ياش تۇرۇپلا بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بەزىلەر ئەمدىلا 20 ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ، بېلى 70 ياشتىن ئاشقان بوۋايلارنىڭكىدەك بولۇپ قالدى، ياش تۇرۇپلا بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
 بېلى ئاغرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەچكە، نۇرغۇن كىشىلەر ئازراق چىدىۋەتسەملا ئۆتۈپ كېتىدىغۇ دەپ قاراپ بەل ئاغرىقىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت دەم ئالماي خىزمەت قىلغاندا بەل ئاغرىيدۇ، ئازراق بەل ئاغرىسا، بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
بىر خىل ئەھۋالدا بەل ئاغرىپلا قالماي، تىزىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئاغرىش ياكى ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا بەل تۇيۇقسىز ئاغرىيدۇ، لېكىن بەلنىڭ ئاغرىشى بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى يەنە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
ئۇنداقتا، بەل ئاغرىقىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ ئاغرىقنى قانداق پەسەيتكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىياپەت بەلگە ئەڭ پايدىلىق؟
دوختۇرلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۈز ياتقاندا بەلگە چۈشىدىغان بېسىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر تۈز ياتقاندا بەلگە چۈشىدىغان بېسىمنى بىر دېسەك، ئۆرە تۇرغاندا بۇ بېسىم ئىككى ھەسسە ئاشىدىكەن، ئولتۇرغاندا بولسا سەككىز ھەسسە ئاشىدىكەن، بولۇپمۇ ئولتۇرۇش ھالىتى ناچار بولسا، بۇنىڭ بەلگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولىدىكەن. لېكىن، ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۈز يېتىپ ئارام ئالىدىغان شارائىتى يوق، ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل ھالەتتە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ھەر بىر-ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بەرسە بەل ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. بەدەن قىياپىتىدە بىر قانچە 90 گىرادۇسنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى پاقالچاق بىلەن تىز بوغۇمى 90 گىرادۇس بولۇش، يوتا بىلەن گەۋدە 90 گىرادۇس بولۇش، بىلەك بىلەن ئۈستەل يۈزى 90 گىرادۇس بولۇش كېرەك، بۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ راھەت ئولتۇرۇش قىياپىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر شارائىت يار بەرسە، بەل ئومۇرتقىسى مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. دوختۇرلار «قارلىغاچ ھەرىكىتى»، «ئوڭدا يېتىپ بەلنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى» قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

مەنبەسى: ختاي رادىئ‍و تورى ساغلاملىق سەھىپىسى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆتمۈش:ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام دىنى شۆيۈەنى مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى باياناتى:

چا ئاۋغۇست 21 , 2024
ئىزاھات: 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى سياسى ھەرىكىتى»قانۇن لايىھىسنى ماقۇللىغاندىن كىيىن،ختاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوزغاشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە بايانات بىرىش ھەرىكىتى ئىلىپ باردى. تۆۋەندىكىسى شۇلاردىن بىرى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى […]
شنجاڭ ئ‍سلام شۆيۇۋەنى

You May Like