ختاينىڭ مائارىپقا سڭېىپ كىرىشى: قازاقستاندا ختاينىڭ غەربىي شىمال سانائەت ئ‍ۇنېۋرستىتى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-ئاۋغۇست

ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا سېڭىپ كىرىشى شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە، تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك،ئاندىن سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى گىرەلىشش چوڭقۇرلاشماقتا.

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2023-يىل 5-ئايدا، ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ختاي غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك فارابى ئۇنىۋېرستىېتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنى ئورتاق قۇرغان. شۆبە مەكتەپ 2023-يىل 10-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2024-يىل 6-ئايدا، 2023-يىل ئوقۇشقا كىرگەن سەككىز ئاسپىرانتنىڭ ھەممىسى قازاقىستاندىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، شىئەنگە كېلىپ يېڭى ئۆگىنىش باسقۇچىنى باشلىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ختاي غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بۇرۇنلا باشلانغان.

بۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ئورنى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىزدىن ئايرىلغانلار: بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئۇسۇل ئۇستازى مەريەم ناسر 84 يېشدا ئالەمدىن ئۆتتى

شە ئاۋغۇست 17 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-ئاۋغۇست داڭلىق سەنئەتكار، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر زامانىۋى ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۆھپىكار شەخس مەريەم ناسر 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 84 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. مەريەم ناسر كەڭ ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە تۆھپىسى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئېتىراپ قىلىنغان.ئۇ ھەم ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش ۋە ئورۇنلاش ساھەسىدىمۇ كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلغان. مەريەم ناسرنىڭ […]
meryem nasir

You May Like