خوڭكوڭدىكى مىلىيون كىشىلىك نامايىشنىڭ ئىچكى تەپسىلاتى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: زەپەر ئەردەم 2019-6-9 يۈزمىڭلىغان خوڭكوڭ ئاھالىسى، 9-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەلگىلىمىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش تەشەببۇسىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى،

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: زەپەر ئەردەم 2019-6-9   يۈزمىڭلىغان خوڭكوڭ ئاھالىسى، 9-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەلگىلىمىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش تەشەببۇسىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى، مەزكۈز قانۇن تۈزۈتۈش لاھىيەسى ماقۇللانغان تەقدىردە، خوڭكوڭلۇقلار خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىپ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچۇراش ئىھتىماللىقى سەۋەبىدىن خوڭكوڭلۇقلار ئارىسىدا ئەندىشە قوزغۇماقتا. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشكۈللىگۈچىسى بولغان خىتاي دېموكرات فېدراسسىيەسى كەچ سائەت 8دە ئىپادە بىلدۈرۈپ، نامايىشنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ۋە نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوقلىقىنى ئېيتقان، ئەمما كۆزۈتۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 2003-يىلىدىكى 500مىڭ كىشىلىك نامايىشتىن ئېشىپ كىتىدىكەن. بۇ نامايىش 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كىيىنكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئىكەن. ئەمما خوڭكوڭ ساقچى تەرەپ نامايىش153مىڭ ئادەمنىڭ ۋىكتورىيە باغچىسىدىن يولغا چىقىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىمۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ مۇھىم ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ۋە مەزكۇر قانۇن لاھىيىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە مەزكۇر قانۇن تۈزۈتۈش لايىھىسى پەقەت خارەكتىرى ئېغىر جىنايەتچىلەرگە تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يىغىلىش، ئاخبارات، ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، ۋە خوڭكوڭنىڭ تىجارى مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق، ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقى يەنىلا كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭدىكى پۇخرالار مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە قانۇن تۈزۈتۈشنى قوللاش بۈيۈك بىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 710مىڭ خوڭكوڭ ئاھالىسى توردا بىرلەشمە ئىمزا توپلاپ، مەزكۇر قانۇن تۈزۈتۈش لاھىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭنىڭ جۇڭخۇئەن ماتورىنىڭ ئەتىراپىدا 20دىن ئارتۇق بېلىق كىيمىسى چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تۈزۈتۈش تەشەببۇسىنى قوللىغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 13-ئىيۇن كۈنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىنىدىغانلىقى ۋە نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامىنېت ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئۆز ئىچىدىن قارشى تۇرىدىغانلار چىقمىسىلا توسالغۇسىز ماقۇللىنىدىكەن. 30 سېلسىيە گرادۇسلۇق ئىسىق ھاۋادا كۆپلىگەن خوڭكوڭ ئاھالىسى ئاق كىيىم كىيىپ، سېرىق كۈنلۈك ئېلىپ، “خىتايغا قايتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز، لىنجىن ئورۇن بوشات” قاتارلىق لوزۇڭكىلار بىلەن، ھۆكۈمەتنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىزلىكىنى، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان ئەندىشىسى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى مۆلچەردىن ئېشىپكەتكەنلىكى سەۋەپلىك ساقچىلار ئەسلى ئىتىۋېتىلگەن بەزى يوللارنى ئېچىشقا مەجبۇرى بولغان ۋە بۇ جەرياندا سۈركۈلۈش يۈزبەرگەن ۋە 7 كىشى ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قاتارلىق باھانىلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان، ساقچىلار ئاچچىق پۈركۈگۈش ۋە كالتەك قاتارلىقلار بىلەن پۇقرالارنى سۈرگەن.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

قازاقىستان سايلىمى: يېڭى پرېزىدېنت سايلاندى، نەچچە يۈز كىشى سايلامغا قارشى نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

دۈ ئىيۇن 10 , 2019
دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى قاسىم جومارت توقايېۋ يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان.

You May Like