خىتاينىڭ دېڭىز كۈچى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇقىم زامانىۋىلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى خىتاينىڭ يېقىن دېڭىز رايونىدىكى كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئايلىنىپ، تېخىمۇ يىراق دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھەركىتى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 5- يانۋار

 

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇقىم زامانىۋىلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى خىتاينىڭ يېقىن دېڭىز رايونىدىكى كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئايلىنىپ، تېخىمۇ يىراق دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھەركىتى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

 

خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندا، ئۇرۇش ھالىتىدىكى دېڭىز كونتروللۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىدىكى بىر چوڭ خىرىس دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان دۇچ كەلگەن تۇنجى خىرىس.

 

بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان غەربىي تىنچ ئوكياندا ئالدىنقى قاتاردىكى ھەربىي كۈچ بولۇش سالاھىيىتىگە جەڭ ئېلان قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل .

 

بىر قىسىم ئامېرىكا كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ دېڭىز پاراخوتى ياساش تىرىشچانلىقىنىڭ سۈرئىتى ۋە كۆلىمىگە، بولۇپمۇ تېخىمۇ چوڭ سۇ ئۈستى جەڭ پاراخوتى ياساشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

 

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى مۇنداق:

 

  1. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنى ھەربىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش؛
  2. خىتاينىڭ سودا تىرانسىپورت لىنىيىسى (SLOC) نى قوغداش، بولۇپمۇ خىتاينى پارس قولتۇقىغا تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيىلەرنى قوغداش؛
  3. ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى تەسىرى ئورنىدا خىتاينىڭ تەسىرىنى بەرپا قىلىش؛
  4. خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايون كۈچى ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەش.

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تاقابىل تۇردى. ئامېرىكا فلوتىنىڭ زور بىر قىسمىنى تىنچ ئوكيانغا يۆتكىدى. ئەڭ يېڭى پاراخوت، ئايروپىلان ۋە ئەڭ ياخشى خىزمەتچىلەرنى تىنچ ئوكيانغا ئەۋەتتى. مەشغۇلات، مەشىق ۋە مانېۋىر، ھەمدە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بولغان  ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇردى ياكى كۈچەيتتى. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىلانلانغان كەلگۈسى كۆلىمىنى ئاشۇردى، يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،  يېڭى پاراخوت، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ۋە قوراللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن پروگراممىلارنى يولغا قويدى، كۆپەيتتى ياكى تېزلەتتى.

 

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سانى 360، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بولسا 297 بولغان. مۆلچەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ 2025-يىلغىچە 400 ئۇرۇش پاراخوتى، 2030-يىلغا بارغاندا 425 ئۇرۇش پاراخوتى بولۇشى مۇمكىن.

 

ئەمما كەلگۈسىدىكى مۇمكىن بولىدىغان جەڭنى ئىككىلا تەرەپ خالىمايدۇ، سىياسىي ۋە ئەسكىرى ۋەزىيەت ناھايىتى تېز كەسكىنلىشىۋاتىدۇ،كەلگۈسىدىكى ئىككى يىل ئىچىدە ھەممە ئېھتىماللىقلار بولۇشى مومكىن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نەتىجىسى

چا يانۋار 6 , 2021
خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى (DYY) يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئىستراتېگىيىلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتى.

You May Like