ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-ئاۋغۇست
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى توغرسدىكى يېغىندا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
سىمپوزىيۇمدا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل، شياڭگاڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. گۇۋاھلىقلاردا خىتاينىڭ ئۆز چېگرىسىدىن سىرتتا يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەت، قورقۇتۇش، ئائىلە ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش ۋە ساياھەتنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىندى.

نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رېئاللىقنى تولۇق تونۇمىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانمىغانلىقى، نەتىجىدە خىتاينىڭ ھەتتا ياپونىيە ئىچىدىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە بىلدۈردى.