ۋەتەن تورلىرىدىن(2013): تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ گەنسۇ زىيارىتى

تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ گەنسۇ زىيارىتى

تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ غوللۇق 6 ئەزاسى 3 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇاجۇ ناھىيەسى، سۇنەن يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) ئاپتونوم ناھىيەسى، جيۇچۈەن، جاڭيې، ۋۇۋېي، لەنجۇ، دۇنخۇاڭ (دەشتئاتا) شەھەرلىرىدە ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت، تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە بولدى.
تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىق ئۆمەك باشلىقى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرغۇن جالالىدىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان بۇ گۇرۇپپىغا تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت (جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى ئەكبەر داۋۇت تەنھا (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى)، توقسۇن ناھىيە غولبويى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت باھايىدىن (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئەدەبىي تەرجىمان)، توقسۇن ناھىيە غولبويى يېزا «زوقلان»فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى پەرھات باھايىدىن (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى)قاتارلىقلار قاتناشتى. ئۆمەك مەخسۇس ماشىنا بىلەن يول بويى ئەركىن پائالىيەت قىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.
تارىختىكى مەشھۇر تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن غوجا جۇڭغارلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مىلادىيە 1732 – يىلى تۇرپاندىكى 10  مىڭغا يېقىن ئاھالىنى باشلاپ، گەنسۇنىڭ شىنجاڭ چېگراسىغا يېقىن بولغان گۇاجۇ ناھىيەسىگە كۆچۈپ، بۇ يەردە 24 يىل تىرىكچىلىك قىلغاندىن كېيىن مىلادىيە 1756 – يىلى تۇرپانغا قايتىپ كەلگەن. 24 يىل جەريانىدا گۇاجۇدىكى تۇرپان ئاھالىلىرى 5 قورغانغا بۆلۈنۈپ مەھەللە بەرپا قىلىپ، يەر تېرىپ، قوغۇن ئۆستۈرۈپ، بۇ يەردە نۇرغۇن ئىزلىرىنى قالدۇرغان. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردە قازا قىلىپ، مىيىتى شۇ جايغا قويۇلغان، بۇ يەردە تۇغۇلغان بىر قىسىم ياشلار تۇرپانغا قايتىشنى خالىماي، گۇاجۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تۇرپان يازغۇچىلىرى تۇرپان ئاھىلىلىرى تۇرغان قورغان، سېپىل، ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرۈپ، زىيارەت قىلىپ، چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈشتى.
سۇنەن يۇغۇر  ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سېرق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر بولۇپ، ئۇلار مىلادىيە 840 – يىللاردا ئۇرخۇن دەرياسى بويىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇغا ئورۇنلاشقان قىسمىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلار گەنسۇدا قۇرۇلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، كېيىن ئۇرۇش، تەپرىقىچىلىكتىن يەنە كۆچۈپ، شىنجاڭنىڭ چەرچەن، چارقىلىق بويلىرىدا تىرىكچىلىك قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە گەنسۇغا قايتىپ، چىلان (چىلەنشەن)تاغلىرى باغرىدىكى ھازىرقى سۇنەنگە ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار كۆپ، شۇڭا سۆزلەشكەندە 30 پىرسەنت تىلىنى ئۇققىلى بولىدۇ. تۇرپان يازغۇچىلىرى سۇنەندە قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە پىكىرلەشتى. چىلان تېغى باغرىدىكى گۈزەل يايلاققا چىقىپ، سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچىلار بىلەن ھال – مۇڭ قىلىشتى.
مىڭخۇا سېرىق ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى تۇرپان پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئەكبەر داۋۇت تۇرپان پىدائىيلىرىغا ۋاكالىتەن ئېلىپ كەلگەن كومپيۇتېرلارنى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.
جيۇچۈەن، جاڭيې، ۋۇۋېي شەھەرلىرىدە قەدىمكى تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى زىيارەت قىلدى.
لەنجۇ شەھىرىدە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، بۇ مەكتەپتىكى مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇرغان كونا ئۆيلەرنىڭ ئىزلىرىنى تەكشۈردى. لەنجۇ شەھىرىدىكى ئانا دەريا سارىغ ئوگۇز (خۇاڭخې)نى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت يادىكارلىق، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلدى، 1940 – يىللاردا تۇرپانلىق مەشھۇر جەمەت ۋاجىدىلار جەمەتى لەنجۇدا قۇرغان «لەنجۇ – شىنجاڭ ئىدىقۇت شىركىتى»نىڭ كونا ئىزلىرىنى تەكشۈردى.
دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ) شەھىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە، بېرىپ كېلىشتە قۇمۇل شەھىرىگە كىرىپ، قۇمۇلدىكى ئەدىپ، يازغۇچىلار بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ قېتىمقى سەپەردە گەنسۇدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تۇرپان يازغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ياتاق، تاماق، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزغىن كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ زىيارەت ئۆمىكىدىكى تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ سەپەر جەريانىدىكى ھاياجېنى ناھايىتى زور بولدى، ئىلھام بۇلاقلىرى قايناپ – تاشتى، قولغا كەلتۈرگەن ھاسىلاتلىرى كۆپ بولدى. يەرلىكتىكى بىر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يازغۇچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زىيارەتكە تەشكىللىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، بۇ پائالىيەت ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئېتىراپ قىلىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق، جۈملىدىن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش، يەرلىكتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
سۈرەتلەر: 1. 3351 – سۈرەت: تۇرپان ئەدىپلىرى قۇمۇل بىلەن گەنسۇ چېگرىسىدىكى ئارا يۇلتۇزدا.
3351.JPG


2. 0009 – سۈرەت: ئەدىپلەر گۇاجۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا.
09.JPG

3. 0044: ئەدىپلەر گۇاجۇ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت تەقدىم قىلدى. ھۆسنخەتنى تۇرپان ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تونۇلغان خەتتات ئەنۋەر ھەسەن باقى يازغان.
044.JPG

4. 0077: گۇاجۇ ناھىيەسى گۇاجۇ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن غوجا ماكانلاشقان 1 – قورغاننىڭ خارابىسى.
77.JPG
0099: ئەدىپلەر خارابە ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى.
099.JPG
0103: ئەدىپلەر ئىمىن غوجا ھەربىي قورغىنى سېپىلى ئالدىدا.
0103.JPG
0172: ئەدىپلەر جيۇچۈەن شەھىرىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسىدا. (ئوڭدىن 3 – كىشى جيۇ چۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر شائىرى تو چىڭدې).
172.JPG
0259: ئەدىپلەر چىلان تاغ باغرىغا، يايلاقنىڭ چېتىگە جايلاشقان سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە.
259.JPG
3604: ئەدىپلەر سۇنەن ناھىيە بازىرىدىكى دەريا بويىدا، يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى چىلان تاغلىرى، ئوڭدىكىسى سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۈتقىر، ئوتتۇرىدىكىسى سېرىق ئۇيغۇر شائىرى تىكەن لاۋا.
3604.JPG
0344: ئەدىپلەر غول ئېقىن يايلىقىدىكى سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆيىدە.
_0344.JPG
0350: سېرىق ئۇيغۇر يايلىقىدا ھاياجان ئىلكىدە شېئىر يېزىۋاتقان ئەدىپلەر.
0350.JPG
0372: مىڭخۇا مەكتىپىدە سېرىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئەدىپلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
0372.JPG
0411: مىڭخۇا مەكتىپىدىكى كومپيۇتېر ئىئانە قىلىش پائالىيىتى.
0411.JPG
0471: جاڭيې شەھىرىدىكى توپا مۇنار ئالدىدا.
0471.JPG
0512: ۋۇۋېي شەھىرىدىكى لېيتەي مۇزېيىدا.
0512.JPG
0684: لەنجۇ شەھىرىدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە.


0684.JPG 0693: غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى مۇزېيى ئالدىدا.

0772: غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور، پروفېسسور ئابدۇۋەلى كېرەم غولبويى بىلەن سۆھبەتتە.
0772.JPG
0781: ئەدىپلەر لەنجۇ شەھىرىدىكى سارىغ ئوگۇز (خۇاڭخې ) دەرياسى بويىدا.
0781.JPG
0796: ئەدىپلەر لەنجۇ شەھىرىدە.

0796.JPG

_____
بۇ خەۋەرنى شائىر، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان سىدىق تەمىنلىگەن.
https://www.uyghur-archive.com/yazghuchilar/thread_9021.html

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا

شە دېكابىر 13 , 2014
ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا2014-يىلى12-ئاينىڭ 12-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆز تۈرك شركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى ،ئۆزتۈرك مۇكاپاتى پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىدىن ئىگەللىشىچە، مۇكاپات مۇراسىمىدا 12 تۈرلۈك يارقىن نۇقتا بار ئىكەن.(خەۋەرنى تاھىر ئىمىن ئەپەندى تەمىنلىدى).   1.مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر : بۇ قېتىملىق ئاسپىرانت […]
ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا

You May Like