خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن

خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن

خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 21-مارت

يۈسۈپجان

خىتاي دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 21- مارت دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى «شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» گە تەۋە بوئېن 737 تىپلىق بىر ئايروپىلان كۇنمىڭدىن گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچۇش جەريانىدا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغان. دائىرىلەرنىڭ دەلىللىشىچە مەزكۇر ئايروپىلان شۇ ئەتراپتىكى تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن. «شىنخۇا» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئايروپىلاندا جەمئىي 132نەپەر كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 123نەپەر يولۇچى، 9 نەپەر ئايروپىلان خادىملىرى بار ئىكەن. ھازىرچە خىتاي تەرەپ ئۆلۈم ئەھۋالىنى ئېلان قىلمىغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە كۇنمىڭ ئايروپورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، پىلان بويىچە 3سائەت5مىنۇتلۇق مۇساپىدىن كېيىن گۇاڭجۇ ئايروپورتىغا قونماقچى بولغان. ئەمما ئايروپىلان قوزغىلىپ 1 سائەت 15 مىنۇت بولغاندا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن تاغلىق رايوندا كەڭ دائىرىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

دۈ مارت 21 , 2022
دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

You May Like