ۋاشنگىتون پوچتىسى:بىز خىتاينىڭ بۇ ياۋايى قىرغىنچىلىقىغا قاراپ تۇرالمايمىز!

ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 14- ئاۋغۇست ۋاشنگىتون پوچتسى باش ماقالىسى: تەرجىمە قىلغۇچى:تارىم قىزى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

بىز خىتاينىڭ بۇ ياۋايى قىرغىنچىلىقىغا قاراپ تۇرالمايمىز

ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 14- ئاۋغۇست ۋاشنگىتون پوچتسى باش ماقالىسى: تەرجىمە قىلغۇچى:تارىم قىزى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋاشىنگىتون پوچتىسى:ختتاينىڭ ياۋايى قىرغىنچىلىقىغا   (ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى-پۇتۇن دۇنيادىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ <<ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتى>>نىڭ مۇھىم قسمى بولغان <<ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى>>غا ئاكتىپ قاتنىشپ،تاراتقۇ-ئاخبارات ئارقىلىق پۇتۇن دۇنيانى ئويغۇتۇپ،ختتايلارنى دۇنيا خەلقىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز،ۋاقتىمىز ناھايتى چەكلىك،خەلقىمىز تارىخى جىددى بىر پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ !   ئ‍ۆتكەن بىر يېرىم يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى غەربىي رايون- شىنجاڭ (ش ت- ت) دىكى مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتا زۆر كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىر مىليونچە كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. ئۇلار بۇ ھەرىكەتلىرىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى چۈشمىگۈدەك، نارازىلىقى قوزغالمىغۇدەك ۋە خىتايغا ئارتۇقچە بېسىم قىلمىغۇدەك ھالەتتىكى مەۋھۇم مەخپىيەتلىكنى ساقلىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى چاقنىغان ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى ئاخىرى سورىقى قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بۇ شەرمەندىچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى جەنۋەدە ب د ت نىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا يۈز- تۇرانە جاۋاب بېرىشكە چاقىرىلدى. يىغىندا ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گەي مەكدوگال يەر مەيدانى گېرمانىيەنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان شىنجاڭ (ش ت -ت) نىڭ غايەت زور مەخپىي لاگېرلار بىلەن تولغان «كىشىلىك ھوقۇقسىز رايون» غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ۋە كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلار بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇنبەرلەردە جامائەتكە دوكىلاتلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشى ئىدى. پەرەز قىلىنغىنىدەك، ئۇلار يالغان جاۋاب بەردى. دۈشەنبە كۈنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىر رەھبىرى سۆزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن، شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن تاندى، ئەمما خاتالىق سادىر قىلغان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە جەمئ‍ىيەتكە لايىقلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «كەسپى تەربىيىلەش» مەركەزلىرىگە يوللانغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما رېئاللىق ئۇنىڭدىن كۆپ قاباھەتلىك. يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت مۇسۇلمانلىرى لاگېرلارغا سولانغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ لاگېرلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدۇ. تەخمىنەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشى ھېچقانداق رەسمى تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقىسىزلا لاگېرلاردا ئىدىيە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان. قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىلىرى، لاگېرلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئ‍ۇرۇق- تۇققانلىرىمۇ بار بولۇپ، مەكدوگال خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەللەردىكى ئوقۇشتىن قايتقان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ غايىپ بولغان ۋە بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن. لاگېر ئىچىدە تۇتقۇنلار ھەر تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنىڭ مېڭە يۇيۇشى، كومپارتىيەنىڭ شوئارلىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىش ۋە قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش ئارقىلىق بىر ۋاق تاماققا ئېرىشىش، دىندىن تېنىش بېسىمى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. كومپارتىيىگە قارشى بىر پۇقرانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىشىچە، لاگېردا قىيناق ۋە ئۆلتۈرۈلۈش دېگەنلەر ئادەتتىكى ھادىسە ئىكەن. ئ‍ومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە ۋەھشى بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بېرمىنىڭ روھىنگىيا مۇسۇلمانللىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان مىللى قىرغىنچىلىقىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان، مەزكۇر مەسىلىگە ھازىرغا قەدەر سۇس پوزىتىسىيە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ب د ت نىڭ بۇ يىغىنىدىن كۈچ ۋە ئېنىرگىيە ئالمىقى لازىم. 26- ئىيۇلدا شىنجاڭ (ش ت- ت) مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ئاچقان ئورگان رەئىسى ماركو رۇبىيو خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە مۇناسۋەتلىك بارلىق ئەمەلدارلىرىنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغۇچىلارنى جازالاشنى مەقسەت قىلىدىغان ماگىنېتىسكى قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەبىئىيكى، بۇ يەردىكى نۇقتىلىق ئوبېكىت – ئىككى يىل ئىلگىرى شىنجاڭ (ش ت- ت) نى قاتتىق باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەن كومپارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو. پرېزىدېنت ترامپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا چېتىلشلىق بولمىسىلا نەزەردىن ئاساسەن ساقىت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بېرما ۋە خىتايدەك كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان دۆلەتلەرنى جازاغا تارتىلماسلىق ئۇلارنى ۋە ئۇلارغا ئوخشىشغان باشقا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغانلىق ھېسبلىنىدۇ. ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ (ش ت- ت) مەسىلىسىگە بىرەر تەدبىر قوللانمىسا، ئۇ ھالدا دۆلەت مەجلىسى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ھىندستان ۋاقىت گېزىتى:ختتاينىڭ ئسلام بىلەن بولغان مۇناسۋىتى

پە ئاۋغۇست 23 , 2018
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئسمايىل ئاۋاق

You May Like