خىتاي ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

 


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئۇچۇرى

     ۋەتەندىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىش ھارپىسىدا، مەككار خىتاي ئاۋالقىدەك ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان نەق مەيدانلارغا ساھىپخانلىق قىلغان.خىتاي ھۆكۈمىتى  ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بارلىق كامىرالارنى ئېلىۋەتكەن، لىكىن ئېلىپ تاشلانغان كامىلارنىڭ ئىزلىرى قالغان. مەسچىتلەرگە كىرىشتىن چەكلەنگەن خەلق ئاممىسىنى قايتىدىن مەسچىتكە كىرىشكە زورلىغان. كىرىشكە ئۇنىمىغانلارنى كىرمىسەڭ جازا لاگىرغا كىرىسەن دەپ قورقاق سېلىپ ،زالىم يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارلىغان  .مەسچىت ئالدىدا كىملىك تەكشۈرىدىغان مۇئەككەللىرىنى كۆزدىن يۇغۇشتۇرغان .خىتاي ساقچىللىرىنى پۇقراچە يىزىپ،  كوچىلارغا قويۋېتىپ ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلغان. يالغان سودىگەر، ھۈنەرۋەن  كاسىپلارنى مەشغۇلات قىلدۇرغان. ئۇلارئەمەلىيەتتە  ھېچ سودا قىلمايدىغان خىتاي ساقچىللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ،يالغاندىن ئۇنى-بۇنى قىلغان بولۇپ، ساختا كەيپىيات يارتىپ، زىيارەتچىلەرگە ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار نۇمۇر تاختىسى بولمىغان ماشىنلاردا كوچا -كوچىلارنىڭ دوقمۇشلىردا تۇرۇپ كۈزىتىپ ئولتۇرغان.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ بۇنداق كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلىقىدىن ئەلۋەتتە خەۋىرى بار. شۇنداقتىمۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغاچ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ياۋروپا پارلامنتى ختتايغا قارشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارار ماقۇللىدى.

شە ئاپرېل 20 , 2019
ياۋروپا مەنپەئىتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،18-ئاپرىل ياۋروپا پارلامنىتى ختتايدىكى ئ‍نسانى ھوقۇق ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر قارار ماقۇللىغان.

You May Like