خىتاينىڭ <<بىر بەلۋاغ بىر يول>> ستراتىگىيىسى قازاقىستاندا يېڭى رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خىتايچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24-مارت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خىتاينىڭ <<بىر بەلۋاغ بىر يول>> پىلانىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26- ئاپرېل خەۋىرى

 

ئارمان

 

ئەركىن ئاسىيا خىتايچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24-مارت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خىتاينىڭ <<بىر بەلۋاغ بىر يول>> پىلانىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا شۇ بولدىكى، بۇ قېتىمقى نامايىش قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ ئەھۋال ئىلگىرى ئاز كۆرۈلگەن ئىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە قازاقىستاندا يېڭىدىن قۇرۇلغان «قازاقىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ نامايىشنىڭ ئاساسلىق تەلىپى: بىرىنچىدىن: ھۆكۈمەتنىڭ » تۇپراق قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىغا قارشى تۇرۇش، ئىككىنچىدىن: خىتاينىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە قارشى چىقىش شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش نامىدىكى تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە نارازىلىقىنى قوزغىغان ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ماددىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: قازاقىستاندىكى دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تۇپراقلارنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى ياكى چەتئەل مەبلەغ سالغان يەرلىك كارخانىلارغا سېتىلىشى ياكى ئىجارىگە بېرىلىشى چەكلەنگەن. ئەمما قۇملۇق، ياكى چۆللۈكلەردىكى ئىشلىتىش قىممىتى بولمىغان تۇپراقلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە 25 يىللىق ئىجارىگە بېرىشكە بولىدىغانلىقى دېيىلگەن. سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا قازاقىستاننىڭ نېفىت زاپاس مىقدارى 4 مىليارد توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە 1-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 15- ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي گاز، كان مەھسۇلات بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇراننىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيانىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى: خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا ئاساسەن قازاقىستاندىكى قانۇنى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى خالىغانچە مونوپول قىلىشى، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش نامىدا تۇپراقلارنى ئىگىلىۋېلىشى ئىكەن.

 

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت قازاقىستاندىكى بارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خۇاۋېي شېركىتى ئىتالىيەدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

جۈ ئاپرېل 30 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30-ئاپرېل خەۋىرى ئارمان

You May Like