بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 18- ئۆكتەبىر
ياپونىيە «يومىئورى شىنبۈن» گېزىتى 16- ئۆكتەبىر مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىكى تەشۋىشلەرگە نىسبەتەن ياپونىيە ئۆز ئۇسۇلى بويىچە تاقابىل تۇرىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە ۋاشنگتوننىڭ ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردىن خىتاي كارخانىلىرىنى چىقىرىۋىتىش پىلانىغا قاتنىشىش ئويى يوق.
ھالبۇكى، ياپونىيە 2018- يىلى يىل ئاخىرىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاممىۋى ئورگانلار ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەشۋىش پەيدا قىلىدىغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش بۇيرقى چۈشۈرگەن ئىدى.
«يومىئورى شىنبۈن» دىن ئېلىندى.