يېقىندا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئايرىلغىلى 8 يىل بولغان ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۈرلۈك مەزمۇندىكى مىڭلىغان نۇرغۇن ۋىدېئولارنى كۆردۈم.
بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلدىم:
بىرىنچى: بايراقدار ئۇيغۇرلار يوق!
خىتايغا قارشى مەيدانى كەسكىن بولغان بايراقدار ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېتتا قەتئىي يوق. (يوقىتىلغان ياكى ئۇنداق مەزمۇن يول قويۇلمايدۇ)
**ئىككىنچى:** مەزمۇن ئىشلەشتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار كۈچلۈك؛
رەڭدار مەزمۇن ئىشلەشتە ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇق. چەتئەلدە سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ۋەتەندىكى رەڭدار مەزمۇنلارنىڭ 100 دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىكەنمىز. ۋىدېئو سەھنىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك، ئاممىباب تېمىلاردا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار كۆپىيىپتۇ. بىلىم، سودا، ئائىلە، تۇرمۇش ھەققىدە ئەھمىيەتلىك سۆزلەيدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن.ئەلۋەتتە بۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتە كۆپ بولۇشى ۋە ساپا جەھەتتە ئومۇميۇزلۇك ياخشىراق بولۇش بىلەن ئالاقىدار.
ئۈچىنچى: خىتاينى تەنقىد قىلىدىغانلار ۋەتەندە كۆپ.
ۋەتەندە، خەتەر ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونكرېت سىياسىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ئىكەن. گەرچە ۋەتەندىكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ختاينىڭ قانۇنغا ياكى يۇقىرى ئورگانغا مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرسىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى چەتئەلدە تۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن ياكى خىتاينى تەنقىد قىلىپ ۋىدىئو ئشلىگەن ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەن.ھەتتا بۇ ھەقتە نيۇرك تايمىز، بىزنىس ئىنسايدىرنىڭ ماقالىسنىمۇ ئۇچراتتىم.بۇ ئەلۋەتتە، ئاچچىق جاندىن ئۆتكەندىن كىين، نىمە قىلساڭ قىلمامسەن؟ دىگەنلىك بىلەنمۇ ئالاقىدار.
تۆتىنچى:ۋەتەندە تېتىقسىزلىق ھېلىھەم بازارلىق.
تېتىقسىز، قىلىقسىز، يارامسىز مەزمۇنلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ياقتۇرىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. بۇ ئۆز بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئۇنتۇش، كۆز-كۆز قىلىش، ھەشەمخورلۇق، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش، قىزلارنى ئەخمەق قىلىش… بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ساپاسى ۋە سەھنە قائىدىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بازار ئەھۋالى. ياخشى يېرى، تېتىقسىزلىقنى تەنقىد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولۇشى.
بەشىنچى: پۇرسەتپەرەسلىك زامانى.
خىتاي پۇرسەتپەرەسلەرگە يېشىل چىراق يېقىپتۇ. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياخشى ياشاۋاتقانلار مەۋجۇت بولۇش بىلەن بىرگە، تەپسىلىي قارىسىڭىز، زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىمۇ كۆرەلەيدىكەنسىز.