خىتتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ خىرىس ۋە پۇرسىتى

نەجمىدىن قارلۇق

خىتتاينىڭ قەد كۆتىرىشىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىس پەيدا قىلغانلىقى، كۈنسېرى ئېتىراپ قىلىنماقتا. خىتتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، خىتتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسقا قانداق ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەت جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغان جىددىي سوئالغا ئايلاندى. خىتتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ ئامىللارغا بولغان پىلان تەلەپلىرىنى قايتىدىن تۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ.

ئەمەليەتتە، نۆۋەتتىكى خەلقارا ۋەزىيەت ھەممىدىن بۇرۇن بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە تاقىشىدىغان بولغاچقا، بارلىق «ئۇۋىدىكى» زىيالىلار، مۆكۈۋېلىپ تاماشا كۆرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىز كۆپ قاتلاملىق بىلىم، ئەتراپلىق خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىرادە ۋە بەدەل تۆلەش پوزىتسىيەسىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇنداق بۇرچىنى تونۇغان زىيالىلىرىمىز بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولىۋاتىدۇ.

خىتتايغا قارشى كۈرەش، بىر دۆلەت قۇرۇش ھەركىتى سەۋىيىسىدىكى ئاممىۋى جاسارەت، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە بىرلىك پاراسىتىگە مۇھتاج ئىدى. ئەپسۇسكى ھازىر بۇ بىر توپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ غودراش ھەركىتىگە ئايلىنىپ ئۆزىمىزنى قانائەت قىلدۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

خىتتاينىڭ قەد كۆتىرىشى ۋە يەر شارى خاراكتىرلىك يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش تىرىشچانلىقى نۆۋەتتىكى يەر شارىنىڭ كۈچ تەرتىپى ۋە ھۆكۈمران قىممەت قارىشىغا، نۆۋەتتىكى سېستىمىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قارىتا ئىنتايىن جىددى ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىياجىنى ھىس قىلدى.

بۇنداق بىر چاغدا ھەر بىر ئۇيغۇر 4-5 ئادەم بىلەن بولسىمۇ تەشكىللىنىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ باشلانغۇچى بولسا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن سىياسىي مائارىپ قوبۇل قىلىشى، ئاممىۋى ئەقىل پاراسەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلق ئادەم ۋە مەسىلىلەرگە باھا بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى بەكمۇ مۇھىم بولغان ئەقەللى باسقۇچ ئىدى. بۇنىڭ بىلەن باراۋەر ھالدا مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ جاسارەتكە كېلىشى، سېستىما ئىچىدە سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار بولۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە ئىدى. ھەقىقەتەن بۇ ۋەزىپىلەرگە بىزنىڭ ئەستايىدىللىقىمىز، ئاممىۋى پاراسىتىمىز، بولۇپمۇ جاسارىتىمىز ۋە كىشىلىك ساپايىمىز يېتىشەلمەي قالدى.

خىتتاي دۇنيا مىقياسىدىكى مۇھىم سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ خىتتايغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز سەگەك بولالىساق، بىزگە ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقارا سودىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تور جاسۇسلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەر، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى ھىس قىلدۇرۇش- ئۇمۇمى كرېدىت يارىتىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىۋاتدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خىتتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە خەلقارا قىممەت قارىشىغا سېلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جازا يۈرگۈزۈشى خىتتاي ۋەزىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە گەرچە ئۈنۈم نۇقتىسىدىن نۆۋەتتە بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى ئاشكارا قوللاشقا ئوخشاش ھالقىلىق ئارزۇيىمىزغا يەتمىسىمۇ، لېكىن چوقۇم باسمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ.

خىتتاينى قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش، يەرشارىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى خىتتاينى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى.

ئەمما خەلقارا جەمىيەت بۇنىڭ قايسى خىل ئېھتىماللار بىلەن مۈمكىنچىلىكى، ماسلىشىدىغان كۈچلەرنىڭ ئاجىزلىقى، ئاممىۋى قوللاشنىڭ ئاجىزلىقى، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەنسىرەپ ھازىرچە ئىقتىساد، سىياسەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ پائالىيەتلەر ھازىر ئاساسەن سايلىغۇچىلارنى قايىل قىلىش باسقۇچىدىن نېرىغا ئۆتكىنى يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ ساھەلەرگە ماسلىشىش ئارقىلىق مارك رۇبىيوغا ئوخشاش بىزنى قوللاۋاتقان سىياسەتچىلەرگە كۈچ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تەشكىللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز ئىشلىرىمىزنى ئۈنۈملۈك رەتلەش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق بىزنىڭ ئاممىۋى پاراستىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى نامايەن قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى بارلىق ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

ئېچىنارلىقى گەرچە مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولىمىز قالمىغانلىقى تامامەن ئېنىق بولۇپ بولغان يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە خىتتايغا قارشى تەييارلىقىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزدا كۆپ ئىلگىرلەش بولغىنى يوق. بىز سەل قاراۋاتقان ئاكتىپلىقىمىز ۋە جاسارىتىمىز، مۇستەقىلل دۆلەت قۇرۇش ئىرادىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ.

بىزنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى مۇستەھكەملىكىمىز، ۋە ئەسلا سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىرلىكىمىز، مۇستەقىللىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىۋاستە نەتىجە قازىنالمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ تەشكىلچانلىقىمىزنى، تەۋرەنمەس ئاممىۋى ئاساسىمىزنىڭ، مۇستەقىللىق يول خەرىتىمىزدە ئىزچىل بولۇشنىڭ كۈچىنى ئىسپاتلايدۇ، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ بىلەن ماسلىشىش ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

نەجمىدىن قارلۇق-ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى، شەرقى تۈركستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى قۇرغۇچىسى، سياسى مائارىپ ۋە تەشكىللىنىش تەشەببۇسچىسى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شى جىن پىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا يوليورۇق بەردى.

دۈ ئاۋغۇست 28 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 29-ئاۋغۇست ختاي دۆلەت رەئىسى، ختاي كومپارتىيسى باش كاتىۋى، ختاي ھەربى ئ‍شلار كومېتىتى رەئىسى شى جاللات 26-ئاۋغۇست جەنۇبى ئافرىفىنىڭ يوھاننىسبرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك دۆلەتلەر يېغىننى ئاياقلاشتۈرۈپ، ئادەتتىكى قائىدىسگە خىلاپ ھالدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن شنخۋا ئاگېنتلىقى ۋە شنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە، شى جاللاتنىڭ قسقا دوكلات ئاڭلىغاندىن كىين قىلغان سۆزلىرى […]
xi-jallat-urumchide

You May Like