ختاي قەشقەر قاغىلىق ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلىغان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز)، 7-دېكابىر تەييارلاندى

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ختاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش شىنجاڭ قەشقەر قاغىلىق مىردەي ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تۇنجى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سىناق نۇقتىسى يولغا قويغان.

ئورنى:

قاغىلىق مىردەي ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1582.13 مو، ئومۇمىي سېلىنمىسى 207 مىليون يۈەن، ئورنى A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇم، ئۇچۇش رايونىنىڭ كۆرسەتكۈچى 3B بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-قونۇش يولىدىن بىرى، تىك ئالاقە يولىدىن ئىككىسى ياسالغان، 3180 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى، 15 ئايروپىلان ئورنى (بۇنىڭ ئىچىدە B تۈردىكى ئايروپىلان ئورنىدىن 12سى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئورنىدىن ئۈچى) بار.

مەقسدى:

ختاينىڭ خەۋەر قىلىشچە، قاغىلىق-قەشقەر، قاغىلىق-خوتەن، قاغىلىق-يەكەن قاتارلىق تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى تورى تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى بويىچە ئۇچۇشنى ئاساسلىقى قاغىلىقنى مەركەز قىلىش، ئەتراپتىكى 800 كىلومېتىر دائىرىدىكى قوشنا رايون، شەھەرلەرنىڭ ئالاقسنى ئاساس قىلدىكەن.

ئەمما بۇ ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، ختاينىڭ ئەتراپنى تېخىمۇ ختايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى روشەندۇر.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ب د ت 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن ئۈچىنچى كومىتېتى: كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ئومۇمىي مۇھاكىمە

يە دېكابىر 8 , 2024
 شىنجاڭ ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى، ئەلچى جەيمس لارسېن جانابلىرى تەرىپىدىن ئوقۇلغان بايانات 2024-يىلى 22-ئ‍ۆكتەبىر مەن تۆۋەندىكى دۆلەتلەر: كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ياپونىيە، لىتۋا، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، بېرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە مېنىڭ دۆلىتىم […]
UNGA79 Third Committee

You May Like