يەلكىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 30- نويابىر
ياپونىيەدىكى مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى ۋە ياپونىيە ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى (JAXA) تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىككى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، H2A راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.
30 مىنۇتتىن كېيىن 300 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە توشۇغۇچى راكېتادىن ئايرىلغان سۈنئىي ھەمراھلار، بۇرۇنقى مودېللارغا قارىغاندا 9 ھەسسە كۆپ ئىشلەش، يۇقىرى تېزلىكتە ئۇچۇر ۋە سۈرەت ئەۋەتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ياپونچە باش مىنىستىرى سۇگا يوشىڭ: «سۈنئىي ھەمراھلارنى مىللىي بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە كرىزىس ھەل قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق ئىقتىدارى بىلەن تولۇق ئىشلىتىمىز.» دېدى.
JAXA مۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ھەم كەڭ دائىرىدە ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرى
مەنبەسى:
https://www.dunyabulteni.net/uzak-dogu/japonya-uzaya-iki-uydu-firlatti-h484925.html