ختاي ئامېرىكىنىڭ ختاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل قوللانغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ختاي توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى چەكلەش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا يېڭى سياسەت ئىلان قىلىپ، 100 % لىك ئەڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى.

ختاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكىنىڭ ختاينڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل قوللانغانلىقى ھەققىدە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: قورۇقچىلىق قالاقلىقنى قوغدايدۇ، كەلگۈسىنى يوقىتىدۇ. ختاي ئامېرىكىنى بازار پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ختاي تەرەپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ختاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازاردا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇنىڭدا سىجىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى ۋە تولۇق بازار رىقابىتىگە تاياندۇق، بۇ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلىك بىلەن بازار قانۇنىيىتىنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشىدىن ئەمەس بەلكى كارخانىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.»

ختاي يىللاردىن بىرى قانۇنسز سودا تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۈنئى ھالدا باھانى چۈشۈرۈپ، دۇنيا بازىرىغا ھەسسلەپ ئەرزان مەھسۇلاتلارنى تۆكۈۋەتكەن.بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شركەتلىرىگە ئىغىر زەربە بەرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ۋەتەن

چا ئىيۇن 12 , 2024

You May Like