ختتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن خاڭجۇ خىتتايلىرىنى مەجبۇرى تۇققانلاشتۇرماقتا

ختتاي دائىرلىرى ئۆتكەن بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋە تىز سۈرئەتتە ئاسسلماتسيە قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا بولۇپ، ئۇيغۇرستان شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ختتاينىڭ شەھەرلىرىدىكى ختتايلار بىلەن نۇقتىلىق ھالدا تۇققانلاشتۇرۇش ھەرىكىتنى قانات يايدۇرغان.

ختتاي ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن خاڭجۇ خىتتايلىرىنى تۇققانلاشتۇرماقتا

 

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-سىنتەبىر

 

ختتاي دائىرلىرى ئۆتكەن بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋە تىز سۈرئەتتە ئاسسلماتسيە قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا بولۇپ، ئۇيغۇرستان شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ختتاينىڭ شەھەرلىرىدىكى ختتايلار بىلەن نۇقتىلىق ھالدا تۇققانلاشتۇرۇش ھەرىكىتنى قانات يايدۇرغان.

 

ختتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات زۇۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى «خاڭجۇئاقسۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نىيەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى»تېمىسىدىكى ئاتالمىش «تۇغقان يوقلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» ئاقسۇ شەھىرىدە باشلانغان، ختتاينىڭ خاڭجۇدىكى  ئاتالمىش توققۇز «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋەكىلى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئاقسۇغا كېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىغان.بۇنى ختتاي كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشچە، ختتاي ئۇيغۇرلار بىلەن ختتاينىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ختتايغا ئاسسلماتسيە بولۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن بىكار قىلىش، مەجبۇرى توي قىلىش سياستىنى يولغا قويۇش،ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، ختتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش،ختتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى تۇققانلاشتۇرۇش قاتارلىق سياسەتلىرى بار.

 

ختتاي دائىرلىرىنىڭ دۆلەت مەتبۇئاتى تەڭرىتاغ تورىدا مۇنداق يېزىلغان: 

«  ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» «ئەڭ گۈزەل قەلبداشلار ئورمىنى» تېمىسىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەر قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا گۇۋاھ بولىدىغان قەلبداشلار دەرىخىنى ئۆز قولى بىلەن تىكتى.

   كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئاياغلىشىشى بىلەن، تۇرغۇن سۇلايمان ئائىلىسىدىكىلەر لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاراتال بازىرى سات كەنتىدىكى تۇرغۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، لۇ جيەنفاڭ ئۈزۈم، ئالما، شاپتۇل، ئالۇچا، ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىك باغقا لىق تولغانلىقىنى، باقمىچىلىق رايونىدا يەنە كالا، قوي، توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېقىلىۋاتقانلىقىنى كۆردىئۇ تۇرغۇن سۇلايمان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات، مول ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

   لۇ جيەنفاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، تۇرغۇننىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى، بەش نەۋرىسىنىڭ ھەممىسى كەلگەنىدى ھەم بالدۇرلا مېۋەچېۋىلەرنى ئۈزۈپ، قوي گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ، داپەنجى قورۇپ، لەڭمەن ئېتىپيىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالدى

يۇرتى ئاقسۇدىن بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرىدىغان ئۇيغۇر مەھمۇتجان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدىختتاينىڭ ھەر قايسى يۇرتلارنى ختتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن ئېقتسادى جەھەتتە باغلاپ،ۋەتىنىمىزنى ختتاي بىلەن بىر گەۋدە قىلىش سياستىنى ئىجرا قىلىۋاتقىغىنىغا ئۇزۇن بولغان.ئەگەر ئاقسۇ خەلقىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە، ئۇلار ختتاي بىلەن بىللە ياشاشنىمۇ خالىمايدۇ،ئەمما ختتاي مەجبۇرى ئۇسۇللار ۋە يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن بۇنداق سياسەتلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزيەسى يوۋتۇب قانىلىنى باشقۇرۇش چارىسى

يە سېنتەبىر 18 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋىدىئو قانىلى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىئو ئامبىرى بولىدۇ.مەزمۇن دائىرسى-ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق ئەھمىيەتلىك، سۈپەتلىك ۋىدىئولارنى يوللاشقا بولىدۇ.كونېكرىت دائىرسى: خەۋەر، سياسى ھەرىكەت، ۋەتەندىن سادا، لېكسيە، مەدەنىيەت، ختتاي مېدىياسى، ئىجېتىمائى ھەرىكەت، ئوتتۇرا ئاسيا، دىن، خەلقئارا ۋەزىيەت، قىرغىنچىلىق، شەخسلەر قاتارلىق تېمىلاردا بولىدۇ.

You May Like