ختاي ب د ت نى تېرورىزىم مەسلىسدە ھەمكارلىششقا چاقىردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى.

ختاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاينىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا يىغىندا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دىگەن: « تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ، تەشكىلىي تورى مۇرەككەپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، پەقەت بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تاقابىل تۇرۇش تەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسىتەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە يادرولۇق ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ھەم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.»

ختاينىڭ تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكى بولۇپمۇ ئامېرىكا يتەكچىلىكىدىكى غەرپ دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىپلىنىپ كەلمەكتە.ختاي بارلىق دىپلوماتىك ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئ‍اقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

ختاي ئەلچسنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق سۆزلىرىدىن بىرى شۇكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيتىنى قوغداش-تىرورلۇققا يول ئاچقانلىقتۇر.

  گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېكىتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە شەخسلەرگە قارىتا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار جازالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش ۋە تاللاپ تەتبىقلاش ماھىيەتتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك. جۇڭگو تەرەپ تېررورىزمنى مۇئەييەن دۆلەت، مىللەت ۋە دىن بىلەن چېتىشقا قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىن ئەركىنلىكىنى قوغداش نىقابى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەيدا بولۇشى، راۋاجلىنىشى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلىشىغا يول قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ.

  ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە ئوخشاشمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاشمىغان دىنلار ئارىسىدىكى باراۋەر سۆزلىشىش، ئىناق بىللە تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى تارايتىشى كېرەك.»

ختاينىڭ تىرورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ياراتقان ئەڭ مۇھىم سەپداشلىرى-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، گىڭ شۇۋاڭ مۇنداق دىگەن:

 «جۇڭگو يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق رامكا ئىچىدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تىنچ، ئىناق دۇنيا يارىتىپ بېرىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«خەلق ئاۋازى» سەھىپىسگە ئەسەر ئەۋەتىڭ!

جۈ سېنتەبىر 1 , 2023
شەخسلەرنىڭ، دىئاسفورا ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى، ھەر تۈرلۈك تېمىلاردىكى مۇستەقىل پىكىرلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈش، ساقلاش ئۈچۈن ، سوسيال مېدىيادىلا يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى-«خەلق ئاۋازى»سەھىپىسى تەسس قىلدى. بۇنىڭدا ھەر قانداق شەخىس مۇستەقىل پىكىرلىرىنى ئىلان قىلالايدۇ.كۆپچىلىكنىڭ بۇ سەھىپىگە ئەسەر يېزىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى:
خەلق ئاۋازى

You May Like