ختتاي ۋېرۇسى سەۋەبلىك ئامېرىكىدا ئۆلگەنلەر 31مىڭغا، ئ‍شسز قالغانلار 22 مىلىيونغا يەتتى!

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 16-ئاپرىل خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكىدا ختاي ۋېرۇسى سەۋەبلىك ئ‍شسز قالغانلارنىڭ سانى 22 مىلىيوندىن ئ‍شىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن توققۇز يىرىم يىلدا يارىتىلغان خىزمەت ئورنى بىلەن تەڭ كىلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن ئايدا تەستىقلىغان 349 مىليارد دوللارلىق كىچىك كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش مەبلىغى -كىرىزسقا دۇچ كەلگەن كارخانىلارنى قۇتقۇزۇشقا يەتمىگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، تۇرسۇنجان

 

2020-يىلى 16-ئاپرىل، ۋاشنگىتون

 

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ  16-ئاپرىل خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكىدا ختاي ۋېرۇسى سەۋەبلىك ئ‍شسز قالغانلارنىڭ سانى 22 مىلىيوندىن ئ‍شىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن توققۇز يىرىم يىلدا يارىتىلغان خىزمەت ئورنى بىلەن تەڭ  كىلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن ئايدا تەستىقلىغان 349 مىليارد دوللارلىق  كىچىك كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش مەبلىغى -كىرىزسقا دۇچ كەلگەن كارخانىلارنى قۇتقۇزۇشقا يەتمىگەن.

 

بۇگۇنكى ئامېرىكا گېزىتى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 31مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئىلان قىلدى.

 

چىكاگودىكى سورنتون گىرانت تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئېقتسادشۇناسى دىيانا سوۋانكى مۇنداق دىدى:  «يوشۇرۇپ ئولتۇرغاننىڭ ھىچقانداق ئورنى يوق، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ تىز، ئەڭ كەڭرى تارقالغان ئېقتسادى چېكىنىشتىن ئىبارەت ».نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى مۇنداق دىدى: ئامېرىكا ھەر كۇنى دىگۇدەك بىر يوقتىشنى باشتىن كەچۇرمەكتە. شۇنداقلا بۇ يوقتىش-تارىخى خاراكترلىك بولماقتا.

 

ختتاي ۋېرۇسى ئامېرىكغا تارقالغاندىن كىين، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېسەلنى كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەرنى كارانتىنغا ئىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن، ختتاي ۋېرۇسى ئامېرىكا ئېقتسادىغا مسلىسز بالايى-ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسسلەر بۇنى ئامېرىكا قۇرۇلغاندىن بىرىقى ئەڭ چوڭ ئېقتسادى كېرزىس دەپ قارىماقتا.

 

ئېقتسادنىڭ چېكىنىشى ئىغىرلاشقانسرى، كېسەللىك ئەھۋالى ئىغىر بولمىغان بەزى شتات ئاھالىسى مەسلەن مسسۇرى شتاتى ھۆكۇمەتتىن  نورمال خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان.

 

پىرەزدىنت تىرامپ ئېقتسادنى بۇرۇنراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرەپدارى بولۇپ، ئەگەر ئېقتساد ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلمىسە 11-ئايدا ئۆتكۇزۇلىدىغان ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا ئىككىنچى قېتىم سايلىنىشقا ئىغىر تەسر يېتىدۇ. ئەمما تېببى مۇتەخەسسلەرمۇنداق دىدى: كېسەللىكنى تولۇق تۈگەتمەي تۇرۇپ،  ئېقتسادنى ئېچۋىتىش-ئېقتسادنى دەپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىقتۇر.

 

دىموكراتچىلار پارتىيسى رەھبەرلىرىدىن ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى،دىموكراتچىلار پارتىيسنىڭ ئىھتىمالەن نامزاتى جوۋ بايدىن قاتارلىقلار تىرامپنى «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ياخشى تەدبىر تۈزمىدى» دەپ كەسكىن تەنقىد قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ب ب س: « خىتايغا قايتىشنى» ئارزۇلايدىغان قازاقىستان خىتاي كونسۇلىنى چاقىرتىپ قاتتىق ئەيىبلدى

شە ئاپرېل 18 , 2020
نىگېرىيە، فرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن خىتاي بىلەن دىپلوماتىك داۋالغۇش بولۇۋاتقان پەيتتە ، خىتاي تور تاراتقۇلىرىدا قازاقىستاننىڭ «خىتايغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان» ناملىق ماقالىسى ئويلىمىغان يەردىن قازاقىستاندىكى ئىككى يېقىن دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

You May Like