ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى قۇرغۇچىسى غافائىل گىلۈكىسمەن  بىر ئايدىن بىرى تەييارلىق كۆرۈپ، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان  «ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق كىچىسى» ئۆتكۈزۈلگەن. بىز بۇھەقتە كىچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن دىلنۇرنى زىيارەت قىلدۇق. 

 

  كىچىلىك پارىژدا كەڭ كۆڭلەملىك ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن ئاممىۋىي قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشكىلى 10 كۈندىن ئاشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، پارىژدەك چوڭ شەھەردە بىر يەرگە بارماق تولىمۇ تەسلەشكەن ئىدى.  شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ھەرقايسى تەتقىقاتچىلار، سىياسىيونلار، ژورنالىسىتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە خەلق ئاممىسى، ئۇيغۇرلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم  ماشىنا ياكى تاكسى بىلەن، بەزىلىرى ھەتتا  نەچچە كىلومىتىر يولنى پىيادە مىڭىپ بولسىمۇ كىچىلىككە كەلگەن.

 

   بۇ كىچىلىككە لاگىر شاھىدى ئالبانىيەلىك مۇخبىر، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى ئولىسى يازىجى ۋە ئامىستىردامدا يالغۇز نامايىش قىلىۋاتقان ئابدۇرىھىم غىنى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.  دوكتۇر ئولىسى يازىجى لاگىردا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى تەسىرلىك شەكىلدە ئاڭلاتقان، ئابدۇرىھىم غىنىمۇ سەھنىدە  تونۇشتۇرۇلغان ۋە زال ئىچىدە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىز توغرۇلۇق تەشۋىقات رەسىملىرى تىزىلغان.  لاگىر شاھىتلىرىدىن ئۆمەربەكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار جىلىلوۋا قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سەپەر رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغاچ كىلىشكە قادىر بولالمىغان، ئەمما ئۇلار ۋىدىيولۇق قىسقا گۇۋاھلىق  ئەۋەتىپ، كىچىلىك ئىكرانىدا قويۇلغان. ئۇلارنىڭ لاگىر سەرگۈزەشتىلىرىنى فىرانسۇز ئارتىسلار سەھنىدە ئوقۇپ بەرگەن.

 

 

 

 

ئاندىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىدىن دىلنۇر ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، خىزمەتلىرى، كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە ئىھتىياجلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن كىيىن، گىلۈكىسمەن فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقى، قانداق پىلانلىرى  بارلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن. فىرانسىيە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ۋەكىلى، تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل پارلامىنت ئەزاسى بۇ قىتىملىق كىچىلىكتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەنگەنلىكىنى ئىيتىپ، فىرانسىيە تۆەن پالاتىسىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق كونفىرەنىس ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

 

 

   فىرانسىيە پارىژ شەھرى بويىچە  كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق سۆزلەپ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن  16 ياشلىق بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسىمۇ  كىچىلىكتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق داۋاملىق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىيىتقان.

 

كىچىلىك  ئايىغىدا  فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز ئۇيغۇر مۇزىكا- سەنئەتلىرىدىن بىر قانچە پەدە ئارىيە ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ ئالاھىدە جەلىپكارلىقىنى نامايەن قىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشكەن. كىچىلىك ئاياغلاشقاندىن كىيىن فىرانسىيەدىكى سەككىزگە يىقىن مىدىيا ۋاستىلىرى دىلنۇر، ئولىسى ۋە ئابدۇرىھىم غىنىلارنى بەس-بەستە مۇنازىرە قىلغان، ئۇلار مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىدىكەن.    

 

دىلنۇرنىڭ ئىيتىشىچە، كىچىلىك قاتناش قولايسىزلىقى سەۋەبىدىن بىر ئاز تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەندىشە قىلغاندىن كۆپ ياخشى بولغان، دىلنۇر مىھمانلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن كۆپ تەسىرلەنگەن. ئۇ ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى نامىدىن بۇ كىچىلىككە كۈچ چىقارغان بارلىق قىرىنداشلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 

 

  بۇ كىچىلىككە گوللاندىيەدىن 500 كىلومىتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ قاتناشقان ئابدۇرىھىم غىنى يەنە دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى  مۇزدەك قىش، سوغۇق شاماللارغا قارىماستىن پارىژ ئىففىل مۇنارى ئالدىدا تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن نامايىش قىلماقتا. ئۇنىڭ پىداكارلىقى بارغانلا يىرىدە ئىز قالدۇرۇپ،  ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاكتىپ ئىنىرگىيە قوزغىماقتا. 

 

 

 

قوشۇمچە:   

 

 

 

 

 

 

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى  ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلىرىدە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە مەسلىھەتلىشەلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كونكېرت مەسىلىلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر رەسمىي ئىلمىي ئورگان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئىنىستىتۇت تارمىقىدا ئىنىستىتۇتىمىز تەركىبىدىكى پارىژ ئانا تىل مەكتىپى ئۈچ يىلدىن بىرى  خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.  ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە – نەشرىيات خىزمىتىدە ياۋرروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەركىبىدىكى ئوغۇز ئۇيۇشمىسى 6 يىلدىن بىرى « ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ناملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلىنى نەشىر قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. 

 

 

 

 

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى نۆۋەتتە  ياۋروپا شەھەر مەركىزىدىن بىر ئىشخانا ئورنى ئىجارەر ئىلىپ، كۈتۈپخانا، چايخانا، دەرسخانا مۇجەسسەملەنگەن بىر ئورۇن قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلانۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىھتىياجلىق. ئاگىنتلىقىمىز قىرىنداشلارنى بۇ ئىلمىي ئورگان پولات ئىستىھكام ئۈچۈن ئازدۇر- كۆپتۇر ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىدۇ.  

 

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ تاپاۋەتسىز، پىداكار خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا، ئۇلار توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى توربەتنى زىيارەت قىلىڭ. 

 

http://uyghur-institute.org/index.php/ug/

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى قەيىت قىلىندى

دۈ دېكابىر 16 , 2019
ئامىرىكىلىق كومپىيوتىر ئالىمى روجېر دىڭگىلدايىن (Roger Dingledine) بۇ يىلقى DEF CON 2019 دا سۆزلىگەن نۇتۇق تىمىسى «توساققا قارشى يىڭى قەدەم'' The Next Chapter in Anti-Censorship ` » ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارنڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

You May Like