خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ لېكسىيەسى قارشىلىقلارغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ لېكسىيەسى قارشىلىقلارغا ئۇچرىدى

 خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ لېكسىيەسى قارشىلىقلارغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى24-ئىيۇن

ئارمان تەييارلىغان

24-ئىيۇن «ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى»نىڭ رىياسەتچىلىكىدە « سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» بىر مەيدان لېكسىيە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لېكسىيەنىڭ ئاساسلىق تېمىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە بولۇپ، يىغىندا بۇ يىل بېشىدا يېڭىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىياۋ چىيەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما شىياۋنىڭ بىر سائەتكە سوزۇلغان لېكسىيەسى كۆپ قېتىم  توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

يىغىن رىياسەتچىسى ئېچىلىش نۇتقى قىلغاندىن كېيىن شىياۋنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان، ئۇ سۆزگە چىقىپ بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ئولتۇرغان ئاۋسترالىيەلىك ياش پائالىيەتچىDrew Pavlou قولىغا «تىبەتكە ئەركىنلىك، شەرقى تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ كونسۇلنىڭ سۆزىنى بۆلگەن. ئۇ يىغىن ئەھلىگە قاراپ: « بۇ جىنايەتچىلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك! بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى لاگېرلارغا قامالدى، بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز…بۇ كىشى(باش كونسۇلنى دېمەكچى) ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلى، بىز بۇ جىنايەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىقىمىز كېرەك» دەپ خىتاب قىلغان. ئۇ نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار تەرىپىدىن مەيداندىن ئېلىپ چىقىلغاندا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى (خىتاي مىللەتچى ئۇنسۇرى) ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ قولىدىكى لوزۇنكىنى تارتىۋېلىپ يىرتىۋەتكەن، ھەمدە ئېغىزىنى بۇزۇپ ھاقارەت قىلغان. مەزكۇر كۆرۈنۈش نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار تەرىپىدىن تولۇق سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان، شۇنداقلا «ئەلجەزىرە»، «ئا ب س»، «رېيتېر» قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلغان.

 

Drew Pavlou ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئالۋاستىلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك! مەن بۇنى كامپىلاردا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قىلدىم!  

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغۇچىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ شىياۋ نىڭ سۆزلىرىنى بۆلگەن. ۋەھالەنكى باش كونسۇل بۇ يىغىندا ئۆزى ئويلىغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شىياۋ چىيەن مۇخبىرلارغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: « بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق سۆزنى بۆلۈۋېتىش سۆز ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر»، يىغىن تەشكىللىگۈچى تەرەپ ۋەكىلى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن:«ئۇنىۋېرسىتېتىمىز سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقى دېمەك، مېھماننىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس».

يىغىنغا ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمى رەئىسى بەختىيار بۆرە ئەپەندىممۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاي باش ئەلچىسى شىياۋ ئاخىرلىشىش نۇتقى قىلىۋاتقاندا بەختىيار ئەپەندىم ئورنىدىن تۇرۇپ شىياۋغا قاراپ مۇنداق دېگەن: « مەن ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستاندىن كەلدىم! مەن تېررورىست ئەمەس! مەن بۆلگۈنچى ئەمەس! خەلقىم ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكىتىڭنى توختات! ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات! ئۆلتۈرۈشنى توختات!». يىغىن جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم قارشىلىققا ئۇچرىغان شىياۋ يىغىن ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ «ھۇجۇم»دىن ھودۇقۇپ كېتىپ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن.  

بەختىيار ئەپەندىم بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى»نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « مەن ئەسلىدە يىغىندا سورىماقچى بولغان سوئاللىرىمنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن باش ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەمما يىغىن جەريانىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن يىغىن ۋاقتى 15مىنۇت ئەتراپىدا قىسقارتىۋېتىلدى،شۇڭا بىزنىڭ سوئال سوراش ئىمكانىيىتىمىز بولماي قالدى. ئەمما سورىماقچى بولغان سوئاللىرىمنى يىغىن رىياسەتچىسى پروفېسسور جەيمىس ئەپەندىم سورىدى… يىغىن ئاخىرىدا قىلغان سۆزلىرىمدىن كېيىن نەق مەيداندىكى ئامانلىققا مەسئۇل خادىملار مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ساقچىلار مېنىڭ كىملىكىمنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن ئارتۇق ئاۋارە قىلماي يولغا سېلىپ قويدى. كېيىن ئاۋسترالىيە «ABC» قانىلىنىڭ تورىدىن يىغىننىڭ تولۇق سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، مېنىڭ خىتاي ئەلچىسىگە ۋارقىراپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىم ئۇنى خېلى تەمتىرتىپتۇ، چىرايلىرى تاتىرىپ ھودۇققانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ…بۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنە يىگىرمە نەچچە سېكۇنتتا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ خېلى تەسىر قوزغىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئۆزۈمگە بىر ئاز تەسەللى تاپقاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم.» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

يەتتە كۈچلۈك دۆلەت بىرلىشىپ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى 600 مىليارد دوللار پۇل توپلىماقچى. ئۇخلىغان غەرب ئويغانماقتا

يە ئىيۇن 26 , 2022
يەتتە كۈچلۈك دۆلەت بىرلىشىپ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى 600 مىليارد دوللار پۇل توپلىماقچى. ئۇخلىغان غەرب ئويغانماقتا

You May Like