خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئامېرىكا كۈرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ مودېللىرىنى ياساپ مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئامېرىكا كۈرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ مودېللىرىنى ياساپ مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 9- نويابىر

7-نويابىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ماكسار تېخنولوگىيە(Maxar Technologies) شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۈنئىي ھەمراھ  10- ئايدا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان ئاسمىنىدىن تارتقان بىر قانچە پارچە سۈرەتنى تارتقان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئاۋىئاماتكىسى ۋە ئىككى يۈرۈش بومبا قويۇپ بېرىش پاراخوتلىرىنىڭ مودېللىرىنى ياساپ چىققان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ راكېتا قىسىملىرى بۇ پاراخوت مودېللىرىنى نىشان قىلىپ ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەن.

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قىسىملىرى يىللاردىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگە تەۋە تەكلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەشىق مەيدانىدا  « شەرق شامىلى 21D» نامىدىكى كۈرەشچى پاراخوتقا تاقابىل تۇرىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشنى سىناق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 7- ئايدا خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى جەنۇبى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مانېۋىردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بومبىدىن بىر قېتىمدىلا 6 دانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بەرگەن.  

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدا دېيىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان مەزكۇر مەشىق مەيدانىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى 7- پاراخوت قىسمىغا تەۋە بولغان ئىككى كۈرەشچى پاراخوتArleigh Burke class) (destroyer ۋە بىر ئاۋىئاماتكىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىپ ياسالغان مودېللىرى بايقالغان بولۇپ، بۇ مودېللارنىڭ ھەقىقىي ئورگېناللىرى بولسا تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ئايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۈرەشچى پاراخوتلار ئىكەن. 

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بۇ مودېل پاراخوتلارنىڭ پەقەت تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنى بايقاش تەس بولغان. ئەمما ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان تىك قويۇلغان تۈۋرۈكسىمان نەرسىلەر بايقالغان بولۇپ، بۇ ئەسۋابلارنىڭ بەلكىم پاراخوتنىڭ ئۈستىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارغا بەلگە قويۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن ياكى رادارغا قارشى ياسالغان ئەسلىھەلەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مودېللارنىڭ ئاستىغا ئۇزۇنلۇقى 75 مېتىر، كەڭلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى رېلىسقا ئوخشاش ئەسلىھەلەر قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ئانالىز شىركەتلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، مودېل پاراخوتلار رېلىس ئۈستىدە توختىماي ھەرىكەت قىلغاندا خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ نىشاننى قارىغا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۇرۇندىن باشلاپلا بۇ خىلدىكى مودېللارنى ياساپ، مەشىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2015-يىلى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان «2015 تىن ھالقىش» نامىدىكى ھەربىي مانېۋىر تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمدا ئاشكارىلانغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ چاغدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرى تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ مودېلىنى ياساپ چىقىپ شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ مەشىق ئېلىپ بارغان. 2003 يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم يېرىدە سېمونتتىن ياسالغان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ مودېلىمۇ بايقالغان ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەنگە زىيارەتكە كەلگەن

چا نويابىر 10 , 2021
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەنگە زىيارەتكە كەلگەن

You May Like