ختاي دائىرلىرى ئۇيغۇر پېچاقچىلىق ۋە دارۋازلىق مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى يېڭىسار شەھىرىدە كەچلىك بازار ئېچىشقا يولغا قويغان.مەقسەت نىمە؟

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-دىكابىر

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشىچە، ختاي دائىرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارالاشقان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پېچاق مەدەنىيتى ۋە دارۋازلىق مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولغان يېڭى ھېسار شەھىرىدە بۇ يىل نويابىردىن باشلاپ، كەچلىك بازار ئېچشقا يولغا قويغان.

كەچلىك بازار-ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەھەر-بازاردا يۈز يىللاردىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئۇلاردىن ئۇرۇشتىن قايتىش، ئوۋ ئوۋلاش، دېھقانچىلىق، ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەردىن كىلىپ، دەم ئىلىشى ئارقىسدا كەچلىك بازار ئاستا-ئاستا مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە ئايلانغان.

ئۇيغۇرستاننىڭ جەنۇبىدا، 2014-يىلدىن باشلانغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ، قارا قاش ناھىيلىرى بىۋاستە مەركەزلىك تۈزەش ئوبىكتى بولۇپ، ختاي بۇ جايلاردا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە سوسيال يېغىلىشلىرىنى چەكلىگەن. كەچلىك بازاردىن باشلاپ، ھەپتىلىك بازارلارغىچە تاقالغان.

يېڭىسار ختاي باستۇرۇشى ئەڭ ئىغىر بولغان جايلارنىڭ بىرى.

بۇ قېتىم گەرچە يېڭىسار ناھىيە بازىرى ئېچىلغان بولسمۇ، ئەمما ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاممىسى تۇتۇلغان، يوقىتىلغان بۇ شەھەردە ختاينىڭ مەجبۇرى بازار ئورۇنلاشتۇرۇشى-پۇقرالارغا قانچىلىك ئەمەلى ئۈنۈم بىرىشى تېخى ئېىنىق ئەمەس

بۇنداق ئەھۋالدا، ختاي نىمە ئۈچۈن بىر قېسم شەھەرلەردە كەچلىك بازالارنى ئ‍اچىدۇ؟

سەۋەبى-2023-يىلىدىن باشلاپ، ختاينىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئىنكار قىلىش خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك. كەچلىك بازارلارنىڭ ئىچىلغانلىقى-ختاي ساياھەتچىلەر، يەرلىك مۇستەملىكىچى مىللەت ئاھالىسگە:« بۇ يەر ھازىر جىمجىت، بېخەتەر»دىگەندىن ئىبارەت ئۇچۇرنى تارقىتشنى مەقسەت قىلىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مالايشىيا ختاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ۋېزاسز ساياھەت يولغا قويدى

جۈ دېكابىر 1 , 2023
بۈگۈنكى مالايسيا تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، مالايشىيا باش منستىر ئەنۋەر 26-چېسلا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ختاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە 30 كۈن ئىچىدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، مالايشىياغا ساياھەتكە بارىدىغان ختاي، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ چېگراغا كىرىش مۇددىتى 30 […]
مالايسيا، ئەنۋەر

You May Like