خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خىتابنامىسى

ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، كونا نەرسىلەرنى ئاغدۇرۇپ يېڭى نەرسىلەرنى قۇرۇش بىر مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ناۋادا مەۋجۇد ھۆكۈمەت خەلىق تەرىپىدىن قۇرۇلمىسا، خەلق تەرىپىدىن باشقۇرۇلمىسا، خەلىق تەرىپىدىن بەھىرلىنىلمىسە، كىشىلەرنىڭ خەلققە تەۋە ھۆكۈمەتنى قۇرۇشىمۇ ھەقلىقتۇر. ھازىرقى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقى تەرىپىدىن قۇرۇلمىغان، باشقۇرۇلمىغان، بەھىرلىنىلمىگەن، شۇڭا بىز بۈگۈن خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدۇق.

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئىزگىل

2019-يىلى 6-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، كونا نەرسىلەرنى ئاغدۇرۇپ يېڭى نەرسىلەرنى قۇرۇش بىر مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ناۋادا مەۋجۇد ھۆكۈمەت خەلىق تەرىپىدىن قۇرۇلمىسا، خەلق تەرىپىدىن باشقۇرۇلمىسا، خەلىق تەرىپىدىن بەھىرلىنىلمىسە، كىشىلەرنىڭ خەلققە تەۋە ھۆكۈمەتنى قۇرۇشىمۇ ھەقلىقتۇر. ھازىرقى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقى تەرىپىدىن قۇرۇلمىغان، باشقۇرۇلمىغان، بەھىرلىنىلمىگەن، شۇڭا بىز بۈگۈن خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدۇق.

«ئىنسانلار تۇغۇلۇشتىنلا باراۋەر، تەڭرى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان بەزى ھوقۇقلارنى ئاتا قىلغان، ئۇلار ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئىززەت ھوقۇقى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» مانا بۇ بىز ئېتىراپ قىلىدىغان ھەم دەپسەندە قىلىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت ۋە پىرىنسىپتۇر. كىشىلەر تالان-تاراج قىلماسلىق ۋە تالان-تاراج قىلىنماسلىق ئۈچۈن قانۇن ۋە ھۆكۈمەتنى تۇرغۇزۇپ، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغان. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلىقتىن كەلگەن ھوقۇقلاردۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ پىرىنسىپنى بۇزسا، خەلقنىڭ ئۇنى ئاغدۇرىۋېتىشكە ۋە قايتا قۇرۇشقا مۇتلەق ھەققى بار.

نۆۋەتتە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالدى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى، خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى توختىماي دەپسەندە قىلدى، خەلققە پايدىلىق قانۇن تۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ تارتىۋالدى. خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى بۈگۈن قانۇن پالاتاسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ «نىقابلىنىشنى چەكلەش قانۇنى» نى تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ يىغىلىش ھوقۇقىنى داۋاملىق چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، كۆپ سانلىق خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا پەرۋا قىلمىدى. بىز خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھوقۇق بېرىشىدىن مەھرۇم قالدى دەپ ھېسابلاپ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيلىقىنى يوقاتقانلىقىنى، مەمۇرىي ئەمەلدارنىڭ، ھەرقايسى مەھكىمە ۋە ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتى تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن ھوقۇقلىرىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلايمىز.

خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى جاكارلايدۇ:

1، ئەسلىدىكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

2، ئەسلىدىكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى، مەھكىمىلەر باشلىقلىرى، ئىدارىلەر باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى دەرھال خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، تاكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەيىنلىگۈچە ئۆز ئورنىنى بوشۇتىشى كېرەك.

3، ھەرقايسى تارماقلار 2018 – يىلىدىن بۇيان خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يېڭى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خادىملار ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى ھەمدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغۇچە تارماقلارنىڭ زۆرۈر بولغان كۈندىلىك نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

4، خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل ياكى ھۆكۈمەت ئاپاراتىنى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارنى ئومۇمىي خەلق نامزات كۆرسىتىپ ھەمدە ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگىچە (بىر قەدەر قىسقا مۇددەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ) بولىدۇ.

5، خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋە ھەرقايسى تارماقلارغا ۋاقىتلىق تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆمۈر بويى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدە ۋە ئاممىۋىي ئورگانلاردا ھەرقانداق ۋەزىپە ئېلىشىغا ياكى مۇئاشلىق تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىنى قىلىشىغا بولمايدۇ.

6، خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يېڭى قانۇن ئېلان قىلغۇچە «خوڭكوڭ قانۇنى» نىڭ ھەرقايسى ماددىلىرى ۋاقتىنچە ساقلاپ قېلىنىدۇ.

7، خوڭكوڭ قانۇن پالاتاسى تارقىتىۋېتىلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋاقىتلىق قانۇن پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىر يىل ئىچىدە قانۇن پالاتاسى يېڭىدىن سايلىنىدۇ. ۋاقىتلىق قانۇن پالاتاسىدا 70 ئورۇن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭ ئارىلى بىلەن غەربىي جىيۇلوڭ سايلام رايونىدىن 20 ئورۇن، شەرقىي جىيۇلڭودىن 10 ئورۇن، غەربىي شىنجىيې بىلەن شەرقىي شىنجىيې سايلام رايونىدىن 18 ئورۇن بولىدۇ.

مەنبە:

https://www.ntdtv.com/gb/2019/10/05/a102679521.html http://www.epochtimes.com/gb/19/10/4/n11568902.htm

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئىستانبۇلدىكى خىتايچە خەتلەر قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

يە ئۆكتەبىر 6 , 2019
تۈركىيەدىكى مېترو، تىرەمۋاي قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرگە يېزىلغان خىتايچە بىكەت ئىسمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلۋاتقان ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار، بىرقىسىم پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى

You May Like