ختاي ھۆكۈمىتى: ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ختاي كوماندىسنى ئاسيا لوڭقىسىدا 8 كۈچلۈك قاتارىغا ئىلىپ كىرگەن؛

ختاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورى،شنخۋا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى 3-ئايدا .ئۆزبەكستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە، «شنجاڭلىق تۆت ماھىر جۇڭگونى 8 كۈچلۈك قاتارىغا ئىلىپ كىرگەن.»

3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاسىيا لوڭقىسى U20 ئەرلەر پۇتبول D گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ختاي كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا بىر مەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. شىرزات نۇر، ئەفىردىن ئەسقەر، بەھرام ئابدۇۋەلى، مۇتەللىپ ئىمىندىن ئىبارەت شىنجاڭلىق تۆت توپچى دۆلەت ئۈچۈن جەڭگە چىقتى.

 بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ختاي كوماندىسىدىكى ئەفىردىن، بەھرام، شىرزاتتىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئۈچ توپچى ئالدى مەيدان ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى.

  6-مىنۇتتا، ئەفىردىن ئالدىنقى مەيداندا توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، چەكلەنگەن رايوننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ۋارتاغا توپ تەپكەندە، قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسى توسۇۋالدى. 19-مىنۇتتا، ئەفىردىن قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا يەنە بىر قېتىم ۋارتاغا توپ تېپىش پۇرسىتىنى ياراتتى، ئۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن چىقىرىپ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ئارقىدىن كۈچەپ بىرنى تەپتى، توپ توغرا لىم ئۈستىدىن چىقىپ كەتتى.

  26-مىنۇت بولغاندا، بەھرام مەيدان چېتىدىن توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، كۈچەپ بىرنى تەپتى، توپ ئۇدۇل ۋاراتارنىڭ قولىغا چۈشتى.

  كېيىنكى يېرىم مەيداندا، مۇتەللىپ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت ياراتتى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا، ئەفىردىن سول تەرەپتىن توپ ئېلىپ تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئارقىدىن توپنى ئوتتۇرا يولغا پاس بەردى، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى قىرغىزىستانلىق توپچى بېكبېردىنوف توپنى ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزدى.

  87-مىنۇت بولغاندا قىرغىزىستان كوماندىسى ئاخىرى توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 1:1 بولدى.

  ئاخىرىدا، ختاي كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ، تۆت نومۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. ياپونىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان يېڭىپ، گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ خىرىس ۋە پۇرسىتى

يە ئاۋغۇست 27 , 2023
نەجمىدىن قارلۇق خىتتاينىڭ قەد كۆتىرىشىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىس پەيدا قىلغانلىقى، كۈنسېرى ئېتىراپ قىلىنماقتا. خىتتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، خىتتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسقا قانداق ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەت جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغان جىددىي سوئالغا ئايلاندى. خىتتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت قاتارلىق بىر […]
ختاي-ھاكېمىيتى

You May Like