تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 4- يانۋار
بېيجىڭ: «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 2027- يىلغا بارغاندا، ئاسىيانىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن باراۋەر بولغان ھەربىي كۈچكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى نىشان بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.» دېدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېيتىشىچە، بېيجىڭنىڭ يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىشى، ئۇنىڭ 2027- يىلى دۆلەت قوراللىق كۈچلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.
ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ھاكىمىيەت بېشىىدىكى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 19- نۆۋەتلىك بەشىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ئۇقتۇرۇشتا خاتىرە كۈنىگە ھەربىي نىشان قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى، ئەمما تەپسىلاتلىرى ئېنىق ئەمەس.
بېيجىڭ پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلىرى بار سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلدى. بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك سودا يولىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشىدىغان ئىستراتېگىيىلىك سۇ يولى.
ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەردە «يول باشلاش ئەركىنلىكى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىتاينىڭ سۇ يولىدىكى ئىگىدارچىلىق ئۇرۇنىشى ۋە ھەرىكىتىگە جەڭ ئېلان قىلدى.
كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا زور كۈچ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇشىدىن ئەنسىرەشمۇ داۋام قىلماقتا.
1949- يىلى ئاياقلاشقان ئىچكىي ئۇرۇشتىن كېيىن، تەيۋەن خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل باشقۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەقىللىق تەشەببۇسچىسى سەييىن ۋىن 2016- يىلى تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دەۋردە ناچارلاشتى.
ۋاشىنگىتون 1979- يىلى دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىشنى تەيبېيدىن ( تەيۋەن پايتەختى) بېيجىڭغا يۆتكىگەن، ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قورال سېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق دېموكراتىك ئارال (تەيۋەن ) بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
خىتاي ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. كومپارتىيە باشلىقى شى جىنپىڭ 21- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلەت ئارمىيىسىنى «دۇنياۋى سەۋىيە» گە يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى.