خىتاي گىرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاننى زىيارەت قىلش تەلپىنى رەت قىلدى

جەنۇبىي خىتاي سەھرى پوچتسى

2018-يىلى 5- دېكابىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنسترلىكىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى گىرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللرىنىڭ شەرقىي تۈركستان رايۇنىغا بېرىپ ، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. گىرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ كومىسسارى باربەل كولفەر چارشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ ، شەرقىي تۈركستاننى زىيارەت قىلش تەلپىنىڭ ئەسلىدە يىلدا بىر قېتىم لاسادا ئۆتكۈزۈلدىغان خىتاي ـ گىرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يىل بۇ دىئالوگ پەيشەنبە ۋە جۈمە ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلدىكەن .

« خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلۋاتقان مۇئاملسى مېنى چۈچۈتىۋەتتى. ئولارنىڭ بىرمىليۇندىن كۆپ نوپۇسىنىڭ لاگىرلارغا قامالغانلىقى تەخمىن قىلنماقتا. » دېدى كولفەر خانم. ئو يەنە ، شەرقىي تۈركستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تۇغرۇلۇق خىتايدىن داۋاملىق روخسەت ئېلشقا ئۇرۇنۇشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئو يەنە تىبەتتىكى دىئالوگدا گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىني ئەركىنلىك ۋە خەلق ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلشقا چاقىردىغانلىقىنى ئېيتتى.

گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتاينى شەرقىي تۈركستاندىكى لاگىرلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى توغرۇلۇق ئەيپلەپ كەلمەكتە.

خىتاي بولسا لاگىرلارنىڭ تىل تەربىيلەش مەركەزلىرى ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر پارچسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ يۈرمەكتە. لىكىن كۈزەتكۈچىلەر ئو يەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇري شەكىلدە قاملىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھېسابلىندىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇرۇن بۇ لاگىرىغا سولانغان ياكى خىتاي تەرپىدىن ئېغىر دەرىجىدە تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان كىشلەرنىڭ ئېيتشىچە، بۇ لاگىرنىڭ شارائىتى تۈرمىدىن ھىچقانداق پەرقلەنمەيدىكەن ۋە كىشىلەرنىڭ مىللى كىملىكى ۋە دىني ئىتقادىنى ئىنكار قىلشقا مەجبۇرلىندىكەن.

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنسترى خېيكو ماس ئۆتكەن ئاي خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا ، لاگىر مەسىلىسى توغرۇلۇق سەمىمي بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. شۇنداقلا گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرسىگە قاراپ چىقىش يىغنىدا، ئامېرىكا ۋە فىرانسيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىردەك خىتايغا لاگىرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقرىق قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر قىزى مىھرىگۈل تۇرسۇن ئامېرىكا كونگرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ، ئۆزىنىڭ لاگىرغا سولانغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن قېتىم قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ،شۇنداقلا ئۆزى تۇرغان كامىردا نۇرغۇنلىغان تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://m.scmp.com/news/china/diplomacy/article/2176508/china-rejects-german-human-rights-delegations-request-visit

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئەنگلىيە پارلامىنتىغا سۇنۇلغان ئەرزنامە ۋە ئەنگلىيە پارلامىنتىنىڭ جاۋاب خېتى تەرجىمىسى

پە دېكابىر 6 , 2018
«بېرىتانىيە ھوكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىسىم چۈشۈرۈشى كېرەك.» : گە قايتۇرۇلغان جاۋابنىڭ تەرجىمىسى

You May Like