ۋېرگىنيە ئانا تىل مەكتىپىدە ئانا تىل كۈنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

ۋېرگىنيە ئانا تىل مەكتىپىدە ئانا تىل كۈنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

 ۋېرگىنيە ئانا تىل مەكتىپىدە ئانا تىل كۈنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى21-فېۋرال

ھەر يىلى 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق خەتەر ئاستىدىكى ئانا تىلنى قوغداش ئاساسى تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ۋېرگىنيە شتاتى فاير فاكس شەھىرىگە جايلاشقان ئانا كەير (ئانا مېھرى)ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ھەر يىلى بۇ بايرامنى ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 19-فېۋرال كۈنى يەكشەنبە بۇ مەكتەپ يېغىن زالىغا ئاتا-ئانىلار، ئانا تىل ھەۋەسكارلىرى، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار توپلىشىپ ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسى تېمىسى مۇھاجىرەتتە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئىگىلەش، ئانا تىلغا مۇھەببەت باغلاش، ئانا تىلنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا چوڭ-كىچىك ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلدا نومۇر ئورۇنلاش پۇرسىتى يارىتىلدى.

ئوغۇللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلاش نومۇرى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسا، روشەن خەمىت مۇئەللىمنىڭ پەرۋىشى ئاستىدىكى يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسىنىڭ چۈچۈك ۋە تاتلىق تىلدا ئۇيغۇر تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت مۇرەككەپ بىلىملەرنى يادلاپ ياكى ئوقۇپ كۆپچىلىككە سۇنۇش، ئىزچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ جۇشقۇن ناخشا ئورۇنلىشىمۇ مۇ چوڭلارغا ئانا تىلنىڭ داۋاملشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۈمىد نۇرىنى جۇلالاتتى.

پائالىيەتتە يەنە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى، شۇنداقلا  ئۆتكەن يىلقى ئانا تىل بايرىمى كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، پىدائىيلار، سەنئەت ئۇستازلىرى ئالاھىدە تەقدىرلەندى.

ئامېرىكىغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە ئۆزىگە سڭدۈرۈۋېتىدىغان ئوچۇق ۋە ئەركىن جەمئىيەتتە بالىلارنى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلايدىغان تەربىيەلەپ چىقىش ناھايىتى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولۇشى كېرەك.

پەرزەنتلەرنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قويۇق ئۇيغۇرچە كىيىنىشى، دوپپا، كانۋا، ئەتلەسلەرنىڭ جۇلاسى بۈگۈنكى پائالىيەتتىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىدىن ئىبارەت.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ

سە فېۋرال 21 , 2023
رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ

You May Like