خىتايدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ۋەقەگە ئۇچراپ 27 كىشى قازا قىلغان

خىتايدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ۋەقەگە ئۇچراپ 27 كىشى قازا قىلغان

 خىتايدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ۋەقەگە ئۇچراپ 27 كىشى قازا قىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-سېنتەبىر

خىتايدىكى يەرلىك تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان سەندۇ ناھىيەسىدە 18-سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ناھىيەدىكى 47 نەپەر كىشىنى مەجبۇرىي ھالدا ئاپتوبۇسقا بېسىپ ئاتالمىش كارانتىن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ ماڭغاندا ۋەقەگە يولۇققان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان ئۇچۇرلىرىدا دېيىلىشىچە ۋەقەدە 27 كىشى قازا قىلغان. ئەمما دائىرىلەر ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن. شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنگە قەدەر خىتاي تورلىرىدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار پاك پاكىز تازىۋېتىلگەن.

 хитайда кишиләрни мәҗбурий карантинға елип маңған аптобус вәқәгә учрап 27 киши қаза қилған

уйғур агентлиқи 2022-йили 18-сентәбир

хитайдики йәрлик таратқулири вә иҗтимаий тор таратқулардики учурлардин мәлум болушичә, хитайниң гуйҗу өлкисигә җайлашқан сәнду наһийәсидә 18-сентәбир йәкшәнбә күни еғир қатнаш вәқәси йүз бәргән.

мәлум болушичә, йәрлик даириләр мәзкур наһийәдики 47 нәпәр кишини мәҗбурий һалда аптобусқа бесип аталмиш карантин дохтурханисиға елип маңғанда вәқәгә йолуққан. хитай даирилириниң елан учурлирида дейилишичә вәқәдә 27 киши қаза қилған. әмма даириләр вәқә тоғрисида тәпсилий учур бәрмигән. шу җай вақти йәкшәнбә күни чүштин кейингә қәдәр хитай торлиридики вәқәгә мунасивәтлик учурлар пак пакиз тазиветилгән.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى تورۇنتۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئىلىپ باردى

يە سېنتەبىر 18 , 2022
2022- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 12 دە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئاادىدا نامايىش ئىلىپ بىرىلماقتا؛

You May Like