خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-30

 

يەنە 13 دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 22 غەرب دۆلىتى خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بىرلىكتە ب د ت غا مەكتۇپ يوللىغاندىن بېرى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خىتتاي تەرەپتە تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى. خىتتاي تەرەپ تېخىچە بۇ 50 دۆلەتنىڭ تۇلۇق تېزىملىكىنى ئېلان قىلمىدى.

خىتاينىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋىتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى تورىنىڭ 7- ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، جەنۋە ۋاقتى 26- چېسلا چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، 50 دۆلەتنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ئەمەلدارىغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بەزى دۆلەتلەر يەككە مەكتۇپ يوللاش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىتتاينى قوللاشقا مۇراجىئەت قىلغان.

خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتتاينىڭ شىنجاڭ (ش ت) سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى غەرب ئەللىرى، ئومۇمى نوپۇسى كۆپ بولسا 600 مىليون چىقىدۇ، ئارىسىدا بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى يوق؛ ئەمما خىتتاينى قوللىغان دۆلەتلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەرگە جايلاشقان، ئۇمۇمىي نوپۇسى 2 مىليارد ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچىسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، شۇڭلاشقا كىمنىڭ ئادالەت، توغرا تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.»

7-ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يېغىنىدا، 22 دۆلەت تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بىرلىكتە چاقىرىق قىلىپ، خىتتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا، شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغانىدى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سودا ئۇرۇشى: تىرامپ ختتاينىڭ ئاخىرقى 300 مىلىيارد مىلىغا 10%لىك جازا بىجى بولغا قويىدۇ.

پە ئاۋغۇست 1 , 2019
2019-يىلى 1-ئاۋغۇست، ۋاشنگىتون. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، ئافراسياپ. بىر يىلدىن ئاشقان سودا ئۇرۇشى 1-ئاۋغۇست كۇنى پىرزىدنىت تىرامپنىڭ ختتاينىڭ ئاخىرقى 300 مىلىيارد مىلىغا 10%لىك جازا بىجى يۇرگۇزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىش بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇنى شاڭخەيدە ئۆتكۇزۇلگەن 5-ئايدا توختىتىلغان سودا سۆھبىتىدىن كىينكى تۇنجى سۆھبەت ئەمەلى نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەنىدى. بۇ سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ […]

You May Like