ياپونىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01- فېۋرال

يۈسۈپجان

 

1-فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا « ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» نامىدا قارارنامە ماقۇللانغان. گەرچە مەزكۇر قارارنامىدە بىۋاستە خىتاي دەپ تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىنىش، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ياپونىيەنىڭ ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

خالقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارارنامىدە يەنە خوڭكوڭ، تىبەت قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. قارارنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: « كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قانداقتۇر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، چۈنكى خەلقئارا جەمىئەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قارىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ لازىملىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئەھۋالنى ئىگىلىشى شۇنداقلا خەلقئارا جەمىئەت بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.»

 

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارار لايىھەسى خىتاي ئولىمپىكىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغان كۈنلەردە ئېلان قىلىنىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيە پارلامېنتىنى «ئىچكى ئىشىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە ئارلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ختتاي ئىراقتا ئەرەبلەرگە 7000 مەكتەپ،90 مىڭ ئۆي سىلىپ بېرىدۇ

چا فېۋرال 2 , 2022
ختتاي ئىراقتا ئەرەبلەرگە 7000 مەكتەپ،90 مىڭ ئۆي سىلىپ بېرىدۇ

You May Like