10-فېۋرال، ئىسرائىليە غەززە مەركىزىدىن قوشۇنلىرىنى چىقاردى
غەززەلىكلەر ئەمدى رايوندا ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ.
«بىز چىڭ تۇردۇق. راكېتا ھۇجۇملىرىغا قارىماي، سەۋر قىلدۇق. بىزنى يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇدىن مەھرۇم قىلدى، ئەمما ھاۋادىن مەھرۇم قىلالمىدى. ھايات قالدۇق» – دەيدۇ ئۇلاردىن بىرى.
ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقان كىشىلەر ۋەيرانچىلىقنىڭ دەرىجىسىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۇرمەكتە.ئىسرائىل قوشۇنلىرى ئىسرائىل چېگرىسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان ئالتە كىلومېتىرلىق نېتسارىم كورىدورىنى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ئىگىلىۋالغان ئىدى.
يەھۇدىي ئەسكەرلەرنىڭ رايوندىن چىقىرىلغانلىقىنى غەلىبە سۈپىتىدە تەبرىكلەۋاتقان ھاماس ئاھالىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە ساقچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى.
تەھلىلچىلەر پەلەستىن خاماس ھەرىكىتنىڭ تولۇق مەغلۇپ قىلىنمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.
ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپ ئۆز دۆلىتىنىڭ غەززەنى سېتىۋېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەدىسىدە قەتئىي ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
«غەززەنىڭ بەزى رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى يېقىن شەرقتىكى دۆلەتلەرگە يۈكلىيەلەيمىز. بىراق رايونغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئىنتىلىمىز ۋە ھاماسنى ئۇنىڭدىن سىقىپ چىقىرىمىز» – دېدى ترامپ.
ھاماسنىڭ غەززەدىكى رەھبىرى خەلىل ھەييا ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن پايدا چېقمايدىغانلىقىنى ئىيتتى.
«پەلەستىن ئازاد بولمىغۇچە قارشىلىق يولىدىن قايتمايمىز. غەلىبە ياكى شېھىتلىك. غەربنىڭ، ئامېرىكىنىڭ، ترامپنىڭ لايىھەسى ئۇلاردىن ئىلگىرىكى لايىھەلەردەك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ» – دەيدۇ ئۇ.
تۈركىيە پىرېزدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترامپنىڭ غەززە رايونىنى قولغا ئېلىش پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن پايدا يوقلۇقىنى ئېيتتى.
«ھېچكىمنىڭ غەززە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەتىنىدىن كۆچۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدۇ» – دېدى ئەردوغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ ترامپ پىلانىغا قارشى، «ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن پەلەستىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك »دەپ تەلەپ قىلماقتا.
ھازىرچە ھەممىنىڭ دىققىتى ئۇرۇش توختېتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا قارىتىلغان. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ھاماس گۆرۈدە تۇتقان تايلاندلىق بەش ئىشچى ئازاد قىلدى، ئىسرائىل تۈرمىلىرىدىن بولسا 183 پەلەستىنلىك چىقىرىلدى.
بۇ ھەپتە قاتاردا كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بويىچە سۆھبەتلەر باشلىنىشى مۇمكىن.