ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-ئاۋغۇست
ئۇيغۇر ئالپ تەييارلىدى
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان، چەتئەلدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇل كونسۇلى 9-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئالى ئەمىر ئەفەندى (Ali Emiri Efendi) مەدەنىيەت مەركىزىدە، يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «نۆل ئارىلىقتا كونسۇل ئىشلىرىنى بېجىرىش» ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جەلپ قىلىش كۈچلۈك تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ «باش كونسۇللۇق بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىك ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دەپ ئېلان قىلغان.
مۇستەقىل تەتقىقات ۋە نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تۈركىيەگە بارغان، تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيگەن، تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ رەسىملىرىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى جۈملىدىن جۇڭخۇا كىملىكىنى ساقلاش ۋەدىسى ئېلىشى مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنى ئويغا سالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پائالىيەتتىن ئېرىشمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان بولۇپ، پائالىيەتتىن كېيىن، خىتاي كونسۇلخانىسى تور بېتىگە چىقارغان خىتايچە خەۋەردە مۇنداق يازغان: «8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇللۇق شەھەردىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان فاتىھ رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا «كونسۇللۇق خىزمىتى سىزگە يېقىن، خىزمەت ئاممىغا كىرىدۇ» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. كونسۇللۇق رايونىدىكى ھەر مىللەت مۇھاجىرلاردىن 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، باش كونسۇل ۋېي شياۋدۇڭ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ۋېي باش كونسۇل يىغىنغا قاتناشقان مۇھاجىرلارغا بۇ يىلدىن باشلاپ كونسۇللۇقىمىز يولغا قويغان چەتئەللىكلەرگە خىزمەت قىلىشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى، ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈش، ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان-ئۇرۇقلارنى يوقلاشنى تەشكىللەش، مۇھاجىرلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن خەنزۇ تىلى سىنىپى ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئورتاقلاشتى. ۋېي باش كونسۇل، باش كونسۇللۇق تۈركىيەدىكى مۇھاجىرلارنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكى ۋە مەڭگۈلۈك ئۆيى بولۇپ، داۋاملىق ھەر مىللەت مۇھاجىرلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ۋە ئەتراپلىق خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. پائالىيەت مەيدانىدا قىزغىن ئۆز-ئارا تەسىر بولدى، مۇھاجىرلارغا پاسپورت، ۋىزا بېرىش ۋە باشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان كونسۇللار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتى. ھەممەيلەن باش كونسۇللۇقنىڭ خىزمەتنى ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى «ئانا»نىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى، باش كونسۇللۇق بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىك ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگەللىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىگە تەشكىللەش، ئۈندىدار سۇپىلىرى، تېلېفون ئالاقىلىرى ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن پائالىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش، كەلگەنلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
بۇ پائالىيەتنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، خىتاي تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇل كونسۇلى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پىلانلىشى ۋە مەسئۇللۇقى، تۈركىيە ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى ئاساسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پائالىيەتچىلەر مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە فايىس بۇك ۋە ۋاتس ئاپ قاتارلىق ئاممىۋى سۇپىلاردا توختىماستىن پىكىر بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق يازغان: «بۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىدىن چىقالمايتتى، ئۇيغۇرنى يېقىن يولاتمايتتى. مانا ئەمدى بوسۇغىمىزغا كېلىپ، مانا مەن كەلدىم، ئىچىڭگە كىردىم، نېمە قىلالايسەن دەۋاتىدۇ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟»
دىلنۇر رەيھان خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى تارقاتقان رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «نېمانداق جىق بۇلار؟ ئىنساندا ۋىجدان بولمىسا، نومۇس تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.»
ئابدۇۋەلى يەنە مۇنداق يازغان:
ئەمەلىيەتتە خىتاي قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئۇيغۇردىن، ئۆزىدىن، تەقدىردىن كۆرىدىغانلار، زۇلۇمغا قارشى چىقىشنى بورانغا قارشى چىققاندەك ساراڭلىق دەپ قارايدىغانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇرۇنمۇ خېلى كۆپ ئىدى. ھېلىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار زۇلۇمنى شامال، كەلكۈن ياكى چاقماقتەك ئۆزى پەيدا بولۇپ ئۆزى يوقاپ كېتىدىغاندەك ئويلايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىقىشنىمۇ ئاۋارىچىلىق، ساراڭلىق، ھەتتا تەقدىرگە قارشى ئىسيان دەپ بىلىدۇ.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت ۋەتەنگە بېرىپ، زىيارەت قىلغان ۋىدېئولارنى تارقاتقۇچى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خادىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قارىتا «دېمەك، نېمە قىلالايتتىڭلار؟ دېمەكچى ئىكەندە؟» دەپ بىلدۈرگەن ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.