ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-ئېيۇل
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشچە، پەلەستننىڭ خاماس ۋە فاتاخ قاتارلىق تەشكىلاتلىرى بېجىڭدا ختاينىڭ ياراشتۇرۇشى ئارازلىقنى تۈگىتىپ، كەلگۈسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە باشقا ھەمكارلىقلارنى ئىلىپ بىرىش ھەققىدە بىرلىشش باياناتى ئىلان قىلغان.
بۇ ختاي ھۆكۈمىتنىڭ ئالدىنقى يىلى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبستاننى كىلىشتۈرۈپ ئوتتۇرا شەرقتە ئاتالمىش «تىچىلىق ئورناتقۇچى» بولغاندىن كىينكى يەنە ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسدىكى زور دىپلوماتىك غەلبىسى ھسابلىنىدۇ.شۇنداقلا بۇ ختاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھېمايبچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئارقىلىق-ئامېرىكا ۋە غەرپنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتنىڭ غەلبىسى ھسابلىنىدۇ.
مەزكۇر باياناتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇش ئاياقلاشقاندىن كېين، خاماس ۋە فاتاخ غەربى قىرغاق ۋە گازا رايونىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدۇ.خاماس ئورگان تەرەپ مەزكۇر كىلىشىم ۋە باياناتنى مەدھىيلەپ بايانات قلان قىلدى.
ئىككىنچى سۈرەتتە:
فاتاخ ۋەكىلى مەھمۇت ئەل ئەلول ، ختاي تاشقى ئىشلار منىستىرى ۋاڭيى،خاماس ۋەكىلى مۇسا ئەبۇ مەرزۇ