ۋەتەندە يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملىشىدۇ، تۇرپان-قۇمۇللاردا 45 گىرادۇستىن ئاشىدۇ

ختتتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىستانسىسى» 24-ئىيۇل سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى توغرىسىدىكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئۆرلەتتى.

 
 

 

سۈرەت: 24-ئىيۇل ئەتىگەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يامالىق تېغى باغچىسى. ئالتۇن رەڭلىك قۇياش ئۇپۇقتىكى بۇلۇت قاتلىمىدىن بۆسۈپ چىقماقتا

ختتتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىستانسىسى» 24-ئىيۇل سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى توغرىسىدىكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئۆرلەتتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، 25-ئىيۇل كۈندۈزدىن 30-ئىيۇلغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن ئاشىدۇ، قىسمەن جايلاردا ℃40تىن ئاشىدۇ، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا℃45تىن ئاشىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، تاغلىق رايونلاردا قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

سۈرەت: 23-ئىيۇل سەھەر، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسمىنى

23-ئىيۇل سائەت 17دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.

24-ئىيۇل سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە،  نۇرغۇن جايلاردىكى ھاۋا رايى تارماقلىرى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.

 

26-ئىيۇل كېچىدىن 27-ئىيۇل كۈندۈزگىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃40تىن ئاشىدۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ℃45تىن ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدۇ.

تۆۋەندە پۈتۈن رايوننىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى

ئۈرۈمچى

سانجى

 

شىخەنزە

 

قاراماي

 

غۇلجا

 

تارباغاتاي

 

بورتالا

 

ئالتاي

 

تۇرپان

 

قۇمۇل

 

كورلا

 

ئاقسۇ

 

ئاتۇش

 

قەشقەر

 

خوتەن

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ساغلام تۇرۇپ بۇ ئايال قىلغاننىڭ قانچىلىكىنى قىلالىدۇق؟

جۈ ئىيۇل 30 , 2021
ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كەمتۈكلۈك بىلەن تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى، گەرچە دۇنيا شۇنچە رەڭگارەڭ گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممىسى رەڭسىز، قاراڭغۇ ئىدى

You May Like