ختاي تاشقى ئىشلار منستىرلىكى: پەلەستىننىڭ تولۇق دۆلەت بولۇشنى قەتئېى قوللايمىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 11-ئاپرىل

ختاي تاشقى ئىشلار منسترلىكى باياناتچىسى بۈگۈن بايانات ئىلان قىلىپ: «بىز (ختاي)پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى قەتئى قوللايمىز.» دىدى.

2023-يىلى ئېيۇن ئېيىدا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ ئەرەب دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، «ختاي پەلەستىننىڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسنى قەتئى قوللايدۇ.»دەپ ئىلان قىلغان.

2024-يىلى يانۋاردا ختاي تاشقى ئىشلار منىستىرى ۋاڭيې مسردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشقا جىددى كۈچ چېقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى دىڭ شياۋپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1988-يىلى 20-نويابىردا پەلەستىننى رەسمى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرغان.

7-ئۆكتەبىر ۋەقەسدىن كىين، ختاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل پەلەستننى قوللىدى. كۆپ قېتىم خاماس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر «ختاينىڭ بۇ پەلەستىننى قوللىشى قانداقتۇر ختاينىڭ ھەققانىيەتچى كۈچى ئەمەس، بەلكى ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسدا ئېشۋاتقان تەسر دائىرسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى داۋاملىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا يەمچۈك قىلىش ئۈچۈندۇر »دەپ قارىماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاق پارتىيە يەرلىك سايلامدا چوڭ ئۇتتۇردى، ئەردوغان: خاتالىقىمىزنى تۈزىتىمىز

پە ئاپرېل 11 , 2024
(مەزكۇر خەۋەرنى ئاينۇرە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ۋۋل سچرىت ژۇرنىلىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى خەۋىرىنى ئاساس قىلىپ كۆپ خىل مەنبەلەردىن تەرجىمە ئاساسدا تەييارلىدى.) ئىستانبۇل – تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنى كونترول قىلىپ ، يەنە باشقا شەھەرلەردە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ […]

You May Like