ياپونىيەنىڭ نوتو يېرىم ئارىلىدىكى يەر تەۋرەشتە 57 ئادەم ئۆلدى

 ياپونىيە ئىشىكاۋا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 21 گىچە، نوتو يېرىم ئارىلىدىكى يەر تەۋرەشتە بۇ ناھىيەدىن 57 ئادەم ئۆلگەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، ئىشكاۋا ناھىيەسىدىكى ئېغىر ئاپەت بولغان ۋاجىما شەھىرى ۋە سۇزۇ شەھىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم ھالدا 24 ئادەم ۋە 22 ئادەم ئۆلگەن. سۇزۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى ماسۇخىرو ئىزۇمىيانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەردىكى كۆپ ساندىكى ئۆلگۈچى تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ياكى ئاساسەن دېگۈدەك ۋەيران بولغان.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 1000 نەپەر قوغدىنىش ئەترىتى ئەزاسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىپى يوشىماسانىڭ دېيىشىچە، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 11 گىچە ئىشىكاۋا ۋە نىئىگاتا ناھىيەسىدىكى پاناھلانغۇچىلار 60 مىڭغا يېقىنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە خوجىلىق ۋازارىتى ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يەر تەۋرەشتە يارىلانغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاتالمىش شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خۇ گوچياڭ تەكشۈرۈلمەكتە

پە يانۋار 4 , 2024
  ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى خۇ گوچياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى […]
شنجاڭ

You May Like