قانداق دۆلەت قۇرۇش كىرەك؟ ئابدۇۋەلى ئايۇپ-2018-يىلى يېزىلغان

قانداق دۆلەت قۇرۇش كىرەك؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ-2018-يىلى يېزىلغان

 2018- يىلدىكى خىيالىم ئىكەن -ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

قانداق دۆلەت قۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىش ھىدايەتتۇر. ھىدايەت توغرا يول دېمەكتۇر. توغرا يول روشەن كۆرسىتىلسە ماڭىدىغانلارنىڭ چىقىدىغانلىقىمۇ مۇقەررەردۇر. كىشىلەرنى ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە سەۋەب بولىدىغىنى يولنىڭ ۋە مەنزىلنىڭ ئېنىق، روشەن، ئاشكارا، پەرقلىق پىكىردىكى كىشىلەر ۋە تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشىدۇ.

 مۇستەقىللىق مۇھاجىرەتتە بىر نىشانغا قاراپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى، ئىشەنچىنى جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ مۇھىمى. سىياسەتتە سىياسىي مەنزىل قانچە ئېنىق، قانچە ئاممىۋى، جەلپكار ۋە ئالقىشلىق بولسا، قانچىلىك كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولسا كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىشىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. ھەمدە بۇنداق ئالقىشلىق مەنزىل شۇنچە كۆپ كۈچنىڭ ھازىرقى رېئاللىقتىن ھالقىغان ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
 
 ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى تېگى تەكتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق دەۋاسىدۇر. بۇ ھوقۇق كىشىلىك ھوقۇق، مىللەتلىك ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق قاتارلىق تەرەپلەردە كونكرېتلىشىدۇ. 
 
كىشىلىك ھوقۇق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى بولۇپ بۇ قايسى دىنغا ئىشىنىش، قايسى تىلدا سۆزلەش، قايسى جايدا ياشاش، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن 30 ماددىلىق ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.

 نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئۇيغۇرلار مەھرۇم قېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدۇر. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتلىك ھوقۇقىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى بىر شەخس بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ھوقۇقلار دېسەك، مىللەتلىك ھوقۇقنى بىر مىللەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن لازىملىق ھوقۇق دەيمىز. 
 
مىللەتلىك ھوقۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، تارىخى مىراسلىرى، ئېتىقادى ۋە زېمىنىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
 ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقى 1759-يىلدىن كېيىن قىسمەن قولدىن كەتكەن بولسا، 1884-يىلى تولۇق قولدىن كەتكەن، ئەمما كۈرەش توختىمىغان. 1944-يىلى ئەجدادلار قانلىق كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلىتى ۋە ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپمۇ 1945-يىلدىكى بۈگۈنكى ب د ت نى قۇرغان دۆلەتلەر ئاچقان يالتا يىغىنى سەۋەبلىك خىتايغا بۆلۈپ بېرىلگەن.
 
 ئازادلىق يولىدىكى قەلەم كۈرىشى، قانلىق كۈرەش پۈتۈنلەي نەتىجىسىزمۇ بولمىغان خىتاي ئۇيغۇرغا ئاپتونومىيە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. خىتايدا ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن ھېچ بىر مىللەتنىڭ قولىدا ئارمىيەسى يوق ئىدى. شۇ قانلىق كۈرەش، شۇ كۈرەشتە تاۋلانغان ئارمىيە بولمىغان بولسا خىتاي زېمىنىمىزنىڭ تامغىسىنى شەكلەن بولسىمۇ بىزگە تۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولمايتتى. زېمىننىڭ ئۇيغۇرغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەن ئالمىغان خىتاي بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى دېگەندىكى ئۇيغۇرنى دائىم چۈشۈرۈپ يازىدۇ، دەيدۇ، ھەتتا چەكلەيدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ مىللەتلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇرۇشى ۋە تەشەببۇسىنى قوشۇنى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىشى نەتىجىسىدە خىتاي ئاساسى قانۇنىدا ئۇيغۇرغا مىللەتلىك ھوقۇقى چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ بېرىلگەن. خىتاي ئاساسى قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش بېكىتىلگەن. بۇ يەردىكى مىللى دېگەن سۆز مىللەتنى كۆرسىتىدۇ، تېرىتورىيە بولسا زېمىننى كۆرسىتىدۇ، ئاپتونۇمىيە دېگەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىشتۇر. خىتاي بۇنى ئاممىباپ قىلىپ «ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئۆزى ئىگىسى بولۇش ھوقۇقى بار» دەپ يېشىدۇ.

 خىتاي بىزگە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئاپتونۇمىيە ھەم مىللىي ھەم تېرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە بولۇپ بىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى شۇ زېمىغان خوجايىن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، خىتاي ئاساسى قانۇنى بويىچە بولغاندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى دېگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم زېمىننى باشقۇرۇش ھوقۇقى، ھەم زېمىندا بىر مۇستەقىل مىللەت سۈپىتىدە خوجايىنلىق ھوقۇقى بار. ھالبۇكى كومۇنىست خىتاي قۇرۇلغاندىن باشلاپ، زېمىنىمىزغا كىرگەندىن باشلاپ توختامدا تۇرغان ئەمەس.

بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقىنى ھەم مىللەتلىك ھوقۇقى، ھەمدە شۇ زېمىنغا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر. بۇرۇن مەۋجۇت بولغان، خىتاي بېسىۋالغان مۇستەقىل دۆلەتنى مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزۇشتۇر.

 ئۇنداقتا زادى قانداق دۆلەت بولىدۇ؟ دۆلەتنىڭ ئىسمى نېمە بولىدۇ؟ تۈزۈمى ۋە شەكلى قانداق بولىدۇ؟ 

مەنچە داۋا ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش بولغان ئىكەن. 2-جۇمھۇرىيەت ۋە بىرىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمى شۇ پېتى بولىدۇ. تۈزۈممۇ خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلار رەھبەرلىك قىلغان جۇمھۇرىيەت بولىدۇ. يەنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولىدۇ . بىز تارىختا قۇرغان 
بىرىنجى جۇمھۇرىيەت پارلامېنت تۈزىمىدىكى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت پېرىزدېنت تۈزىمىدىكى جۇمھۇرىيەت ئىدى. ھازىرقى سۈرگۈندە ھۆكۈمەت پارلامېنت تۈزىمىدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ پېرىزدېنت سىموۋۇل، ئەمەلىي ھوقۇق باش مىنىستىرنىڭ قولىدا. مەنچىمۇ پرېزدېنت سىموۋۇل بولىدىغان، ھۆكۈمەتنى باش مىنىستىر باشقۇرىدىغان پارلامېنت دېموكراتىيەسى مۇۋاپىق.
 بىرىنجى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا دۆلەت بىرلىككە كەلگەن دۆلەت دېيىلگەن. ھىچ بىر رايۇن ياكى مىللەتكە ئاپتونۇمىيە بېرىلمىگەن. چۈنكى ئۇ چاغدا مىللەت ئۇقۇمى رۇشەن ئەمەس، تۈركى تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاساسلىق مىللەتلەر ئاساسەن مىللەتلەر ئارا ئۇيغۇرچە ئىشلىتەتتى، ئۆزىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مىللەت دەپ قارايتتى. ھالبۇكى كەلگۈسى قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەت مەنچە بىرلىككە كەلگەن ئەمەس، فېدرال دۆلەت بولغىنى مۇۋاپىق. بۇ دېگەنلىك گېرمانىيە، ئامېرىكا، شىۋىتسارىيە دېگەنگە ئوخشاش شىتاتلاردىن تۈزۈلگەن فېدراتسىيەلىك دۆلەت.

 بۈگۈنكى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا شەرقى تۈركىستان دۆلەتى قۇرۇلغاندا  ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئاپتونۇمىيەسىنى بىكار قىلىش، ياكى بەرمەسلىك مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرغا ئاپتونۇمىيە بېرىشكە مەجبۇر بولۇشتىن بۇرۇنلا شەرقى تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان، تاجىك، شىۋە قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاپتونۇمىيە بەرگەن. بۇ ھالەت داۋاملاشقانغا بۇ يىل 63 يىل بولدى. شەرقى تۈركىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشقاندا بۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا تۈگىمەس زىددىيەتنىڭ ئۇرۇقى چېچىلىدۇ.

 دۆلەت قۇرۇلغاندا مىللەتلەر خىتاي دەۋرىدە ئېرىشكەن ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كەڭرەك ئىمتىيازغا ئېرىشەلمىسە توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئىنسان ئەزەلدىن بېرىلمىگەننى تالاشمىغان بىلەن بېرىپ بولۇپ تارتىۋالغاننى بەك قاتتىق تالىشىدۇ. قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەت كومپارتىيە بەرگەننى تارتىۋېلىش ئەمەس، بەرمىگەننى بېرىش، بەرگەننى تېخىمۇ كۆپ بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشى كېرەك. 

مەنچە كەلگۈسى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولماستىن مىللەتلەرنىڭ ۋە پەرقلىق جامائەتلەرنىڭ ئاپتونۇمىيەسىگە يول قويدىغان فېدرال دۆلەت بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مۇھاجىرەتتە تەشكىلاتلارنىڭ داۋا مەقسەتلىرى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنىڭمۇ كۆپ خىل بولۇشىدۇر.

مۇھاجىرەتتە كىشىلەرنىڭ داۋا مەقسەتلىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى مىلەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەرقلىق مەقسەتتە بولغانلىقىدىن بولغان. بەزى تەشكىلاتلار ئىسلامى دۆلەت قۇرۇپ شەرىئەت قانۇنى ئاستىدا ياشايمىز دىسە ، يەنە بەزى تەشكىلاتلار دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇپ لايىق، ئېلىمان، سەكيۈلەر دىموكراتىيە ئاستىدا ياشايمىز دەيدۇ.
 مەنچە قانداق سىياسىي تۈزۈمدە ياشاشنى ھەر قايسى شەھەرلەر، مىللەتلەر ئۆزى قارار قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، ماناس خەلقى خەلىپىلىك قۇرۇپ ياشايمىز دېسە مەيلى، دۆلەتكە قوراللىق قارشى چىقماي، زېمىننى بۆلمەي، باشقىلارغا قىلىچ شىلتىماي شۇ شەھەر خەلقىنىڭ تاللىشى بويىچە شۇنداق ياشىسۇن. ئەگەر ھەر قانداق شەھەرنىڭ، ۋىلايەتنىڭ خەلقى شەرقى تۈركىستاننىڭ سابىت داموللامدىن قالغان ئاساسى قانۇنىنى ئەمەس، قۇرئاننى قانۇن قىلىپ ياشاشنى تاللىسا، ماناستەك قىلسا تامامەن بولىدۇ.

 مەنچە كەلگۈسىدە ھەرقايسى پىكىردىكىلەرگە خەلق قوبۇل قىلغان بىر رايۇندا بىر خەلىپىلىك، ئەمىرلىك ياكى شۇنداقراق بىر شەرئى ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىشقا پۇرسەت بېرىش كېرەك. ئەگەر شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر قانداق بىر شەھەر خەلقى شەرىيەتنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ئەمىرلىك، خەلىپىلىك ۋە ياكى شۇنداقراق بىر دىنىي ھاكىمىيەتتە ياشاشنى خالىسا، سايلام ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەللىك پېرسەنتتىن ئارتۇق قوللىشىنى قولىغا كەلتۈرگەن بولسا تامامەن بولىدۇ.

بۇ داۋا پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ داۋاسى بولغانىكەن ، قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتتەمۇ پۈتۈن خەلقنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى مۇجەسسەملىگەن بولىشى كىرەك . مۇشۇ مەنىلەردىن قارىغاندا قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەت بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئەمەس، فېدىرال دۆلەت بولسا مۇۋاپىق. ئەكسىچە بولغاندا بىر سىياسىي گورۇھنىڭ ئارزۇسىنى پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارغا زورلاپ تېڭىش تەپرىقچىلىققا سەۋەپ بولۇپ دۈشمەنگە بايرام ، خەلققە ئاپەت بولىدۇ .

ئورتاق مەنزىلنى، قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتنى بىر رەسىم دېسەك، ھەممە ئادەم شۇ رەسىمدىن ئۆزىنىڭ رەڭگىنى تاپالىسا بىز تەلەپ قىلىۋاتقان ھەمكارلىقتىن ئۈمىت بولىدۇ. بۈگۈن قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىش تەشكىلاتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس، ھەمكارلاشتۇرۇش. ھەممە ئادەمنى قىلغىلى بولمايدىغان كۈرەشلەرگە زورلاش ئەمەس، كىشىلەرنى ئىمكانى يەتمەيدىغان مەنزىلگە سۆرەپ قىيناش ئەمەس، پەرقلىق ئادەملەرنى زورمۇ زور بىر قېلىپقا، بىر جامائەتكە قاماش ئەمەس، بەلكى كىشىلەرگە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، نەتىجىلىك كىچىك ئىشلارغا تەشكىللەش، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئۈمىتلەندۈرۈشتۇر.

ئورتاق مۇستەقىللىق مەنزىلى گەپ بىلەن، ئۆز ئارا ھۇجۇم بىلەن، كىشىلەرنى گەپكە سېلىپ، پاراڭغا مايىل قىلىش، مەددالىق مۇسابىقىسىگە تاماشابىن قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئىنسان كۆرگەنگە ئەگىشىدۇ، ئاڭلىغانغا ئەمەس، نەتىجەگە ئىشىنىدۇ، ۋەدىگە ئەمەس. مۇھاجىرەتتە نامايىشتا ئادەم ئاز، گۇۋاھلىققا ئادەم ئاز، ئەمما سۈكۈتتە ئادەم كۆپ نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي قورقۇنچى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن كۈچلۈك؟ چۈنكى قورقۇنۇچ بېشىمىزدا بار، كۆز ئالدىمىزدا نەق، مۇستەقىللىق غايىمىزدە مەۋجۇت، تېخىچە نىسى بولغانلىقى ئۈچۈن! 
كىشىلەرنى قۇرۇق پو ئېتىپ خىتايغا قارشى ئاتوم بومبا ياساشقا ئەمەس، بىزنى قىرغان خىتاينى باغلايدىغان بىر تال يىپ، بىر ئارقان، يىقىتىدىغان بىر تۇزاق ياساشقا يېتەكلەش بەكرەك ئۈمىت بېغىشلايدۇ، بەكرەك نەتىجە بېرىدۇ.

 بەلكىم سىز بىلىپ تۇرۇپ لاپ ئۇرۇۋاتقان ئاتوم بومبىسىدىن، سىز كۆزگە ئىلمايۋاتقان شۇ ئارقان، شۇ يىپ ۋە تۇزاق كۈچلۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەلكىم شۇ بىز ياسىيالايدىغان كىچىككىنە ئەسۋاپ بىلەن، بىز تەربىيەلىگەن ياراملىق بىر ئەۋلات بىلەن، بىز قۇرغان ئۇتۇقلۇق شىركەت بىلەن بىلەن بىزنى يوقاتماقچى بولغان دۈشمەننى يىقىتىشىمىز، پۇتلىشىمىز، ھىچ نېمە قىلالمىساق مۈدۈرىتىپ قورقىتىشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز، دەل شۇنداق ياساش، قۇرۇش، ئىشلەشتىكى ھەمكارلىق، مەددالىق، پو ۋە لاپتىكى غەيۋەتداشلىق ئەمەس. 

مەنچە مۇھاجىرەتتە مەقسەت مۇستەقىللىق بولسا ئۇنىڭغا يېتىدىغان يول ئۆزىدىن پەرقلىق يولدىكىلەرنى سېسىتىش، چېقىش، يىقىتىش بىھاجەت، چۈنكى مۇستەقىللىقنى تارتىۋالغىنى ھىچ بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى، شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ياكى ئىسلام پارتىيىسى ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچى خىتايدۇر. مەقسەت ھەقىقەتەن ‌مۇستەقىللىق بولسا قۇرۇلماقچى دۆلەت ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى قوللاۋاتقان خەلقنىڭ ئارزۇسىغا، ئىتىقادىغا، ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. دۆلەت قۇرىمىز دەۋاتقانلار خەلقنىڭ قاماقتىن قۇتۇلۇشى، مىللەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، زېمىن داۋاسىنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ باشقا پىكىردىكىلەرنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە قەلبىگە سىغدۇرۇشى كىرەك. 

ئەسكەرتىش: بۇ يازما 2018-يىلى فېۋرالدا بىر يېقىن دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى سەۋەبىدىن يېزىلغان ئىدى. ئېلان قىلىنغان، ئەمما قەيەردە ئېلان قىلغىنىم ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. يېقىندا بىر سەمىمىي ئوقۇرمەنىم مەندىن قانداق دۆلەت قۇرۇش توغرىلىق ئويلىغانلىرىمنى سورىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم، بۈگۈن ھەممەيلەنگە دەپ بەرگۈم كېلىپ ئېلان قىلىپ قويدۇم. مەزمۇنىنى سەل تۈزىتىپ قويدۇم.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنى پائالىيىتى داغدۇغلىق ئۆتكۈزىلدى

سە فېۋرال 22 , 2022
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنى پائالىيىتى داغدۇغلىق ئۆتكۈزىلدى

You May Like