خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پانامانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلماقچى

پاناما پىرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە باياناتنامىسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپڭنىڭ 12-ئاينىڭ بېشىدا پانامانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ پاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلغىنىدىن بۇيانقى پاناماغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھىسابلىندۇ. پاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 23- نويابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايىتۇللا

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

پاناما پىرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە باياناتنامىسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپڭنىڭ 12-ئاينىڭ بېشىدا پانامانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ پاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلغىنىدىن بۇيانقى پاناماغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھىسابلىندۇپاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

  

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، پاناما تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، سالۋادور جۇمھۇرىيىتىمۇ تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلغاندا، ئامېرىكا بۇ ئۈچ دۆلەتتىكى ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

رېيتېر ئ‍اگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە: ئامېرىكا سوۋىت ئىتتىپاقى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشى ۋاقتىدىن تارتىپلا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى رايۇنلاردا  تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى  تالىشاتتى، بۇ رايۇنلار بۇ قېتىم يەنە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزارا كۈچ سىنىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى.

پاناما پىرېزىدېنت مەھكىمىسى باياناتىدا بىلدۈرىشىچە، شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى پاناماغا يېتىپ كېلىدىغان بولۇپ، «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە پاناما پىرېزىدېنتى فارېلا بىلەن سودا، تېخنىكا، ئاساسى ئەسلىھە ۋە ھەمكارلىقنى ئۆزئىچىگە ئالغان 20خىلغا يېقىن سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىكەن

خىتاي بىلەن پانامانىڭ ئەركىن سوداسۆھبىتى بۇ يىل 7- ئايدا باشلانغان بولۇپ، پاناما خىتاي ماللىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا چىقىرىلىش مەركىزى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

خىتاي ئامېرىكىدىن قالسا پانامادىكى دېڭىز يوللىرىنى ئىشلەتكۈچى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ، پانامانىڭ كولۇن رايۇنى ئامېرىكا  قىتئەسىى چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى مال تەمىنلەيدىغان ۋە ماللارنى تەقسىملەيدىغان ئەڭ چوڭ مال تەمىنلەش مەنبەسى.

شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارگېتىنادىكى 20دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئىسپانىيە ۋە پورتىگالىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە https://www.swissinfo.ch/ara/%D8%A7%D9%84%D8%B1%D8%A6%D9%8A%D8%B3-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86%D9%8A-%D9%8A%D9%82%D9%88%D9%85-%D8%A8%D8%A3%D9%88%D9%84-%D8%B2%D9%8A%D8%A7%D8%B1-%D8%A5%D9%84%D9%89-%D8%A8%D9%86%D9%85%D8%A7-%D8%A8%D8%B9%D8%AF-%D9%82%D8%B7%D8%B9%D9%87%D8%A7-%D8%A7%D9%84%D8%B9%D9%84%D8%A7%D9%82%D8%A7%D8%AA-%D9%85%D8%B9-%D8%AA%D8%A7%D9%8A%D9%88%D8%A7%D9%86-/44565506

https://www.voachinese.com/a/chinese-president-to-visit-panama-20181122/4670630.html

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ خاتىرە پائالىيتىدىكى 10 يارقىن نۇقتا

سە نويابىر 27 , 2018
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىغا يېقىن فايىر فاكىس شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى،ئەدىب ،جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى،ئەدەبى ئىجادى ئەمگىكىنى قۇتلۇقلاش ئەدەبى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى.

You May Like