خەلق ئاۋازى: ۋەتەن بىزنىڭ، ئەمما خىتتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ۋەتەنگە زىيارەتكە بارساق بولامدۇ؟ 

نۇرى مۇسابايوۋ (ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئوبزورچى)

(ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاپتورنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)

 2024- يىلنىڭ كىرىشى بىلەن، خىتتاي غەرىب ئەللىرىدىكى 8 دەۋلەتكە  ۋە ئائۇسترالىيەگە  قارىتىلغان ۋىزا ئېلىشنى بىكار قىلىپ،  ۋىزاسىز ساياھەت قىلىشنى يولغا قويدى.  غەرىب ئەللىرىگە  ئىشىكنى ئېچىۋەتتى. يەنە ئامېرىكى ۋە كانادا پۇقرالىرىغىمۇ ۋىزا ئىشلىرىنى قۇلاي قىلىۋەتت.  

بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن يۇقارقى دەۋلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ خىتتايغا ۋە خىتتاي ئىشغالىيىتىدىكى ۋەتىنىمىزگە زىيارەت قىلشقا باشلىدى. ۋەتەنگە بېرىش دولقۇنى كۆتۇرۇلىشكە باشلىدى.  

ۋەتەنگە بارغانلار ئۆزلىرنىڭ ئايرىپورتتا  نەقەدەر تەن-تەنىلىك قارشى ئېلىنغانلىقلرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىپ، ئىككىلىنىپ تۇرغان باشقا ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىمۇ ۋەتەنگە بېرىشقا  چاقىرىۋاتىدۇ. ئەمما  بۇ ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرلار  ۋىزا ئېلىش ئۇچۇن خىتتاي كونسۇلىغا بارغاندا، خىتتاي تەييارلىغان ۋىزا ئىلتىماس جەدۋىلىدە قانداق سوئاللارنىڭ بارلىقىنى، قانداق شەرتلەرنىڭ بارلىقىنى، ھىچ دىمەيۋاتىدۇ. ۋەتەنگە بارغاندا، ئايرىپورتتىكى خىتتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق-سوئاللىرىنىڭ نەقەدەر قوپال، قاتتىق بولغانلىقىنى، قانداق تەھدىت، قورقىتىشلارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ دىمەيۋاتىدۇ.  

ھۇقۇشنىڭ چىللىشى  شۇملىقتىن دىرەك بەرگىنىدەك، خىتتاينىڭ بۇ نۆۋەت ۋىزا بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە چىللىشىمۇ بىر شۇملىقتىن دىرەك بېرىدۇ. 

ۋەتەنگە بارغانلارنى  چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىد قىلسا،  ۋەتەنگە بارغانلار ياكى بېرىش ئۇچۇن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار:   

  » ۋەتەنگە بارسا  نىمە بولاپتۇ؟ ، ۋەتەن بىزنىڭ تۇرسا »  دەپ،  ئۆزىنى ئاقلاۋاتىدۇ.  

توغرا !، ۋەتەن بىزنىڭ، ۋەتەنگە بېرىشىمىز كېرەك.  ئەمما ئۇ ۋەتەن ھازىر  بىزنىڭ / ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئەمەس،  ۋەتىنىمىز ئىشغالىيەت ئاستىدا، خەلقىمىز  قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ. ۋەتەنگە كىرىش ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى  شۇ قىرغىن قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى، دۇشمىنىمىز  خىتتاينىڭ قولىدا. بۇ خىتتاي چەتەلدىكى  ئۇيغۇرلارغا رەھىم قىلىپ، ئاتا-ئاناڭلارنى، ئۇرۇق- تۇققانلرىڭلارنى كۆرۇۋېلىڭلا دىمەيۋاتىدۇ. مەلۇم بىر يامان نىيىتى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە بېرىشقا چىللاۋاتىدۇ.  

ھازىرچە سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزنى قىرغىن قىلمىغان، لاگىرغا سولىمىغىنى بىلەن، سىزنىڭ خوشنىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز، ساۋاقداشلىرىڭىز، مەھەللە دوستلىرىڭىز، ۋە باشقا سىز ياشىغان يۇرتتىكى سىز تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۇرۇلدى، غايىب بولدى، ياكى لاگىرلاردا زۇلۇم ئىچىدە.  سىزنىڭ قەۋمىڭىزگە/ مىللىتىڭىزگە بۇ قەدەر زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتتايدىن، سىزگە ۋە سىز كورۇشمەكچى بولغان ئۇرۇق -تۇققانلىرىڭىزغا ياخشىلىق، مىھرى-مۇھەببەت كېلەرما؟. خىتتاينىڭ بىر ھېلىسى بولمىسا، پەقەت سىزنىڭ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزغا چېقىلماي، سىزنى ۋەتەنگە زىيارەت قىلىشقا چاقىرمايدۇ ؟.  

ئوتمۇشىمىزگە بىر قاراپ باقايلى:  

1949- يىلى خىتتاي ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندا ، نۇرغۇن ۋەتەنپەر زىيالىيلار، پۇلدارلار، ئىنقىلاپچىلار ۋەتەندىن چىقىپ كەتتى.  ئۇلار ئۆزلىرى يەرلەشكەن دەۋلەتلەردە ۋە خەلىق ئارادا ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىپ كەلدى. 1978- يىلى خىتتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،   “ خىتتاي مۇھاجىرلىرىغا ئېتىبار بېرىش  سىياسىتى »  دىگەندەك  ھىلە- مىكرىگە تولغان بىر سىياسە ئېلان قىلىپ، ۋەتەندىن چىقىپ كەتكەن زىيالىي- ئىنقىلاپچى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە كېلىپ زىيارەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى.  خىتتاينىڭ بۇ ھىلە سىياسىتىگە ئىشەنگەن بىر تۇركۇم ئۇيغۇرلار، 1980- يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ خىتتاينى ۋە  ۋەتىنىمىزنى  زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە زىيارەتكە باردى. بۇلارنىڭ قاتارىدا چەتەلدە سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلار ياكى ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى، بەزى جەميەت مۆتىۋەرلىرى، تىجارەتچى، ئوقۇمۇشلىق كىشىلەرمۇ  ۋەتەنگە باردى.  خىتتاي شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزى ئالدىن نىشان قىلىپ قويغان كىشىلەرنى ياخشى كۇتۇش، قىلتاققا دەسسىتىش، ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى گۆرۇگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بەزىلىرىنى چارىسىزلىقتىن خىتتايغا ئىشلەيدىغان قىلدى. ھىچ تۇتۇق بەرمىگەنلىرىنى » سەتەڭ » ھىلىسى بىلەن قىلتاققا چۇشۇردى.  چەتەلدە يۇز ئابرويى بار بەزى ئۇيغۇرلارنى  ئۇيغۇر ئۇچۇن قىلىۋاتقان پائالىيىتىدىن توختاتتى.  نەتىجىدە ۋەتەنگە بارغان بۇ چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرىنى نابۇت قىلدى. چەتەلدە داۋام قىلىۋاتقان ۋەتەن داۋاسىنى زىيانغا ئۇچراتتى.  ئارىلىرىغا پىتنە ئۇرۇغى چاچتى. بۆلۇنۇشلەرنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.   

1980- يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتتاي چەتەلدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ۋەتەنگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى قىلتاققا چۇشۇرۇش بىلەن تەڭ، يەنە ۋەتەندىن خىتتاي ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر جاسۇسلىرىنى چەتەلگە چىقىرىپ، چەتەلدىكى تەشكىلاتلارغا يەرلەشتۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى قالايمىقان قىلدى.  

40 يىلدىن بېرى بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ ئىلگىرى باسماسلىقىدىكى موھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتتاي ئارىمزغا كىرگۇزىۋەتكەن جاسۇسلارنىڭ داۋايىمىزنى قالايمىقان قىلىشى، بىزنى نەجىسى يوق،  ئۇزۇن يوللارغا باشلاپ قويىشى، يىلدا بىر ئىدولىگىيەلىك ئىختىلاپ تېرىپ قويۇپ، بىزنى ئۆز- ئارا جىدەلگە سېلىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن ھىچ مۇناسىۋېتى يوق يازمىلارنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى تايىنى يوق مۇنازىرلەرگە سېلىپ قويۇپ، پىكىر ئىختىلاپى تېرىپ ،  ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتىنى، ئېنېرگىيېسىنى، ئىقتىسادىنى يوقۇلاڭ ئىشلارغا  ئسراپ قىلىشلىرى  تۇپەيلىدىن، چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار پارچە -پارات بولۇپ كەتتۇق. داۋايىمىزدا ھىچ ئىلگىرلەش بولمىدى. نەتىجىدە ۋەتەندە ئىرقىي قىرغىن باشلاندى، لېكىن چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلاردىن كەسكىن بىر قارشىلىق، نارازىلىق بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىچىمىزگە يوشۇرۇنغان، تەشكىلاتلارغا كىرىۋالغان خىتتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىزنى بىر بىرىمىزگە سېلىشى،  يوقۇلاڭ باھانىلەرنى كۆرسۇتۇپ، قۇرۇق ئىمىزگىنى ئاغزىمىزغا سېلىپ قويۇشى قارارلىقلاردىندۇر.   

دۇنيا جامائىتى خىتتاي ھۆكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا ئېتىراب قىلىپ، خىتتاينى دۇنيا سەھنىلىرىدە تەنقىدلەش، خىتتاي ماللىرىنىڭ غەرىب بازارلىرغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىغان ئىدى.  غەرىب پۇقرالىرىنىڭ خىتتاينى زىيارەت قىلىشى ئازلاپ، خىتتايغا دەسمىي سالغان چەتەل كارخانىلىرى  خىتتايدىن چىقىپ كېتىپ بارغان، خىتتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ، خىتتايدا بىر سىياسىي، ئىقتىسادىي قالايمىقانچىلىق يۇز  بېرىش ئېھتىمالى كۇندىن -كۇنگە يېقىنلىشىۋاتقان ۋاقىتتا،  خىتتاي بۇ ۋىزاسىز ساياھەت قىلىش  ھىلىگەر سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۇندىن كۇنگە خەلق ئارادا چۇشۇپ كېتىپ بارغان ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش، خىتتاي ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن، چىقىپ كېتىپ بارغا چەتەل كارخانىلىرىنى توختۇتۇش،  چەتەل مەبلەغ سالغۇچىلارنى قايتىدىن خىتتايغا قىزىقتۇرۇش، چەتەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۇچۇن، نىشاننى، ۋەزىيەتنى  ئىقتىساد، سىياسەت، ۋە ساياھەت ئىشلىرىغا بۇراشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. 

بۇ ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرلاردىن خىتتاي قانداق پايدىلىنىدۇ؟ 

ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرلاردىن خىتتاي خۇددى 1980- يىللىرى كىرگەن ئۇيغۇرلاردىن قانداق پايدىلانغان بولسا، نوۋەتتە ۋەتەنگە كېتىپ بارغان ئۇيغۇرلاردىنمۇ شۇنداق پايدىلىنىدۇ. 

ھەممىمىزدە  ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دەۋلەتنىڭ پاسپورتى بار، ھەممىمىزنىڭ ۋەتەندە ئۇرۇق تۇققانلىرى، ئاتا-ئانىلىرىمىز، دوست-بۇرادەرىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز، مەھەللىمىز بار. ئەمما ھەممدىن موھىمى ۋەتەن مەسىلىسىدۇر. ۋەتەن داۋاسىدۇر.  

ۋەتەن داۋاسى بولمىسا، ۋەتەن مەسىلىسى بولمىسا،  خىتتاي بىزنى ۋەتەنگە ۋىزاسىز بېرىپ كېلىش ئۇچۇن باغاق ئەۋەتمەيدۇ ؟. خىتتاينىڭ نىيىتى يامان. خىتتاي بۇ نۆۋەت ۋەتەنگە كېتىپ بارغانلاردىن ئۆزلىرگە ئىشلەيدىغان جاسۇسلارنى سېتىۋالىدۇ. بەزى ئېتىبارى بار ئۇيغۇرلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىدۇ.  ۋە يەنە ۋەتەندىن بىر تۇركۇم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىشىغا رۇخسەتمۇ قىلىدۇ. ئارىسىغا خىتتاي ئۇچۇن ئىشلەيدىغان ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇرلارنى قوشۇپ چىقىرىدۇ. مەقسىدى ھازىر جىددى داۋام قىلىۋاتقان خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش مەسىلىسنى ئاقلاش، يوققا چىقىرىش، ئۇيغۇرلارنى يالغانچى قىلىش، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ  خىتتاي ھاكىميىتىدىن  مەمنۇنلىقىنى  پۇتۇن دۇنياغا بىلدۇرۇش ئارقىلىق بىزنى قوللاۋاتقان غەرىب ئەللىرىنى مات قىلىشدۇر.  

ۋەتەنگە بارغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەتەنگە بېرىپ كېلىش جەريانىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھىچ بىر سوئال- سوراققا ئۇچرىمىغانلىقىنى، خىتتاينىڭ كارى بولمىغانلىقىنى دەيدۇ. بەزىلىرى خىتتاينىڭ بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بەزىلرى ھەتتا   ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بارغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. جىم تۇرىدۇ. مەيلى قانداق قىلىڭ، خىتتاينىڭ قىلتىقىدىن قۇتۇلالمايسىز، ئۇيغۇر جەميىتىدە خىتتاينىڭ غالچىسى دىگەن نامنى ئالىسىز.   

ئەگەر سىز ۋەتەنگە بارغاندا خىتتاينىڭ كارى بولمىغان بولسا، ھەتتا مەھەللە ئاساس قاتلام كادىرلىرىمۇ سىزنى يوقلاپ قويمىغان  بولسا،ئۇ سزنىڭ خىتتاي ئالدىدا پاكلىقىڭىزدىن ئەمەس، بەلكى،  سىز  ئۆزىڭىز ياشىغان چەتەلدىكى دەۋلەتتە ھىچ بىر ئېتىبارىڭىز يوق، جامائەت ئارىسىدا ھىچ  بىر قىممىتىڭىز يوق، خۇددى ھايۋانلاردەك قوسىقىڭىز تويسا، شۇنىڭغا شۇكرى قىلىپ ئۆتكەن  بىرسى ئىكەنلىكىڭىزدىندۇر. 

ئەگەر سىز ۋەتەنگە بارغاندا سىزنى خىتتاي بىخەتەرلىك ئورۇنلرىنىڭ خادىملىرى ئىزدەپ، سىزنىڭ ۋەتەنگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئېلىپ، سىزنى ئەركىن ئازادە ساھايەت قىلىشىڭىزغا مەدەت بەرسە، ۋە ۋەتەن ساياھىتىڭىزنى چەتەلگە قايتىپ بارغاندىن  كېيىن جامائىتىڭىزگە سۆزلەپ بېرىشنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتا سىز خىتتاي ئۇچۇن ھاۋشىيدىغان  خىتتاينىڭ بىر ئىتى بولۇپ چىققان بولىسى. 

ئەگەر سىز ۋەتەنگە بارغاندا خىتتاي بىخەتەرلىق ئورۇنلىرىنىڭ خادىملرى سىزنى ئالاھىدە كۇتۇپ، مېھمان قىلىپ، سىزگە ھەر تۇرلىك ياردەملەرنى قىلغان ياكى قىلىدىغان بولۇپ، ئاتا – ئانىڭىز ياكى ئۇرۇق-  تۇققانلىرىڭىزغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورۇنلرىدا يۇكسىلىش بولسا، تىجارەتلىرىدە ئىلگىرلەش بولسا، ۋە سىزنىڭ  چەتلەلدىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسا،  گەرچە سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دەۋلىتىڭىزگە قايتىپ كېلىپ، جىمجىت  يۇرسىڭىزمۇ  سىزگە ئىقتىسادىي ياردەم كېلىۋاتقان بولسا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئالاھىدە ياخشىلىنىپ كەتكەن، ئوزىڭىز ياكى يېقىنلىرىڭىزدىن بىرى تىجارەتچى بولسا، تىجارىتىڭلار تۇيۇقسىز  تەرەققى قىلىپ كەتكەن بولسا، سىز خىتتاينىڭ قىلتىقىغا چۇشكەن بولىسىز، ئومۇر بويى خىتتاي ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان مەدىكار، ياللانما جاسۇس بولغان بولىسىز.  سىزگە قارىتا جامائەتنىڭ كۆز قارىشىدا  گۇمان بولماسلىقى ئۇچۇن، سىز قايتىپ  كەلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭىزدىن بىرەرسىنى خىتتاينىڭ  تۇتقۇن قىلغانلىق  خەۋىرىنى تارقىتىپ قويۇشى  مۇمكىن.  ئەمما،  سىز بىلىپ-بىلمەي   خىتتاينىڭ چاڭگىلىغا چۇشۇپ قالغان، ۋەتىنىڭىزگە، خەلقىڭىزگە ئىھانەت، خىيانەت قىلىدىغان بىر جاسۇس بولۇپ قالىسىز.  

خىتتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك پۇتۇن ئۇيغۇرلارنى ۋەتەننى زىيارەت قىلىش چاقىرىق باغىقىنى يوللىشىدا، خىتتاي ھىچ زىيان تارتمايدۇ. ئەكسىنچە  پايدا ئالىدۇ. كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىدۇ.  

زىيان تارتقۇچى بىز ئۇيغۇرلار بولىمىز، داۋايىمىز مالىمانچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئاران خەلىق ئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىمۇ، ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلايدۇ.  

ھەممىمىزنىڭ ۋەتەنگە بارغۇمىز بار، لېكىن ۋەتەنگە بارساق، نەچچە 10 يىلدىن بېرى چەتەلدكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى يوققا چىقىمىز،   لاگىر شاھىدلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىرىنى يالغانغا چىقىرىمىز،  ۋەتەن داۋاسى ئۇچۇن بۇگۇنگە قەدەر  ۋەتەندە شېھىت بولغان، لاگىرلاردا يېتىۋاتقان خەلقىمىزگە خىيانەت، ئىھانەت قىلغان بولىمىز، داۋانى بىر ۋەتەن زىيارىتىگە سېتىۋەتكەن ساتقۇنلاردىن  بولىمىز.   

ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچ بىرسى ياخشى نام ئالمايدۇ.  

يۇقاردا دىيىلگەندەك:  ھىچ  ئېتىبارىڭىز يوق، قوسىقىڭىزنىڭ تويغىنىدىن پەخىرلىنىپ يۇرۇيدىغان بىر ھايۋان بولۇپ قالىسىز، ياكى خىتتاي ئۇچۇن كۇندە ھاۋشىيدىغان بىر ئىت بولۇپ قالىسىز،  

ۋە ياكى  ئۇيغۇر خەلقىگە، داۋايىمىزغا ئىھانەت قىلغان، خىيانەت قىلىدىغان بىر جاسۇس بولۇپ قالىسىز.  

ھايۋانلاردىمۇ ئاز- تولا ئاداۋەت بولىدۇ، بىز ئۇيغۇرلارمۇ  نەچچە مىللىيون قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۇرىۋەتكەن، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۇپىتىدە يوق قىلىش ئۇچۇن ھەر تۇرلىك زۇلۇملارنى قىلىۋاتقان  دۇشمىنىمىز خىتتايغا  نىسبەتەن ئازراق بولسىمۇ ئاداۋەت ساقلايل.  نەچچە 10 يىلدىن بېرى ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ۋاز كېچىپ، داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان  قېرىنداشلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى، نەچچە 10 مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ قان بەدىلىگە ئالغان سىيسىي پاناھلىقتىن كەلگەن پاسپورتنى قەدىرلەيلى، شېھىتلىرىمىزغا خىيانەت قىلمايلى.  

ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۇچۇن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دەرھال توختىلىشى ئۇچۇن، زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان لاگىرلاردىكى، تۇرمىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېزراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۇچۇن ھىچ ئىش قىلىپ بەرمىسەڭلەرمۇ، خىتتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۇشۇپ، خىتتاينىڭ بىر ئىتى، غالچىسى، جاسۇسى بولماڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىڭلار  ئۇچۇنلا خىتتايغا ئازراق بولسىمۇ  ئاداۋەت ساقلاپ قويۇڭلار. خىتتايدىن نېرى تۇرۇڭلار.  

سىزنى بۇگۇن  چاقمىغان يىلان، بىر كۇنى  ھامان چاقىدۇ.  

كوڭزىنىڭ پەلسەپەسى  بويىچە:  

 » پەرق دۇشمەندۇر”. خىتتاي بۇ پەلسەپە بويىچە  ئۆز كونتروللىقىدىكى خىتتاي بولمىغان مىللەتلەرنى دۇشمەن سانايدۇ. ھامان يوق قىلىدۇ.  

خىتتاي بۇگۇن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە چېقىلمىغان بولسا، بىر كۇنى سىزنىمۇ ۋە ئائىلىڭىزنىمۇ يوق قىلىدۇ. 

خىتتاينىڭ قىلتىقىغا چۇشمەيلى، كېلىڭلار چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلا!، خىتتاينىڭ بۇ ۋەتەن زىيارەت باغىقىنى بىرلىكتە بويقۇت قىلايلى.  

نۇرمەمەت مۇساباي 

2024-يىلى 8- ئاۋغۇست. 

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدىكى فىلىم سۆھبىتى ئ‍ۆتكۈزدى

سە ئاۋغۇست 13 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ئاۋغۇست «نېقاب ئارقىسدا»ناملىق فىلىمدە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ختاي تۈرمىسدە ئۇچرىغان ئوقۇبەتلىرى، نورۋىگىيەدە ئائىلىسى بىلەن پاناھلىنىش جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارنى قېين-قستاققا ئالغان بىر ختاي ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھېكايە قىلنىدۇ. فىلىم قويۇلغاندىن كىين، ئابدۇۋەلى ئايۇپ فىلىم كۆرگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.قاتناشقۇچىلار فىلىمنىڭ ئ‍ۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا […]
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

You May Like