ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مالايسىيادا بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مالايسىيادا بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا

« ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»  مالايسىيادا بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-ئاپرېل

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مالايسىيادىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيە « مالايسيا مىللىي بىرلەشمە تەشكىلاتى پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد خالىد نوردىن (Mohamed Khaled Nordin ) ۋە ئۆكتىچى پارتىيە « مىللىي ئادالەت پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە مالايسيا پارلامېنت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەزاسى سەيىد ئىبراھىم (Syed Ibrahim ) بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مالايسىيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇھىم پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇيغۇر تەرەپ ۋەكىلى، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى ۋە « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى مالايسيا تەرەپنىڭ خىتايغا قارىتا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بېسىم چۈشۈرۈشنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم كۈنتەرتىپتە تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.

مالايسيا تەرەپ ۋەكىللىرى مالايسيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن خىتايغا مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەردى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۆمەر قانات مالايسيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىدە ئىپتارلىق سۆز قىلدى

يە ئاپرېل 17 , 2022
ئۆمەر قانات مالايسيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىدە ئىپتارلىق سۆز قىلدى

You May Like