خىتتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: زۇلپىقار

2019-9-9

خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان قىممىتى 8-ئاينىڭ بېشىدا 4% چۈشكەن بولۇپ، بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەت ئۇرۇشىدىكى قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ بىر قەدىمى بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر بېيجىڭ خەلق پۇلىنى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بىرىنجىسى، خىتتاينىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتتاي ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا بىلەن تۆر تالىشىپ،دۇنيا ھاكىمىتىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتتاي ئامېرىكىنى «زوراۋانلىق بىلەن دۇنياغا ھاكىم بولۇش» بىلەن ئەيىپلەپ، ئۆزىنى ئېزىلگەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قوغدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندىلا، خىتتاي ئامېرىكىغا قارشى ئۆزىنىڭ «ھەق يولدا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى كۈچ كېرەك ۋە خىتتاي بۇ كۈچىنى 1997-يىلى ۋە 2008-يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى كىرىزىسلىرىدە كۆرسەتتى. بۇ ئىككى قېتىملىق كىرىزىسدە، خىتتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى  مۇقىم تۇتۇپ تۇرالىدى ۋە كىرىزىستىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلۇپ قالدى. لېكىن بۇ قېتىملىق خەلق پۇلىنىڭ قىمىمىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان «ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت»  نوپوزىغا داغ چۈشۈرۈۋېلىشى مۇمكىن.

ئىككىنجىسى، تىجارەت تەڭپۇڭلىقىنى  بۇزۇۋىتىدۇ.

خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان قىممىتى چۈشتى دېگەن خەلق پۇلىنىڭ تەيۋەن، كورىيە،سىنگاپور ۋە ھىندىستان قاتارلىق كۆپ تىجارەت ئېلىپ بارىدىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا نىسبەتەن قىممىتىمۇ چۈشتى دېگەن گەپ. بۇنداق بولغاندا، بۇ دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلغان ماللارنىڭ سانى ئازلاپ، تىجارەت تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنجىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.

بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىساللىرىدىن بىرى،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتتاينى «تاشقى پىرىۋوتنى كونتىرول قىلىۋالغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزىشى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ترامپ خىتتايغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمە قويالايدۇ  ۋەياكى باج نىسپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرەلەيدۇ.

تۆتىنجىسى، خىتتاي ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولىدۇ.

خەلق پۇلىنىڭ باھاسى چۈشكەن ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ خەلق پۇلىغا ئىشەنچىسى تۆۋەنلەيدۇ ۋە پۇلىنىڭ قىممىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆپلەپ تاشقى پىروۋوت ئېلىپ چەت ئەلگە يۆتكەشكە باشلايدۇ. بۇ خىتتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغان ئاقىۋەتلەردىن بىرسى.  ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر يىل 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چەت ئەلگە يۆتكەلگەن بولۇپ،  بۇ سان خىتتاي مىللى دارامىتىنىڭ 2%نى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ بىر دۆلەتنىڭ پۇل زاپىسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر يوقىتىش ھېساپلىندۇ.

خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش تىجارەت ئۇرۇشىنىڭ پۇل ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.  قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئۇرۇشتا خىتتاي چوڭ زىيان تارتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تاھىر ئىمىن: ھەر ئۇيغۇردىن بىر ھەرىكەت !

سە سېنتەبىر 10 , 2019
ئۇيغۇر مىللىتىدە چەكسز يوشۇرۇن ھاياتى كۈچ بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، سودا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققياتىدا، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى قۇتۇلۇش ۋە تىرىلىش ھەرىكىتىدە غايەت زور مۇھىم ئوينىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى مۇھاجىرەتتىكى «ئ‍شەنچ ۋە مۇھەببەت كىرزىسى » بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئۆز-ئارا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك تۆشەكتە كۆزىتىپ ياتقان كىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چېقىشتىن توساپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى.

You May Like