خىتاي قانداق بىلگەن، قانداق بىلىدۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بىر ئاي بۇرۇن بىر سىرلىق ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئېلخەتتە «ئەركىن بۈركۈت» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بىرىنىڭ مەلۇم بىر تەتقىقاتىمغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. سىندا، تېلىفوندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم، رەت قىلدى. كەچمىشىنى يېزىپ ئەۋەتىشنى سوراپ باقتىم قوشۇلمىدى. قايسى دۆلەتتە تۇرۇدىغانلىقىمۇ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى، پەقەتلا مېنىڭ ھېلىقى تەتقىقاتىمغا ياردەم بەرگۈسى بارلىقىنى، شۇ ھەقتە ياردەم بېرەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق سوئ‍الغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. بۇرۇنقى تەجرىبەن بويىچە بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم.

مېنى ھەيران قالدۇرغىنى خىتاي جاسۇسىنىڭ مېنى ئىزدىشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ماڭا قىلتاق قۇرۇشىمۇ ئەمەس، قانداق قىلىپ مەن تېخى ئۈچ ئاي بۇرۇن باشلىغان، تۈركىيەگە بېرىپ بىر قانچە ئادەمنى زىيارەت قىلغان تەتقىقاتىمنى بىلىپ قېلىشى ئىدى. بۇ ھەيرانلىققا يېقىندا بىر ئايدەك ئىزدەنگەندىن كېيىن جاۋاپ تاپتىم. جاۋابىمنى ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىنجىنىرى بىلەن ئورتاقلاشتىم. سىرلار تېخىمۇ ئېچىلدى. مېنى پايلىغانلارنىڭلا ئەمەس مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پايلاۋاتقانلارنىڭ، مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقان، ئۇيغۇرنى قاماقتا مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قانماي ئۇلارنى ئۆيىدە، كوچىدا مەھبۇسلاردەك ياشاشقا كۆندۈرگەن قەبىھلىكنىڭ سىرى ئېچىلدى . توغرا،خىتاي ھەممىنى بىلگەن، بىلىدۇ، بىزنىڭ قولىمىزدىكى تېلفونغا يوشۇرۇنغان تېخنىكادىن، بىز بىخەۋەر ئىلىمدىن، زامانىي دۇنيادىن ساۋاتسىزلىقىمىز تۈپەيلىدىن ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ قولىمىزدىكى تېلىفون ۋە بىخەستەلىكىمىز سەۋەپلىك.

خىتاي جاسۇسلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغاندا ئىشلىتىدىغان دائىملىق جۈملىسى توغرا، ئۇلار سىزنى سىزدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. سەۋەبى مۇھاجىرەتتە جاسۇسلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەمەس، سىزنىڭ قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ قويغان يېرىڭىزمۇ ئەمەس، ئاتا ئانىڭىزنىڭ سىزنى پاش قىلىپ قويغانلىقى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى قولىڭىزدىكى تېلفون. سىزگە قېرىنداشلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان خىتايچە ئەپلەر سىزنى پاش قىلىدۇ. ئۇلار كۈندىلىك ھاياتىڭىزنىڭ خىتايغا ئېچىلغان كۆزنەكى بولۇپ، خىتاي دويىن، كۈئەي شوۋ، شىياۋ خوڭشۇ، دىڭ دىڭ، جىفۇ باۋ، ئۇندىداردىن سىزنى ماراپ تۇرۇدۇ. مەن ھېلىقى تەتقىقات ئۈچۈن زىيارەت قىلغان توققۇز كىشىنىڭ ھەممىسى ئۈنىدىدار ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خىتاي بىزنىڭ نېمە دېيىشكەن، نېمە تېما ھەققىدە سۆزلەشكىنىمىزنى بىلىپ بولغان گەپ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىنى تىزگىنلەش، ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىنى كونترول قىلىش، ئۇلارنى قورچاق ئويناتقاندەك ئوينىتىپ، بىر بىرىگە سوقۇشقا سېلىش، خالىسا تۇتۇپ، خالىسا ئۆلتۈرۈش، خالىسا مىيىپ، مەتۇ، مەجروھ قىلىپ تاماشا كۆرۈش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چۈشى، فاشىستلارچە شۇم نىيىتى ئىدى. خىتاينىڭ بۇ نىيىتى ئاخرى ئەمەلگە ئاشتى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى ئۆزى ياسىۋالغان ئەپلەر بىلەن، چەتتىكىلەرنى ئۇلار كۈندە ئىشلىتىدىغان چەتنىڭ دېتالى، شۇنداقلا ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن چۈشۈرگەن خىتايچە ئەپلەر بىلەن ئەپلەپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي ئۇيغۇرنىڭ يېرىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، نازارەت قىلىش ۋە قىسماققا ئېلىش ئۈچۈن غەرپنىڭ ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكاسىغا تايانغان. خىتاي غەرپتە بانكالارنىڭ خېرىدارلار ئىچىدىكى قەرىز بېرىشكە بولىدىغان، ئويلىشىشقا ئەرزىيدىغان، ياكى بولمايدىغانلارنى ئايرىپ چىقىدىغان بىر ئاپتوماتىك ئۇسۇلنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئىشەنچلىك، ئادەتتىكى ۋە ئىشەنچسىز دەپ ئۈچ تۇرگە سانداننىڭ ياردىمى بىلەن ئاپتوماتىك ئايرىغان. بۇنىڭغا ئاساس بولغان مەلۇماتلار شۇ كىشىنىڭ كىملىكى، مەلۇماتى، چەتئەل بىلەن ئالاقەسى، پاسپورتى بار يوقلۇقى، ئۈچ ئەۋلات كىملىك ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، تۇغقانلىق مۇناسىۋەت، دىنى مۇناسىۋەت دائىرەسى قاتارلىقلار بولغان. ئۇيغۇرنى ئايرىپ، ئۈچكە بۆلۈپ، ئىشەنچسىز ياكى ئەمەسلىكىنى ئاپتوماتىك ئايرىپ بېرەلەيدىغان بۇ يېڭى تېخنىكالىق قورالنىڭ، بۇ كاتتا سانداننىڭ ئىسمى بىرلەشمە ھۇجۇم سۇپىسى ئىدى.

خىتاينىڭ كوچالاردا ئۇيغۇرلارغا كامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلىشى دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، بۇ بىر كونا ئۇسۇل ئىدى. ئەگەر كىشىلەر كامېرادىن يىراق تۇرسا خەتەر يوق ئىدى. 2008-يىلى باشلىغان. ئولىمپىك مەشئېلى ئۈرۈمچىدىن ئۆتكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلەردە بولۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇنجى قېتىم كامېرا قويغان. ئەمما ئانچە چوڭ رولى بولمىغان، مەشئەل بىخەتەر ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما كارامەت بىر يىلدىن كېيىن كۆرۈلگەن. بەشىنچى ئىيۇل پاجىئەسىدە خىتاي ئۇيغۇرلار كۆپ مەھەللىلەرگە قويغان كامېرالارنىڭ كۈچىنى كۆرگەن، شۇنىڭغا چۈشۈپ قالغانلارنى ئاسانلا تۇتقان، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تېلىفونىنى تەكشۈرگەندە خەزىنەگە دۇچ كەلگەندەك ھاياجانلانغان، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى كوتكوت ئارقىلىق، مۇنبەلەر ئارقىلىق تەشكىللەنگەن ئىدى. كوت كوتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دوست يارەنلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئەمما قولدا تەكشۈرۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت كەتكەن، كوتكوتنىڭ ئىز قوغلاش، ئاۋاز، سۈرەت ۋە سىنلارنى ساقلاش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا نۇرغۇنلار توردىن چۈشۈپ قالغان. ئەڭ قولايسىز بولغىنى ئىسىم ساختا، تىزىملاتقان نومۇر خەقنىڭ، ئۇلارنىڭ كىملىكى يوق! نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى يوق! كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە 600 مىڭ ئۇيغۇر كىملىكسىز چىققانمىش. بەشىنجى ئىيۇلدىن كېيىنكى بىر ئايدا كامېرا شىددەتلىك كۆپەيتىلىپ، كىملىك تەكشۈرۈلگەن، زادى كىم قەيەردە، نېمە قىلىۋاتىدۇ، بىلىش ئۈچۈن.

2012 -يىلى ئىككىنچى ئەۋلات كىملىك تارقىتىش باھانىسىدە نوپۇسى يوقلارغا نوپۇس بېرىلىپ ھەممە ئادەم كىملىككە ئىگە قىلىنغان، كىملىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە سۈركەشكە لايىق قىلىش ئۈچۈن كىملىكلەرگە ماگېنتلىق تاياقچە ئورناتقان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردىن قەيەرگە ماڭغانلىقى، قەيەرلەردە ئايرۇپىلانغا، قەيەرلەردە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قەيەردە ماي قاچىلىغانلىقىنى ئارخىپلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەنلا تەييارلىق پۈتۈپ بولدىمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش قانداق ھازىرلىقلاردىن تەلەپ قىلاتتى؟

شۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بەشىنجى ئىيۇلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە مۇنبەلەر، سالۇنلار كۆپەيدى، ئاۋازلىق ئەسەرلەر كۆپلەپ كەتتى. نۇرغۇن رومانلار ئوقۇلۇپ كەتتى، رەقەملىك ئەسەرلەرگە ئايلاندۇرۇلدى. ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش، خەت كىرگۈزگۈچ، ئاۋازنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش، ماشىنا تەرجىمە دېتاللىرى ياسالدى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئاسان، ئاپتوماتىك، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى. مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاپتوماتىك تونۇلۇشى، تېكىستكە ئايلاندۇرۇلىشى ۋە تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 12 مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ گېپى ۋە خېتىنى تۈمەنلىگەن تەرجىمانغا ئ‍ۆرۈتكەندىن كومپىيوتېرغا كۆتۈرە بېرىش ئاقىلانە چارە ئىدى. شەكسىزكى، ئادەم ھارىدۇ، ئۇنتۇپ قالىدۇ، خاتالىشىدۇ، ئەمما ماشىنا ھەرگىز ھارمايدۇ، ئەمەسمۇ.

2014-يىلى كۈزدە 200 مىڭ كادىر سەپەرۋەر قىلىنغان ئۈچ ئەل قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. مەخسۇس ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان يەرلىكلەرگە يېشىل كارتا تارقىتىلدى. ئۇچۇرلار يەنە بىر قېتىم توپلاندى، تولۇقلاندى، يېڭىلاندى. ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ ئەۋلادى تەكشۈرۈلدى، مۇناسىۋەت دائىرەسى، ئۆيلەرنىڭ خەرىتەسى تاپشۇرۇلدى. تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بوشلۇقلار قاشالاندى، كىملىكلەر يەنە توپلاندى. كىم بۇرۇن نېمە قىلغان، قاچان تۇتۇلغان، نەچچە خوتۇن ئالغان ئېنىقلاندى. دېمەك، ئۇيغۇرنى مەھبۇسلارغا ئايلاندۇرۇشتا كېرەكلىك مەلۇماتلار توپلانماقتا ئىدى.

2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈندىداردەك ئەپلەر چىقىپ كەتتى، بۇنداق ئەپلەر كوتكوتقا، تېلفون نومۇرغا باغلاندى. تۈرلۈك ئەپلەردە تەبىلىغلەر، دەرسلەر، سۆھبەتلەر قايناپ كەتتى. 2012- يىلىدىن باشلاپ ھىجرەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئەمما ئەپلەر تېخىمۇ ئەركىنلەشتى. خىتاي قويۇۋەتتى، بەزىلەر بۇنى ئاللاھ بەرگەن نىمەت دەپ تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرغا تەشۋىقات، تەبلىغات قىلدى. خىتاي نېمىشقا قويۇۋەتتى؟ سەۋەپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىپ، تەرجىمە قىلىپ، تونۇپ، تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ماشىنا بار، تەبلىغچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى توپلاپ، زاپاسلايدىغان تېخنىكا بار ئىدى. 2014-يىلى 8-مارتتا كوئالالامپوردىن بېيجىڭغا ئۇچۇش يولىدا يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننى ئىزدەۋاتقانلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراپ قالدى. تايلاندتا بۇتخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۈرۈمچىدە كۆكتات بازىرىدا پارتىلاش بولدى، تۇنجى نۆۋەت ئامېرىكا ئۇ ۋەقەنى تېرورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتاپ ئەيىپلىدى. تايلاندتا بايقالغان، تۇتۇلۇپ ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرنى جاھانغا تونۇتتى. ئۇزاق ئۆتمەي بېيجىڭ تېرورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇشنى نېمە بىلەن قىلدى؟ كىم قىلدى؟ قېنى خەلق ئۇرۇشىدىكى خەلق؟ قېنى ئۇ قورال؟

ئۇرۇشنى خەلق قىلمىدى، كومپىيوتېر قىلدى. خىتاي بەشىنچى ئىيۇلدىن كېيىن ئۈندىداردىن، كوتكوتتىن، قىسقا ئۇچۇرلاردىن توپلىغان، زاپاسلىغان، كاتېگورىيەلەشتۈرگەن ئۇچۇرلارنى بىرلا بۇيرۇق بىلەن بېسىپ چىقاردى دە كىملەرنىڭ تۇتۇلۇشى مۇقىملاشتى، يەنە بىرلا تېلفون بىلەن ئۇلارنى ئالدىغا سېلىپ قاماققا ھەيدەپ كەتتى. ئۇيغۇرنى خىتاي ساقچىلار بىر بىرلەپ ئىز قوغلاپ يۈرۈپ تەكشۈرمىدى، ئۆيىگە بېرىپ تىنتمىدى، تېلىفوننى تەكشۈرۈپلا تۇتتى. ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان ساندان تۇتتى، يىللاردىن بۇيان توپلىغان مەلۇماتلار كۈچىنى كۆرسەتتى. خىتاي بەشىنچى ئىيۇل پاجىئەسىدە ئالاقە ۋاستىسى بولغان كوتكوتنى قولىدا ئاختۇرۇپ جاپا تارتىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۈندىدارنى ياسىغاندا بۇ مەسلىنى ھەل قىلدى. تېلفوننى كوپىيوتېرغا چېتىپلا، ھالقىلىق سۆزدىن ئىككىنى، بىر قانچە كونا مەھبۇسنىڭ ئىسمىنى، گۇمانلىق تېلفون نومۇردىن ئۈچنى كىرگۈزۈپلا چاتاق تاپالايدىغان، چاتاقچىلارنى تېپىپ چىقالايدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ تېلىفونى، بانكا كارتى، كىملىك كارتى، توك، گاز، سۇ، سۇغۇرتا، داۋالىنىش كارتى ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ساندان قۇرۇپ چىققان، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىرلەشمە ھۇجۇم سۇپىسى دەپ ئاتىغان. خىتاي سۇپىنى ياسىدى، ئۇ يەرگە چىقىپ كىمنى قارغا ئالماقچى؟

بىرلەشمە دېگەن نېمە؟ بارلىق ئۇچۇرىڭىزنىڭ بىرلەشمىسى، يەنى تېلفون كارتىڭىز، بانكا كارتىڭىز، پاسپورتىڭىز، كىملىكىڭىز، شوپۇرلۇق پىراۋا، سۇغۇرتا كارتى، داۋالىنىش كارتى، ئايلىق كارتى، ئاپتۇبۇس كارتى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرىڭىز بىرلەشتۈرۈلگەن. بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق سىز داۋاملىق باھالىنىش ھالىتىدە ياشايسىز، بىرىدىن چاتاق چىقتى ئوق يەيسىز. ھۇجۇم يەنە كىمگە؟ شۇ كارتلارسىز، كىملىكلەرسىز، تېلفونسىز ياشىيالمايدىغان ئۇيغۇرغا! قانداق ھۇجۇم، ھايات ماماتلىق ھوجۇم.

ئۇيغۇرغا قىلىنغان بۇ قېتىملىق ھۇجۇم دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن، باشقىلار باشتىن كەچۈرمىگەن، ھايات ماماتلىق ھۇجۇم، چۈنكى ھىچ بىر ئۇيغۇر كىملىكسىز، تېلفونسىز ياشىيالمايدۇ، ھەم سىزنى ئۇنىڭسىز ياشاتمايدۇ. بۇ كۆرۈنمەس بىر ئەقىلنىڭ، بىر غايەت زور سانداننىڭ بىر مىللەتنىڭ سىرىنى بىرمۇ ئايغاقچى ئەۋەتمەي بىلىپ قالىدىغان، بىر پاي ئوق ئاتماي بىر يۇرتنى قورقۇتۇپ ھۇشىدىن كەتكۈزىدىغان، جىسمى مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتەلەيدىغان ئېلكترونلۇق ھۇجۇم ئىدى. ھۇجۇمنى كومپىيوتېر ئۆزىدىكى تەييار سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق قىلىدۇ، مىليۇنلىغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئالگورىتمالانغان مەلۇماتلار شۇ ئادەمنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. كىملەرنىڭ تۇتۇلۇشىنى مىڭلىغان مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ساندان چىقىرىپ بېرىدۇ. ھۇجۇمدا پەقەتلا كونۇپكا ئالدىدا ئولتۇرۇپ تۇتۇشقا چۈشكەن سانلارنى يوللايدىغانلارلا ئادەم، تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرىدىغانلار، تېلىفون قىلىدىغانلار ئادەم، ئەمما كىمنى تۇتۇشنى قارار قىلىدىغان نەرسە ساندان، ماشىنا، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئادەم يوق، ھىسيات يوق، پەقەتلا سانلىق مەلۇماتلار بار.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان، مەھەللىسىگە كىرگەن، بايلىقلارنى قولىغا ئالغان بىلەن ئۇلارنىڭ روھىغا، ئەقلىگە، ھېسسىياتىغا ئىگە بولالمىغان ئىدى. خىتاي مىڭلىغان جاسۇس ياللاپ، ئون مىڭلىغان خىتايغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي مۇستەقىللىقىگە چېقىلالماي كەلگەن ئىدى. زامانىۋىي تېخنىكا ئىنسانلانىڭ ئەقلىنى، تۇيغۇسىنى، ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان بۇ شۇملۇقنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. خىتاي بۇ شۇملۇقنى ئۇيغۇرلارغا قىلدى.

خىتاي تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان يۈرىكى پوك پوك ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى چۈشىنىپ، دىلىنى بىلىپ، يۈرىكىنى تىڭشاپ باقماقچى، كۈندىلىك پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرماقچى ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ بارغان تۇرغان يەرلىرىنى بىلىپ تۇرماقچى ئىدى، ئۇلارنىڭ كىمگە دوست كىمگە دۈشمەن، نېمىگە ئاشىق، نېمىدىن زوقمەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشنى ئىستەيتتى. ئاخىرى تېخنىكا قورالى بىلەن بۇ ئىمكانمۇ، بۇ پۇرسەتمۇ بولدى. خىتاي قايسى ئۇيغۇرنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار ئىكەنلىكىنى، قانداق دوراپ يەپ قاچان دوختۇرغان بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ نېمىنى كۆرگەندە ئۆرلەپ، نېمىگە ئۇچرىغاندا چۈشىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرماقچى ئىدى، بۇمۇ ئايدىڭلاشتى، نېمە بىلەن؟ قولىڭىزدىكى تېلفون بىلەن، سىز ئاچماي چىدىمايدىغان ئەپ بىلەن. خىتاي ئالقاندەك بىر شاپاقنى قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ، ئىچىگە سىزنى ھەر ۋاقىت پايلاپ تۇرىدىغان ئەپلەرنى سەپلەپ، سىزنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن قولىغا ئۆگىتىۋالدى.

سىز ئاخشامدا ئىشتىن چۈشۈپ، ئۈندىدارنى ئاخىرقى قېتىم ئېچىپ، كۆرمىگەنلەرنى كۆرۈپ، ئۇچۇرلارغا جاۋاپ بېرىپ بولۇپ يوتقانغا كىرگەندە بەلكىم شۇ كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياشىغان، قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنىڭ ھەممىنى دەپ بېرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىز شۇ بىر كۈننى دەپ بېرەلمىگەن يەردە بىر ھەپتە، بىر ئار ئىچىدە نەچچە نۆۋەت ئاچچىقلاپ، نەچچە نۆۋەت خۇرسەن بولغانلىقىزنى، قايسى ناخشىغا يۈرەك بېرىپ، قايسى قانالغا ئەگەشكىنىڭىزنى، قايسى گۈزەلگە گەپ تاشلاپ، قانچە سەتەڭ چىقارغان سىننى ئوغۇرلۇقچە مارىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما قولىڭىزدىكى ئۈندىدار، سىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاخىرقى قېتىم مالتىلىغان ئەپلەر خىتايغا، خىتايدىكى تور سودىگىرىگە، ئەپچى شىركەتلەرگە سىز ھەققىدە ھەممىنى دەپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ج خ دېتالىرى سىزنى تۇتۇش تۇتماسلىقنى قارار قىلسا، ئەپلەر سىز چەككەن نەرسىلەرنى خاتىرلەپ قويۇپ سىزگە مەھسۇلات ئىزدەيدۇ، ئەپچى شىركەتلەر ئەتە ئويغانسىڭىز ئاللىچان سىزنىڭ نېمە كۆرۈشىڭىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىپ بولىدۇ.

گەپنى تېخىمۇ ئېنىق بولۇش ئۈچۈن مۇنداق چۈشەندۈرەي. سىز تاماقنى يەپ بولۇپ، سافاغا قىيسايدىڭىز، قولىڭىزدا تېلىفون، دويىننى ئاچتىڭىز. ئابدۇللانىڭ «قارا تۇپراق» تۇپراق دېگەن ناخشىسى چىقىپ قالدى. چەكتىڭىز، شۇ ھامان ئىكراننىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەقىل سىزنى خاتىرلەيدۇ. سەن ئابدۇللانىڭ ناخشىسىغا ئامراق، ناخشىلاردىن ئايرىلىش مەزمۇنىدىكى ناخشىغا ئامراق، ئايرىلىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتا بالىنىڭ ئايرىلىشى تېمىسىدىكى ناخشىغا ئامراق…دېگەنلەر ئاپتوماتىك خاتىرلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. سىز ناخشىنىڭ: كىم ئويلىدى سەندىن مەڭگۈ جۇدا بولۇشۇمنى، دېگەن يەرگە كەلگەندە يىغلايسىز، ئەگەر سىزنىڭ ئ‍ۈندىدارىڭىزنى خىتاي يۈز تونۇش دېتالىغا چېتىپ قويغان بولسا سىزنى، دادىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. بىرلا كونۇپكا بېسىلىدۇ-دە دادىڭىزنىڭ لاگىردا جان ئۈزگەنلىكى چىقىدۇ، ياكى تۇتۇلغانلىقى چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزنى نازارەت قىلىش باشلىنىدۇ. ئەپچى، يەنى تاراتقۇ شىركىتى سىزگە ئايرىلىش مەزمۇنىدىكى ناخشىلارنى داۋاملىق يوللايدۇ، ج خ تەرەپكە سىز ھەققىدە ئۇچۇلار يىغىلىپ تۇرىدۇ. ئىكرانىڭىز ئابدۇللانىڭ ھىجران كۈيلىرىگە تولىدۇ. سىزمۇ غەلىبەلىك ھالدا، ھېسياتى تۇراقسىز، چاتاق چىقىش ئىھتىمالى بولغان، ئىجتىمائىي رايۇن تەرىپىدىن نوقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىسىز. قاراڭ، ھازىر زامان ئۆزگەردى، بۇرۇن كىنونى ئادەم كۆرەتتى، ھازىر كىنو سىزنى كۆرىدۇ.

سىز ئۈرۈمچىدە، ئىستانبۇلدا، پارىژدا، ئالى بابادىن پ د ف كىتاپ ئالدىڭىز، ئۈندىداردا ئاچتىڭىز، يېنى يېتىپ ئوقۇۋاتىسىز. خىتاي سىزنى نازارەت قىلماقچى بولسا، سىزگە قادالغان بولسا سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى ئېچىپ كىتاپنى بىللە ئوقۇيدۇ. ئەگەر، بىرى بىلەن سۆزلەشسىڭىز بىللە سۆزلىشىدۇ. نازارەتنى ئادەم قىلماي ئۈندىدارنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەرگەن بولسا سىزنىڭ قايسى قۇردا يىغلاپ، قايسى قۇرغا كۈلگىنىڭىزنى، قايسى قۇرنى قايتا قايتا ئ‍وقۇغۇنىڭىنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ. ئۈندىدارىڭىز سىزنىڭ كىم يازغانغا غەزەپلىنىپ، كىمنىڭ يازمىسىغا يۈرەك بەرگەنلىكىڭىزنى تىركەپ ماڭىدۇ. ئۇلارنى تېلفونىڭىزدا ساقلانغان ئۇچۇرلار بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ، يازغانلار ئىچىدە سىزدە كىملەرنىڭ نومۇرى بارلىقىنىمۇ خاتىرىگە قاتىدۇ. سىز ئوقۇغان كىتاپ بىلەن ماڭا ئوخشاش بىرەر كونا سىياسى تۇتقۇن، خەتەرلىك ئۇنسۇر، ياكى سابىق مەھبۇسنىڭ ئوقۇغىنى ئوخشاش چىقىپ قالسىمۇ خاتىرىلىنىپ قالىسىز. بۇ ئاپتوماتىك خاتىرەلەر يىغىلىپ مەلۇم ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن سىزنى پۈتۈن ئۇيغۇرنى ئايرىغان ئۈچ كاتېگورىيەنىڭ بىرىگە مەھكۇم قىلىدۇ- دە، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز دەرھال تۇتىدۇ.

ئەگەر ئۇ كېچە سىز چەتتە ئەمەس ئۈرۈمچىدە، ئۇچۇرلار داۋاملىق توپلىنىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك تېخى تۇتۇلمىسىڭىز، سەھەردە سافانىڭ بېشىدا ئۇنتۇپ قالغان تېلفونىڭىز سايراپ سىزنى ئويغاتقاندا تۇتۇلغانلىقىڭىزنى بىلىسىز. چۈنكى بۇ تېلىفون خەتەرلىك كىشىدىن، نوقتىلىق ئۇنسۇر تەرىپىدىن ئۇرۇلغان، بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ قاتارىغا تىزىلىپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن بىر دوستىڭىز، تۇغقىنىڭىز، ياكى بىر خېرىدارىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ھىچ بىر ئادەمنىڭ، ھىچ بىر جانلىقنىڭ پايلىشى، پاش قىلىشى بولمىسىمۇ سىز شۇ بىر تېلفون، بىر ئۇچۇر، بىر نومۇر سەۋەپلىك ئاپتوماتىك ھالدا يا خەتەرلىك ئىنسان، يا ئادەتتىكى ئىنسان ۋەياكى بىخەتەر ئىنسان بولۇپ ھېساپلىنىپ كېتىسىز. بۇ ئاقىۋەتنى ئۆز قولىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفونىدا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭىزنى بىر ئ‍ۆمۈر بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، چۈنكى تۇتۇلغاندىن كېيىنمۇ بۇنى سىزگە ھىچكىم دەپ بەرمەيدۇ. مىليۇنلىغان ئۇيغۇر مۇشۇنداق تۇتۇلدى. بىر ئۇچۇر كەلدى، بىر تېلفون قىلىندى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ يوتقان كۆرپىسىنى يۈدۈپ، ئىچ كىيىمىنى قاتلاپ، تۇتۇلغىلى ئ‍ۆزى باردى. سىزچە ئۇلارنى ئادەم تۇتتىمۇ؟ ياق! ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىغا چىققان، ھەتتا خىتاي ئالداپ، زورلاپ، ئىتىبار باھادا تېڭىپ تارقىتىپ بەرگەن تېلفونلار، قاچىلانغان ئەپلەر تۇتۇپ بەردى.

خوش، سىز يەنىلا ئۈرۈمچىدە، تېلفوندا دويىنمۇ يوق، ئۈندىدارمۇ يوق، باشقا ئەپلەرمۇ چاتاق چىقارمىدى، تۇتۇلمىدىڭىز، بىخەتەر ئادەم تۈرىگە ئايرىلدىڭىز. ئەمما قىزىلتاغدا كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھاممىسى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ قالدىڭىز. تونىمايسىز، بىلمەيسىز، سالاممۇ قىلمىدىڭىز، ئەلۋەتتە. ئەمما چاتاق چىقىدۇ، بۇ چاتاقنى سىزنىڭ تېلىفونىڭىز تاپىدۇ، بىر خەتەرلىك كىشىنىڭ يېنىدا ماڭغاندا تېلىفونىڭىز بۇ ئۇچۇرنى مەلۇم قىلىدۇ، سىزمۇ سىستىمىدا خەتەرلىككە ئايلىنىسىز، ئۇ ھاماممۇ، سىزمۇ خەتەرلىك گۇماندار بولۇپ تۇتۇلىسىز. بىر خەتەرلىك كىشى بىلەن بىر يولغا چۈشۈپ قالسىڭىز بېشىڭىزدىكى كامېرا سىزنىڭ يۈزىڭىزنى تونۇپ سىزنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇ ئەتراپتا كوچاغا قويۇلغان كامېرانى كۆزىتىپ تۇرغان ساقچى، ياكى سىزگە مەسئۇل ساقچى تۇيۇقسىز سىزگە تېلىفون قىلىدۇ، ھەمدە ساقچىغا چاقىرتىدۇ. ئەگەر سىز پىيادە ئەمەس ماشىنىلىق بولسىڭىز قىزىل چىراققا كەلگەندە ماشىنىڭىزنى قاتناش ساقچىسى توسىدۇ، ۋە ياكى كىملىك تەكشۈرۈشتە كىملىكىڭىز سايراپ كېتىدۇ. سەۋەپ نېمە؟ سىز ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن، خەتەرلىكلەر بىلەن بىر يولدا ماڭغانلىقىڭىز، بىر ماشىناغا چىققانلىقىڭىز ئۈچۈن خەتەرلىك كىشىگە ئايلىنىپ قالىسىز. سىزگە مەسئۇل ساقچى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، كېلىپ سىزنى ئېلىپ كەتمىسە، قويۇپ بېرىشكە رۇخسەت بەرمىسە ئۇدۇل لاگىرغا يوللىنىپ كېتىسىز.

لاگىرغا بارمىدىڭىز، پارا يىگەن ساقچى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئەمما بىر كۈنى ئالدىراپ ساقالنى تۈزۈك ئالماي، يۈگۈرەپ ئىشقا ماڭدىڭىز، كېچىكسە باشلىق ئەپلەيدۇ، ئەمما يۈگۈرسەچۇ؟ كوچالارغا قويغان كامېرا تۇتۇپ كېتىدۇ. كامېرا ئۈچ كۈن ساقالنى ئالماي يۈگۈرگەننى تارتىپلا ئەپلەيدۇ. يۈزىڭىزنى تونۇيدىغان ئىكران سىز يۈگۈرۈپ كوچادىن ئۆتكەندە سىزنىڭ چىرايىڭىزدىكى جىددىيلىكنى سېزىۋالىدۇ. كامېرانىڭ ئالدىدىن قىزىرىپ تەرلەپ ئۆتكىنىڭىزنى كامېرا گۇمانلىق كىشى دەپ يەكۈنلەيدۇ، ھەمدە دەرھاللا سىزنى خەتەرلىك دەپ قاراپ، سىزنىڭ رەسىمىڭىز ئارقىلىق كىملىكىڭىزنى، قانچە تۇتقۇننىڭ توغقىنى ئىكەنلىكىڭىزنى شىددەت بىلەن ئاختۇرۇپ تېپىپ چىقىدۇ- دە، شۇئان ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدۇ. نېمە بولغاننى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بىلمەيسىز. چۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە كېسىلمەي، سوراقسىز قاماقلاردا يېتىپ كېتىۋاتقان ئادەم پەقەت كۇچاغا جايلاشقان بەش قاماقخانادا 26 مىڭدىن ئاشىدۇ دەيدۇ.

مېنىڭ تەتقىقاتىمدە 2017- يىلدىن كېيىن تېلفونلاردىكى ئەپلەر، كوچاغا قويۇلغان كامېرانىڭ ئاۋاز، سۈرەت ۋە كەيپىياتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كىشىلەرنى كوچادا كېتىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ ئۇلارنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەردى. ئېشەكنىڭ كۆزىدەك كامېراغا بىر قارىغانغا، خۇددى تىلسىماتلىق جاھان ئەنىكىدەك كىشىلەرنىڭ ئون يىللار بۇرۇنقى رەسىمىنى، سۆزىنى، ھەتتا كىم بىلەن قەيەردە نېمە دېيىشكەنلىكىنى چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن ساراسىم باشلىنىپ كەتكەن. بۇ بىسرەمجانلىق كىشىلەردە بىز دېمىسەكمۇ خىتاي ھەممىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى مەلۇم قىلغىنىمىز تۈزۈك دېگەن ئاڭنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. نەتىجىدە خىتاينىڭ كۈچىگە تېخىمۇ چىن پۈتۈپ، ئۆزىنى ئ‍ۆزى نازارەت قىلىدىغان، باشقىلارنى ئۆزلىگىدىن نازارەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن.

كىشىلەر رەقەملىك تۈرمە ئىچىدە ئالتە يىل ياشاپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېسىلىپ كەلگەن ئەقىدە، ئۇدۇم، چۈشەنچە ۋە مىزانلىرىدىن ئەمەس قولىدىكى ئەپلەرنىڭ رولىدىن، كارامىتىدىن، كۈچىدىن قورقىدىغان، ئەنسىرەيدىغان، شۈركىنىدىغان ھالغا كەلدى. سەۋەبى بىرى نىسى بىرى نەق. ئەخلاق ئۇيغۇرنى بۇرۇن جامائەت پىكرى بىلەن كونترول قىلاتتى، تۇتقۇنلار باشلىنىپ كىشىلەر ئۆزى بىلەن، جېنى بىلەن قالغاندا جامائەت پىكرىمۇ كۈچىدىن قالغىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر خۇدادىن، دىندىن، ئۇيغۇرلۇقتىن كوچا كويدىكى كامېرانىڭ، مەھەللە مەھەللەلەرگە قويۇلغان تېلفون تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنەلەرنىڭ نازارىتىدە ئۆزلىگىدىن يىراقلاۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا ھازىر خۇدا، خىتاي، ئىمان، زۇلۇم، جەننەت، ھۆرلۈك، ئەركىنلىك، نىكاھ، ئۇيغۇرلۇق دېگەن سۆزلەر يوقالدى. خىتاي تېلفونغا قاچىلانغان ئەپلەر بىلەن ئاتا- ئانالارنى پەرزەنتىگە ئۇيغۇرچە روھنى سىڭدۈرۈشتىن ئەمەس، نورمال ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشتىنمۇ ۋايىپ يەيدىغان ھالغا چۈشۈرپ قويدى. ھازىر ھىچكىم ئۇيغۇرنى بالاڭغا خىتايچە سۆزلە دېگەن يوق، ئەمما ئۈچ يىللىق يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت ۋە تۇتقۇن كىشىلەرنى قويۇپ بەرسىمۇ سۆزلىمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

بولۇپمۇ 2022 -يىلىدىن كېيىن، ئۆي ئاختۇرىدىغان، كۈندە ئادەم تۇتىدىغان، ھەر كۈنى يوقلىما قىلىدىغان ئىشلار يوق، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، قاراماي، غۇلجا تەرەپلەردە ئۇ ئىشلار ئاياقلاشقان، چۈنكى تۇتۇلغانلار كېسىلىپ بولدى، كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى قاماققا سولاپ بولدى. شۇڭا ھازىرقى نازارەت بۇرۇنقىدەك زورلۇق بىلەن قىلىنىۋاتقان نازارەت ئەمەس. بۇنى قىلمىساڭ قامايمەن، جازالايمەن دېگەن گەپمۇ يوق، ئەمما كىشىلەر ئاللىقاچان ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىدىغان، ئۇيغۇرچە ئاڭ، تۇرمۇش، ئادەتلەردىن ئاڭلىق ئۆزىنى تارتىدىغان، يېقىن يولىمايدىغان، شۇنداق ئاڭدىكىلەردىنمۇ ساقلىنىدىغان ھالغا كېلىپ بولدى. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ روھىنى تىزگىنلەش نىشانىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.

ھازىر ئۈندىدارنى كونترول قىلغان خىتاي بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق تاماققا ئامراقلىقىنى، قانداق دورا يەيدىغانلىقىنى، قايسى ياتاقلاردا ياتقانلىقىنى، قانداق كىشىلەر بىلەن دوستلىشىپ، قانداق كىنولارنى كۆرگەنلىكىنى دەپ بېرەلەيدۇ. يۇقارقى ئۇچۇلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ قانداق قىز بىلەن توي قىلسا بولىدىغانلىقى، قانداق خىزمەتنى ئاسان تاپالايدىغانلىقىنى، قايسى كېسەل ئۈچۈن قانداق دوختۇرخاناغا بارسا بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ.

خوش، مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ قانداق تۇتۇلغانلىقىنى، بۇ تۇتقۇننىڭ قانداق باشلانلىقىنى، نازارەت تېخنىكاسى ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۇيغۇرنىڭ يېرىنى قانداق قىلىپ رەقەملىك تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ چىقتۇق. ۋەتەندە مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى قامىغان تېخنىكا كورۇنا ۋاقتىدا خىتايلارغا قوللىنىلدى. ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتىدۇ. ھازىر نامايشىقا ئادەم ئازلاپ كەتتى، ئانا تىل مەكتەپلەر تاقالدى، ئەمما خىتايغا بارىدىغانلار، خىتاي مېلىنى ساتىدىغان دۇككانلار كۆپەيدى، بۇنىڭ سەۋەبى بار ئەلۋەتتە.

يېقىندىن بۇيان خىتاي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرنى نازارەت قىلىشتا چەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرگە تېخىمۇ كۈچەشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز فېيىسبۇكتا، يۇتۇپتا، تۋىتىردا پەلەستىننى قوللاپ ئامېرىكادىن نەپرەتلىنىدىغان، غەرپنىڭ قارا تەنلىكلەرنى، ئەرەپلەرنى ۋە باشقا ئاسىيالىقلارنى كەمسىتكەن تارىخىنى پاش قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنى پارچىلايدىغان مەزمۇنلارنى چىقىرىدىغان ھېساپلار كۆپلەپ قالدى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە ناخشا مۇزىكالاردىن باشقا ھېچ نېمە چىقارمايدىغان ھېساباتلار ئاۋۇپ كەتتى، ھەتتا كۈلدۈرگە بەتلىرى پەيدا بولدى. يېقىنقى ئايلاردا ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىرى خاماس ئىسرايلىيە توقۇنىشى ھەققىدە ئامېرىكا، ئىسرايلىيەنى ئەيىپلەپ ئۇيغۇرچە ئۇزۇن ئۇزۇن ۋىديولارنى ئىشلەپ تارقاتتى، بۇنى مۇھاجىرەتتە بىلمەستىن تارتقىتىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ پەيدا بولدى، مانا بۇنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ئىددىيەسىگە سىڭىپ كىرىش دەيمىز.

يېقىندىن بۇيان چەتتىكى تاراتقۇلاردا يەنە مەخسۇس تاماق، تېۋىپلىق ۋە كىچىك درامما چىقىرىدىغانلار پەيدا بولدى. سەۋەپ خىتاي ھېچنېمە قىلمىدى، ھەممە نەرسە نورمال دېگەننى تەرغىپ قىلىش، كىشىلەرنى قايتىشقا، شۇ تاماشالارنى ۋەتەنگە قايتىپ كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا مۇزىكانى، ئويۇن تاماشانى يەمچۈك قىلىپ توردا بارلارنى، دايىم چىقىدىغانلار، ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشكە ئامراقلارنى ئايرىپ چىقىش، لازىم بولغاندە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئىشلىتىش، ئۇنىمىسا قورقۇتۇپ، ئاتا ئانىسىنى گۈرەگە ئېلىپ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مېنىڭ يېقىندا بايقىغىنىم ئەنۋەر ئۇيغۇر مۇزىك دېگەن بىرى. ئۇ بىر سىندا ھەممە نەرسە نورمال، ھەممە ئادەم ئۆز غېمىدە دەپتۇ، خىتتايغا تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەپتۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى بىلال ئەنۋەر دەپ يېزىپتۇ. ئۇ ئون يىللار بۇرۇن تىزىملاتقان ئىكەن، ئەمما 2021-يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئاكتىپلىشىپ كېتىپتۇ. پۈتۈنلەي ۋەتەندىكى يېڭى سىنلارنى چىقىرىدۇ، ئەمما تۇرىدىغان يېرى دېگەنگە ئىستانبۇل دەپتۇ، بىر تۈركىيە نومۇرىنى قالدۇرۇپتۇ. تېلفون قىلسام ئېلىنمىدى، توردا بار ۋاقتى تۈركىيە ۋاقتىغا توغرا كەلمەيدۇ. خۇلاسە كالام، خىتتاي بۇ ياللانمىلار بىلەن يەنە نېمە قىلماقچى؟ بىزنى شۇنداق ھېساپلارغا ئەگەشكۈچى قىلىپ يەنە نېمە قىلماقچى، چەتنىڭ ئەپلىرىدە خىتاينى تەشۋىقات قىلىشتا چەتتە تۇرۇپ ئۇلارغا ماسلىشىۋاتقانلار بارمۇ ياكى ئۇلار بىۋاستە خىتايدىن چىقىۋاتامدۇ ؟

2019-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەرلىك ساقچى تارماقلىرى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى چەتئەلدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا زورلاپ كەتتى. ساقچىلار چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ھېساپ ئېچىپ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تاپتى. يىللار بۇيان ئېچىلمىغان ئۈندىدارلار ئەسلىگە كەلدى. چىگرانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تۇرۇپ بىر بىرىگە تەشنا بولغانلار ئاخىرى كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش نېمە بىلەن بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئەپلەر بىلەن، خىتاي ئاچقان دويىن، كۈئەي شوۋ، شىياۋ خوڭشۇ، دىڭ دىڭ، جىفۇ باۋ، ئۇندىدار قاتارلىقلار دىدارلارنى قاندۇردى، مۇراتلارغا يەتكۈزدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلفونىغا خىتاي يەنە كىرىۋالدى. ھەتتا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىبتە تۇرۇۋاتقان تۈركىستان ئ‍ىسلام پارتىيەسى ئەزالىرىدىن تارتىپ، ئەلھول، روجاۋادەك ئەسىرلەر لاگىرىدا تۇرۇۋاتقانلارغىچە ئۈندىدارلارنى قوزغىتىپ ئاتا-ئانالار، قەۋم- قېرىنداشلار بىلەن مۇڭداشقىلى باشلىدى. سىرلارمۇ خىتايغا ئېقىشقا، ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلاپ كەتتى. خىتايچە ئەپلەر خىتاينىڭ قولىنى ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگە يەتكۈزدى. ۋارقىراۋاتقان ئاۋازلار بوغۇلدى، ئاكتىپلار غايىپ بولدى. ھازىر خىتاي ئىشخانادا ئولتۇرۇپلا ئۇيغۇر بار يەردىكى خەۋەرلەردىن ۋاقتى ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرىدۇ. جاسۇسقا كېرەك بارمۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بىردىن جاسۇس تۇرسا! توغرا، مەن خىتاينىڭ دېتالىنى ئىشلەتمەيمەن، ئەمما ماڭا تېلىفون قىلغان دوستۇمنىڭ تېلىفونىدا ئۈندىداردىن تارتىپ دويىنغا قەدەر ھەممىسى تۇرسا، ھەتتا ماڭا گۇۋاھلىق بەرگەن، تەتقىقاتىمغا ماسلاشقانلارمۇ ئۈندىدار بار تېلىفوندا مەن بىلەن سۆزلەشكەن تۇرسا، مېنىڭ ئاۋازىم، ئەۋەتىلگەن گەپلەر، يوللانغانلار ئۇلاردىلا قالمايدۇ – دە!

خىتاي بىلىدۇ، تېلىفونىمىزدا خىتاينىڭ ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى قانداق باپلاپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىزنىڭ ھەممە ئۇچۇرىمىزنى بىلىنىپ قالىدۇ. خىتاي ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكىنى ئاز دەپ باشقا كىشىنىڭ مەخپىيىتى بىلەنمۇ ئىشى يوق بىپەرۋا تونۇش بىلىشلەرنىڭ، بىخەستە دوستلارنىڭ تېلىفونىغا قاچىلانغان خىتايچە ئەپلەر ئارقىلىق،بىز بۇرۇن ئىشلەتكەن تېلفوندىكى ئەپلەر ئارقىلىق بىلىدۇ.

بىزنى خىتايغا پاش قىلىپ قويۇۋاتقانلار يالغۇز خىتاي ماركىلىق تېلفون، ئۈندىدار ۋە دويىنلا ئەمەس. بىز ئادەتتە تىجارەت، ئۆگىنىش، ئىبادەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تېلفونغا قاچىلىغان بارلىق خىتايغا باغلانغان ئەپلەر، خىتاي ئوغۇرلىۋالغان ئەپلەر بىزنى كۆزەتلەپ تۇرىدۇ. مەسىلەن،

خىتايچە ئەرەپچە، خىتايچە ئېنگىلىزچە لۇغەتلەر، خىتايغا ئىشلەيدىغان قۇران ئەپلىرى، ئەرەپچە، ئانا تىل ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۇيغۇرچە خىتايچە ئاپتۇماتىك تەرجىمە ئەپلىرى قاتارلىقلار خىتايغا ھەر قانداق جاسۇستىنمۇ سادىق ئىشلەيدۇ. جاسۇسلار ئۇنتۇپ قالىدۇ، خاتالىشىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىز خالاپ قاچىلىۋالغان جاسۇس ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ، سىزگە مىننەتسىز ياردەم قىلىدۇ، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ، تېلفونىڭىزنى تورغا ئۇلاپلا قويسىڭىز باشقا تەلىپى يوق، خىتايمۇ سىزدىن خاتىرجەم چۈنكى كۆرۈنمەس جاسۇس ئارقىلىق ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنىلا ئەمەس سىزنىڭ بىخەستەلىكىڭىز سەۋەپلىك سىز بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇچۇرلاشقان كىشىلەرنىمۇ قوشۇپ قارماققا ئىلىۋالىدۇ.

خىتاي بۇ ئالتە يىللىق ھۇجۇمدا يېتەرلىك جەڭ تەجرىبەسى توپلىدى، مۇھاجىرەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى يوشۇرۇن، بەزىلەرنى ئاشكارە ئەسىر ئالدى، ئاشكارە ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى يېنىغا ئېلىپ كېتىپ مۇكاپاتلاپمۇ بولدى. بۇ ئالتە يىللىق يوشۇرۇن، ئۈنسىز، ئىزچىل نازارەت جەريانىدا خىتاي مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ پىسخىكامىزنى، مۇھەببەت نەپرىتىمىزنى، ئاجىزلىقىمىزنى، قەيەردىن تۇتسا يانپاشقا چىقىپ يىقىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلارسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى كۆرگىمىز كەلگىنىنى بىلىدۇ. خىتاي بىزگە كۆرۈشىدىغان ئىمكانلارنى، ئالاقە قىلىدىغان پۇرسەتلەرنى، ئەپلەرنى سۇنىدۇ، چۈشۈرگۈزىدۇ، بىزنى كۈتكەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، سېغىنغانلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ ئەپچىللىك بىلەن ئىندەككە كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە جىمىپ كېتىمىز، يوقاپ كېتىمىز، ئىچىمىزگە پۇشۇلداپ تىنىپ تۇرۇپ زۇلۇمغا كۆنۈپ كېتىمىز. تۇغقانلارنىڭ ھېيىتلىق تەبرىكلىرى، ئانىمىزنىڭ قەدىناس ئاۋازى، دادىمىزنىڭ يىغلامسىرىغان چىرايى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈنىنى قايتا ئاڭلىيالماي قالماسلىق، ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن تېنىمىز چەتتە ئەركىن يۈرگەن بىلەن روھىمىز خىتايغا قۇل بولىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

2023-يىلىدا دۇنيادا يۈزبەرگەن 15 چوڭ ۋەقە

پە يانۋار 4 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، دۇنيا، ختاي ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى باھالاپ چىقىدۇ.باھالاش ئۆلچىمى ئايرىم ئىلان قىلىندى. 2023-يىللىق خەلقئارادىكى 15 خەۋەر تۆۋەندىكىچە: 1-يانۋاردا بىرازىلىيەنىڭ رادىكال سولچى پېرەزدىنتى لۇلا دا سلۋا تەختكە چىقىپ، لاتىن ئامېرىكىسى قېتئەسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ۋە ختايغا يېقىنلىشش قەدىمىنى كۈچەيتتى. 2-فېۋرال ئىيدا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە […]
2023-يىلى

You May Like